2009-12-29

تالانتلىق ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاشنى ئەسلەيمەن

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

تۇنۇلغان ياش يازغۇچى ھۈسەيىن تاش -2009يىلى -30ماي كۈنى كېچە سائەت 2دە ئاشقازان راكى بىلەن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى. ھۈسەيىن تاش -90 يىلاردىن كىيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ناھايتى تىز كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگۈچىلەر "ئۇنىڭ پروزا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېگىشكە بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر روھىتىنىڭ نازۇك قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىپ،ئىپادىلەش قىيىن بولغان نازۇك تۇيغۇلارنى چىرايلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن "،دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ "يىلان يىللىق قىز"،" ھېلىمنىڭ ھاممىسى"، "ئاققۇ"، "ئاجرىشىش خىتابنامىسى"،"يىرگىنىش"،" چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت" قاتارلىق پوۋېست،ھېكايىلىرى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئۆزىگە خاس ئىدىيۋى كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئۇسلوپىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان پىسىخكىسىىدىكى نازۇك قاتلاملارغا يۇشۇرۇنغان، ئەمما ئېيتىشقا جۇرەت قىلالمايدىغان خەتەرلىك رايونلارغا بۆسۈپ كىرىپ ، ئىنسانىڭ ئىچىكى دۇنياسىدا زاھىر بولۇدىغان سىرلارنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلغان ئىدى. ئۇ ياش ئەدىب ۋە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تالانتلىق ۋە جۈرئەتلىك ياش يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىشتىن سىرت ئىنسانىي پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ خۇش-چاقچاق، چىقىشقاق مىجەزى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كاندىن-كام ئۇچرايدىغان پىسخىك ئانالىز تىمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرى، پۈتكىلى ئون يىللارچە بولغان رومانى ۋە بىر قىسىم نەزىرىۋي ماقالىلىرى تەشۋىقات بۆلىمى تەرپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا نەشىرىيات، تەھرىر بۆلۈملەر تەرىپىدىن سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراپ ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي ئىشكاپلىرىدا بېسىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ بۈگۈن ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، ئۇ تېخى ياش ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر مۇھىت بولغۇنىش، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يۈ بىرىۋاتقان ئېغىر ئىجىتىمائى مەسىىلىلەر ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا كىلىۋاتقان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز روھى بېسىم، جىسمانى چارشاش، جەمىيەتتىكى تەڭسىز، ئادالەتسىز مۇئامىلىلەر ئۇنىڭ قېنىغا زەھەر بولۇپ قۇيۇلدى.ئۇ ۋىجدانلىق، ھەق-ئادالەت كۆز قارىشى ئېنىق يازغۇچى ئىدى.
ھۈسەيىن تاش -1966يىلى-12ئاينىڭ -22 كۈنى قەشقەر توققۇزاق ناھىيە بۇلاق سۇدا تۇغۇلغان.-1985يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىستوتتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ تىرىشچان تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ،فاكولتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ غوللۇق خادىملىرىنىڭ بىرى ئىدى. -1989يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى بىرىنچى ئاۋگۇست پولات-تۈمۈر شىرىكىتىگە قاراشلىق ئورتا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان،-1994يىلى پولات-تۈمۈر گېزىتىگە يۈتكىلىپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە شۇ يەردە تەھرىر، باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تالانتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە ئىقتىدارلىق قورقماس تەھرىر ئىدى، ئۇ باشقا تەھرىر بۆلۈملىرى ئىشلىتىشكە جۈرەت قىلالمىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆز گېزىتىدە ئىلان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.مەسىلەن "ئەركىنلىكتە ئۆلۈش" ھېكايىسى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.
ئۇنىڭ ئۆلىمى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش بولدى.بۈگۈنكىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل راڭ ۋە يۈرەك كىسەللىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇش كىلىۋاتقان ئېغىر بىر ئاقىۋەتتۇر.
ئىسىمدە قېلىشچە بىز ئۈچ ئائىلە يەنى مىنىڭ، ئەركىن نۇرنىڭ ۋە ھۈسەيىن تاشنىڭ ئائىلىسى بىرلىكتە ئاخىرقى قېتىم -1999يىلى -12ئاينىڭ22-كۈنى ھۈسەيىن تاشنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكەزگەن ئىدۇق. ئۇنىدىن كيىن ھۈسەيىننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قايتا خاتىرلىگەن ياكى خاتىرلىمىگەنلىكى ئىسىمدە يوق.
ھۈسەيىن تاش-1985يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستوتىنىڭ ئەدەبىيات پاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ۋاقتىدا مەكتەپنىڭ ئىجىتىمائى پەنلەر بىناسى مەكتەپ ئىچىدىكى ئالمىلىق باغنىڭ يېنىدىكى تۆت قەۋەتلىك كونا بىنادا ئىدى. بىزنىڭ سىنىپىمىز -3قەۋەتتە ئىدى،ھۈسەيىن تاشلار تۆتىنچى قەۋەتتىكى پەلەنپەيدىن چىققانلا يەردىكى سىنىپتا ئوقۇيتتى. ھۈسەيىن تاش مەكتەپتىكى چاغلىرىدا ساۋاغداشلىرى بىلەنمۇ كۆپ ئارلاشمايدىغان كام سۆز بالا ئىدى. كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى كىتاپ ئوقۇشقا سەرىپ قىللاتتى.خەنزۇ تىلى ئۆگۈنىشكە تولۇمۇ ھېرىسمەن ئىدى، قاچانلا قارىسا قولىدا قوڭۇر تاشلىق، لاتىن يېزىقىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتنى كۆرگىلى بولاتتى. بىز دەرىستىن كىيىنكى ۋاقتلىرىمىزدا مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تولا ئۇچۇرشۇپ قالاتتۇق.بىزنىڭ ئۇ يەردە قىلىدىغان ئىشىمىز "دۇنيا ئەدەبىياتى" ۋە "كۆرۈك)"ھازىرقى تەرجىمىلەر( قاتارلىق ژورناللانى ئوقۇش ئىدى.ئىسىمدە قېلىشچە ھۈسەيىن تاش ئۇ چاغلاردا تېخى ئىجادىيەتكە كىرىشمىگەن ئىدى، -1987ياز مەزگىلىدە بىر پارچە شېئىرىنىڭ "قەشقەر گېزىتىگە بېسىلغانلىقىنى دەپ بەرگەن ۋە كىيىن ماڭا كۆرسەتكەن ئىدى، ئەمما شېئىرنىڭ ماۋزۇسى ئىسىمدە قالماپتۇ. بىزگەرچە بىر سىنىپتا بولمىساقمۇ ئارىمىزدا ناھايتى قۇيۇق دوسلۇق مۇناسىۋەت بار ئىدى. -1987يىلدىن باشلاپ بىز پاكولتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا ئىككى يىلدەك بىرگە ئىشىلىدۇق. بۇ مەزگىلدە بىزنىڭ ئۇچۇرشىدىغان ۋاقتىمىزمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى.شۇ چاغلاردا ئۇ ئۆزىنىڭ شېئىرغا قارىغاندا ھېكايە يېزىشقا بەكىرەك قىزىقىدىغانلىقىنى ۋە ھېكايە يېزىشنى باشلىغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ چاغادا مەكتەپتە "ئۈمىد چېچەكلىرى" نامىدا بىر ئەدەبىيات ئۇيۇشمى بولىدىغان ،بىز ئۇيۇشمىنىڭ يىغىنلىرىغا ھەۋەسكارلار قاتارىدا قاتنىشىپ يۈرىيدىغان.كىيىن ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسى قەشقەر گېزىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، گېزىتنىڭ بىر سانىغا ئۇيشما ئەزالىرىنىڭ ئەسەرلرىنى بىرىدىغان بولدى. شۇلار قاتارىدا ھۈسەيىن تاشنىنىڭمۇ بىر پارچە ھېكايىسى بېسىلغاندەك ئىسىمدە. ئەگەر بېسىلغان بولسا بۇ ھۈسەيىن تاشنىڭ ئىلان قىلىنغان تۇنجى ھېكايىسى ھېساپلىنىدۇ.مەن -1988يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇرۇمچىگە كەلدىم، ھۈسەيىن -1989يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە كەلدى، بىز يەنە تېپىشتۇق.ھۈسەيىننىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھاياتىنى ئۇنى تۇنۇيدىغان نۇرغۇن دوسلىرى بىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشى ماڭا بەكلا ئېغىر كەلدى، بىز يىگىرمە نەچچە يىللىق دوس-بۇرادەرلەردىن ئىدۇق.

تولۇق ئوقۇش

2009-12-28

"ئەۋلىيا"

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

بۇرۇن بىر جاھانكەزدى بولغان ئىكەن.ئۇ يۇرتتمۇ-يۇرت ئارىلاپ يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا بىر ئىشەك دائىم ھەمرا ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ يەنە جاھانكەزدىلىكى بىلەن بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا قاراپ ئىشىكىنى مىنىپ يولغا چىقىپتۇ. نەچچە كۈن يول يۈرۈپ بىر چۆللىككە كەلگەندە ئىشىكى تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كىتىپتۇ. نەچچە ئون يىلدىن بىرى ئۆزىگە ھەمرا بولغان قەدىردان ئىشىكىدىن ئايرىلغان جاھانكەزدى يىغا زارى بىلەن ئىشىكىنى يول ياقسىغا كۆمۈپ قۇيۇپتۇ ۋە قايتاشىدا يوقلاپ ئۆتىشى ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ قەبرىسىگە شادا خاداپ بەلگە قىلىپ قۇيۇپتۇ. ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ جاھانكەزدى يەنە شۇ يولى بىلەن سەپەردىن قايتىپتۇ.ئۇ يېرىم يولغا كىلىپ قارىغۇدەك بولسا ئىشىكىنى كۈمۈپ قويغان قەبرە ئورنى گۈمبەزگە ئايلىنىپ زىيارەتچى، تاۋاپكارلار تۇلۇپ كىتىپتۇ. قەبرىنى ئوراپ تۇرغان گۈمبەزنىڭ ئىچىدە بولسا بىر شەيىخ ئىتىكاپتا ئولتۇرۇپتۇ، قەبرىگە ئۆزىگە سانجىپ قويغان بەلگە شادىسى بولسا شۇپېتى تۇرۇپتۇ، ئەمما شادىغا ھەر خىل لاتىلار باغلىنىپ سىرلىق بىر تۈسكە كىرىپتۇ. جاھانكەزدى بۇ يەردە نىمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئەتىراپتىكى تاۋاپكارلانىڭ بىرىدىن:
-بۇ قەبرىنى نىمىشقا تاۋاپ قىلىسىلەر-دەپ، سوراپتۇ. تاۋاپكار بولسا؛
بۇ قەبرە بىر ئۇلۇق ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ. جاھانكەزدى بۇ ئىشتىن ھەيران قېلىپ ئۇنىڭغا :
- توۋا ،بۇ قانداقىسىغا ئەۋلىيانىڭ قەبرىسى بولىدۇ،بۇ مىنىڭ ئىشىكىمنىڭ قەبرىسى-دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تاۋاپچى دەرغەزەپ بولۇپ باشقا تاۋاپچىلارنى چاقىرىپتۇ ۋە جاھانكەزدىنىڭ سۆزلىرىنى بايان قىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تاۋاپچىلار جاھانكەزدىنى تۇتۇپ باغلاپ،شەيىقنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپىرىپتۇ ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى شەيىقكە بايان قىلىپتۇ.شەيىق ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلىياغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك جىنايىتى ئۈچۈن ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپتۇ. جاھانكەزدى تۋاپچىلارغا يالۋىرپ:
-مەن ئۆلسەممۇ مەيلى،بۇ ھەققىەتەن مىنىڭ ئىشىكىمنىڭ ئۆلىكى كۆمىلگەن قەبرە، ئىشەنمىسەكلار قەبرىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭلار، ئەگەر ئۇنداق چىقمىسا مىنى قىيما-چىيما قىلىپ ئەۋلىياغا نەزىر قىلىڭلار- دەپتۇ. تاۋاپچىلار ئۇنىڭ يالۋىرىشلىرىدىن ئىككىلىنىپ شەيىقتىن ئۇنىڭ يالۋىرىشلىرىنى ئورۇنداپ بېقىشنى ئۈتۈنۈپتۇ. شەيىق تاۋاپچىلارنىڭ پىكىرىنى رەت قىلالماي قەبرىنى ئېچىپ بېقىشقا ماقۇل بوپتۇ. تاۋاپچىلار قەبرىنى ئېچىپ قارىسا دىگەندەك قەبرىدىن بىر ئىشەكنىڭ ئۇسقانلىرى چىقىپتۇ.بۇنىڭدىن تاۋاپچىلارنىڭ يۈزى قىزىرىپ جاھەنكەزدىنى قۇيۇۋىتىپتۇ.
دىمەك، ئەتىراپىمىزدا بۇنداق ئەۋلىيا سۈپەت تاۋاپگاھلار ئازمۇ؟ بەلكىم بىز ئەۋلىيا چۈشەنگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئاگاھ بول ئىنسان.

تولۇق ئوقۇش

تىمساقنىڭ كۆز يېشى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

تىمساق ھايۋانات دۇنياسىدىكى قەبى گۆشخور ھايۋان ھېساپلىنىدۇ،ئەمما ئىلمى كىتاپلاردا بايان قىلىنشچە ئۇ ھەر قېتىم تۇتۇۋالغان ئولجىسىنى يالماپ يۇتىشقا باشلىغاندا كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقارمىش.بەزى دانىشمەنلەر بۇنىڭغا پەتىۋا بىرىپ ،تىمساھ شۇنچىلىك يىرتقۇش بولسىمۇ يەنىلا رەقىبىنىڭ تەقدىىرىگە ئېچىنىپ ياش تۈكۈشنى بىلىدۇ ،دەپ تەرىپلەشتى.i. بەلكىم بۇ يەكۈننىڭمۇ ئۆزىگە تىگىشلىك توغرا تەرەپلىرى بولۇشى مۈمكىن،ئەمما مەن ئۇنداق دەپ قارىمايمەن.سىز" تىمساقنىڭ كۆز يېشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ"دېگەن ئبارىنى ئاڭلىغانمۇ؟تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللار بار ئۇلار كۆز يېشىنى باشقىلارنى ئالداشنىڭ ۋاستى قىلىۋالغان.ئۇلار كۆز يېشى بىلەن بىچارە كۈرۈنىشكە ئۇستا كىلىدۇ.ئۇنداقلار باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىنى قوزغاپ مەقسىدىگە يىتىش ئۈن ھەممە يەردە سوكىلداپ يۈرۈپ كۆز يېشى قىلىدۇ، غەيۋەتلىرىنى راسقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كىلىشتۈرۈپ كۆز يېشىدا بويايدۇ. "ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئاياللار "دېگەن بىر ماقالىدا بۇ خىلدىكى ئاياللارنى ئەرلەرنىلا ئەمەس بەلكى ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۈگۈنكى كۈندە تىمساقنىڭ يېشىنى يىغلايدىغانلار يالغۇز ئاياللارلا ئەمەس بەلكى، ئەرلەردىمۇ بار. ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا سۇرۇن تاللاپ يىغلاشقا ئۇستا كىلىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ يىغىسى ئاياللارنىڭ يىغىسىغا قارىغاندا تەسىرلىكىرەك ۋە تېخىمۇ بىچارىرەك كۆرىنىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا ئادەم راس سۆزگە قارىغاندا يالغان سۆزگە ئىشىنىشكە ئامراق كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنداقلارنىڭ بازىرى ناھايتى گۈللەنگەن بولىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

"پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى"

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مەرھۇم سەيپىدىن ئېزىزىنىڭ "پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى"دېگەن لەتىپىسى بەلكىم ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرىلىپ كەتتى،ئەمما ئۇنىڭدا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش رىئاللىقى ھېلىمۇ ئەتىراپىمىزدا مەۋجۇت.پاقىنىڭ ئەسلى نەسلىدىن ئالغاندا ئۇ قونداققا چىققۇچىلار تايىپىسىدىن ئەمەس.ئۇ ئۆتكۈنچى ياز كېچىلىرىدىكى كوكىراشلىرى بىلەن باشقىلارغا سۆزمەنلەر قاتارىدا تۇرۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ كوكىراشلىرنىڭ خۇددى ئۆزىنىڭ تېنىدەكلا سوغاق،يېقىمسىز ۋە تەكرار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.ھايات پەقەت تەجىربىلەر ئارقىلىقلا ئۆزىنى بېيىتىپ ماڭىدۇ. بولۇپمۇ ھەممىگە بىپەرۋا قارشقا ئادەتلەنگەن ئۇيغۇر ھاياتىدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ يۈز بىرىشى نورمال بىر ھادىسە سۈپىتىدا تىزلا قۇبۇل قىلىپ كىتىۋىرىدۇ.. راس، ئۇ ھاياتىدا قەلەمنى ئوڭشاپ تۇتۇشنمۇ ئۆگۈنىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ قەلەم ئىگىسى، ئۇ بىر پارچە سالام خەتنى تۈگۈتىپ يېزىپ باقمىغان، ئەمما ئۇ كاتتا يازغۇچى،ئۇ بالىسىنىڭ دەپتىرىگە بىر تال توغرا سىزقنى تۈز سىزىپ باقمىغان ئەمما ئۇ رەسسام،ئۇ ئۆمىرىدە بىر ھەدىسنىڭ مەنىسىنى ئۆز يولى بىلەن توغرا چۈشۈنىپ باقمىغان ئەمما ئۇ قالتىس ۋەزچى،ئۇ ۋەتەن دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقىمۇ جۇرەت قىلىپ باقمىغان ئەمما ئۇ داڭلىق ۋەتەنپەرۋەر...
بىر چاغدا قونداقدىكىلەردىن بىرى ماڭا دوق قىلىپ: قىزىقكەنسىز،بۇ پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرنىڭلا قولىدىن كىلىدىغان ئىش"دېگەن ئىدى. راس ئەمەسمۇ ،ھەممىگە ئەقىل كىتىدۇ. خەنزۇ تارىخىدىكى يازما خاتىرلەرگە قارىغاندا ئۇلار تارىختىن بۇيان باشقا قەۋىم بىلەن بولغان ئالاقىدە "قونداقتىكى ئاقىللار"دىن پايدىلىنىشنى بىلىپ كەلگەنمىش.

تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتسىيلىكلەرنىڭ سىرلىق مۇناسىۋىتى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

دۇنياغا تۇنۇلغان تۇركولوگ گۇننار ياررىڭ"ئۇيغۇرلار بىلەن شۋېتلارنىڭ تارىخى مۇناسىۋىتى" دېگەن ماقالىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتسىيىلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى تارىخى مۇناسىۋەت ھەققىدە توختۇلۇپ" : شىمالى ياۋرۇپادىكى كىچىك بىر دۆلەت بىلەن جوڭگونىڭ غەربى قىسىمىدىكى ئۇزاققىچە بىكىنمە ھالەتتە تۇرغان چوڭ بىر رايوننىڭ ئوتتۇرسىدا ناھايتى يېقىن مۇناسىۋېتلەرنىڭ بولۇشى كىشىلەرنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرۇشى مۈمكىن، بىراق بۇ بىر تارىخى رىئاللىق.بۇ خىل مۇناسىۋېتلەر ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇشتىن خېلى بۇرۇنلا باشلانغان ئىدى." دەيدۇ.شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەڭ بالدۇر يەتكەن زىمىنلارنىڭ بىرى ھساپلىنىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرى بىلەن تارىخى مۇناسىۋەتتە بولغان بۇ دۆلەتتە 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ.شىۋېتسىيىنڭ مول مۇزىي، ئارخىپخانىلىرىدا ۋە ئالى بىلم يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار ساقلىنىپ يېتىپتۇ. تەتقىقاتچىلار ۋە مىسسيونۇر يازغۇچىلار تەرپىدىن يېىزىلغان ئۇيغۇرلار مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىتاپلار دۆلەتلەك كۈتۈپخانىلاردا تىزىقلىق تۇرۇپتۇ. بۇلاردىن بىز ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ بولۇپمۇ شىۋېتلار بىلەن ئۇيغۇرلارننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ھېساپلانغان قەشقەرنىڭ ئوتتۇرسىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھاجايىپ بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى بايقايمىز. شىۋېتسىيەلىك بىلىم ئىگىلىرىدىن گوستاۋ راكېت، سۈېن ھېدېن ،گۇننار ياررىڭ ۋە بىرقىسىم يۇقۇرى بىلىم ئالغان شىۋېت مىسسيونۇرلىرىنىڭ قەشقەرنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى بۇ باغلىنىشلاردىن مۇستەسنا بولمىسا كېرەك.

قەشقەر بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش.

گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان قول يازمىلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچى گۈنىللا تۆرىنۋال "شىۋېتسىيىلىكلەرنىڭ شەرقى تۇركىستان قول يازمىلىرىغا بولغان ياردىمى" دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ "شىۋېتسىيە بىلەن شەرقى تۇركىستاننىڭ ئارىسىدا ئادەم ئىشەنگىلى بولمايدىغان بىر خىل باغلىنىش بار، بۇ بولسىمۇ شىۋېتلارنىڭ ئەجدادى شەرقى تۇركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەردىن كەلگەن دەپ قاراشتۇر."گۈنىللا تۈرۋال ماقالىسىدا بۇ خىل قارشنىڭ تارىخ يىلتىزىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.ئەسلىدە بۇ چۈشەنچە فرانسىيەلىك تارىخشۇناش پېتىس دېلا كروكىسنىڭ "چىڭگىسخاننىڭ تارىخى " دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇنى -17 ئەسىردە ياشىغان شىۋېتسىيىلىك شەرىقشۇناس يوھان گابېرىل سىپارۋېنفېلدنىڭ ئېغىزاكى بايانىدىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.كىتاپقا يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتنى قىستۇرما قىلىدۇ؛يىراق مەركىزى ئاسىيادا گېتېر دەپ ئاتىلىدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلار گۆتلار بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا قەشقەرنى مەركەز قىلغان بولۇپ،قەشقەر ئۆز زامانىسىدىكى چاسگارد ۋە ئاسگارد بىلەن ئوخشاشتۇر. شىۋېتلارنىڭ قەدىمى ئۇرۇش ئىلاھى ئاتالغان ئودېن دەل شۇ يەردىن بىر تۈركۈم تۈركى خەلقىنى باشلاپ سكاندىياۋېيە خەلقلىرىنىڭ يىلتىزى بولغان ئېسلاندىيىگە، يىتىپ كەلگەن. ئودېن مەركىزى ئاسىيادىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەنە ئاسىيالىق ئادەم دەپمۇ ئاتالغان.ئاپتورنىڭ قارىشچە، ئودېن مەيلى قەشقەردىن كەلگەن بولسۇن ياكى كەلمىگەن بولسۇن ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇندىن خېلى بۇرۇنلا يەنى -17ئەسىرىدىن باشلاپلا باشلانغانلىقىنى بىر تارىخى پاكىت ئىكەن. لۇند ئونۋېرسېتىنىڭ پروفېسىسورى سېۋېن لاگېربرىڭ-1764 بىر پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، شىۋېت تىلى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلىدا مۇئەييەن ئوخشىشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ۋە شىۋېتلارنىڭ خۇداسى ئاتالغان ئودېن ئاسىيادىن يولغا چىققاندا ئۆزى بىلەن بىرگە تۈركى تىللىرىنىڭ بىرقىسم قەدىمى سۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ كىيىنكى دەۋىرلەردە سكاندىناۋىيە مىللەتلرىنىڭ تىلىنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ، شىۋېتلار قەشقەردىن كەلگەن بىر تۈركۈم تۈركى خەلقلەر بىلەن ئىسلاندىيەدىكى خېرۋارار-ساگانلار نىڭ ئارلاشمىدىن پەيدا بولغان دىگەن بۇ قاراشنىڭ ئىلمىلىقىغا قارىتا بىر ئاساس پەيدا قىلىدۇ.
گەرچە بۇ قاراشلار ئىلىم ساھاسىدە ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىسىمۇ ئەمما شېۋېتسىيەلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى رىئال مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلىقى يەنى كىلىپ بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا خېلى بالدۇرلا باشلانغانلىقىنى تارىخى پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ ھەقتە توختالغان گۇننار ياررىڭ مۇنداق دەيدۇ"بىز قەدىمقى سكاندىياۋىينىڭ ئىېپوسلار دەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيا نىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر قاينىمىدىن ئويغۇنۇپ رىئاللىققا قايتىپ كەلگىنىمىزدە ،شىۋېتسىيە بىلەن مەركىزى ئاسىيانىڭ رېئال تارخى مۇناسىۋېتلىرىنىڭ شىۋېتسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئاپەتلىك يىللاردا باشلانغانلقىنى كۆرۈمىز.

ئۇيغۇر زىمىنىغا ئەڭ بالدۇر ئاياق باسقان شىۋېتسىيەلىك ئايال بېرگىتتا شېرزىنفېلىت

-1734 يىلى ستوكھولىمغا 50 ياشلىق بىر ئايال ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر دېدەك قىزنى ئەگەشتۈرۈپ ، ئىككى دانە شەرقى تۈركىستان خەرىتىسنى ئېلىپ يىتىپ كىلىدۇ .ئۇ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن شۇنچىلىك ئۇپىرغان بولۇپ، 35 يىلنىڭ ئالدىدا ئىرىغا ئەگىشىپ شىۋېتسىيىدىن رۇسلار بىلەن بولغان ئۇرۇش رايونىغا كەتكەن ۋاقتىدىكە پەقەت ئوخشىمايتتى.ئۇ قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارغا دەپ بىرىش ئارقىلىق ھايات سەرگۈزەشتىىلىرى ھەققىدە بىر كىتاپ نەشىر قىلىدۇرىدۇ.بۇ دەل ئۇيغۇرلار يۇرتىغا تۇنجى قەدەم باسقان تۇنجى شىۋېتسىيىلىك ئايال بېرگىتتا شېرزىنفېلىت ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئېكىسپېدىيە قىلغىلى بارغان ھەرقانداق بىر شىۋېتسىيىلىك ئېكسىپېدىيەچىدىن خېلىلا بالدۇر ھېساپلىنىناتتى
بېرگىتتا-1684 شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سكونې ئۆلكىسدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە ئاپىسىنىڭ تۇققانلىرى تەرپىدىن بېقىۋىلىنغان. بېرگىتتا 15ياشقا كىرگەن يىلى پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ماتس بېرنوۋ بىلەن توي قىلىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ماتسنى پولشاغا خىزمەتكە تەينلەيدۇ، بېرگىتتا ئېىرىغا ئەگىشىپ پولشاغا بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.-1703يىلى ئېرى ئۆلۈپ كىتىدۇ، ئەمما بۇ چاغدا شىۋېتسىيدىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق تۇققىنى قالمىغاچقا ئۇ رېگادا داۋاملىق تۇرۇۋېرىشنى قارار قىلىدۇ.-1709يىلى -6ئاينىڭ -28كۈنى شىۋېتسىيە ئارمىيىسى رۇسلار بىلەن بولغان پولتاۋا ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، 20000مىڭ ئادىمى بىراقلا رۇسلار تەرەپكە ئەسىرگە چۈشىدۇ. بۇ ئەسىرلارنىڭ ئارىسىدا بېرگىتتامۇ بار ئىدى.رۇس ئارمىيىسى ئۇرۇش ئەسىرلىرى ئارىسىدىكى 1600ئايال ۋە بالىلارنى ئۇدۇل موسكىۋاغا قۇللۇققا ئەۋەتىدۇ. -1712يىلى چارروسىيە پادىشاھسى بىرقىسم شىۋېت ئەسىرلەرنى سىبېرىيەگە سۈرگەن قىلىدۇ. ئۇلار ئېرتىش دەرياسىغا يېقىن كىلدىغان توبولسك دېگەن يەرگە جايلىشىدۇ. بۇ سۈرگۈنلەرنىڭ ئارىسىدا بېرگىتتا مۇ بار بولۇپ ،ئۇلار ئۇ يەردە خۇددى قۇللاردەك ناھايتى جاپالىق خزمەت قىللاتتى. بۇ دەل شەرقى تۇركىستاندا جۇڭغار مۇڭغۇللىرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، ئۇلار بىلەن رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشكەن ئېرتىش دەرياسى بۇيدىكى شىۋېت ۋە گېرمانلاردىن تەشكىللەنگەن ياللانما ئەسكەرلەر ئارىسىدا شىدەتلىك ئۇرۇش بولۇپ تۇراتتى. -1715يىلى 3مىڭ كىشلىك قۇشۇن بىلەن رۇس ئارمىيىسى موڭغۇللارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، بىراق ئۇلار مۇڭغۇلارنىڭ 10 كىشلىك قۇشۇنىغا تەڭ كىلەلمەي 700 ئەسكەردىن باشقىلىرى ئۆلۈپ ۋە ئەسىرگە چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كېڭەيمىچىلىك غەرىزىدە يۈرگەن چار روسىيە ئېمپىرىيىسى ئوردا غەزىنىسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سېبىرىيە ۋە ئالتاي تاغلىرى بويىدىكى ئالتۇن كانلارنى ئېچىپ، پايدىلىنىش مەقسىدىدە ئەسىرگە چۈشكەن بىرقىسىم تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا ئىگە شىۋېت ئوفىتسىرلىرنى رۇس ئېكىسپىدىيە ئۆمىكى تەركىبىدە جۇڭغار ئويمانلىقىغا قۇم ئالتۇن كانلىرىنى تاپقىلى ئەۋەتىدۇ. بىراق بۇ ئېكىسپىدىيە ئۆمىكى جۇڭغار قالماقلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. ئەسىرگە چۈشكەنلەر قاتارىدا شىۋېتسىيەلىك ئايال بېرگىتتامۇ بار ئىدى. ئۇ مۇڭغۇلار تەرپىدىن قۇلغا ئايلىىپ، ناھايتى ئېغىر مۇشەقەتلىك تۇرمۇشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.بىراق ئۇ كىيىن ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئىشچانلىقى بىلەن جۇڭغار مۇڭغۇللىرىنىڭ پادىشاھسى تەرپىدىن نەزەرگە ئېلىنىپ،مۇڭغۇل مەلىكىسى سېسوننىڭ خانىسىدا ئۆي خىزمەتچىسى بولۇدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇڭغۇللارغا ئەسىرگە چۈشكەن شىۋېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ لېتناتى،جۇغراپىيەشۇناش يوھان گوستاۋ رېنات بىلەن توي قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەسىرلىك ھاياتىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق تويى ئىدى.شۇ زامالاردا جۇڭغار مەلىكىسىنىڭ تويى تەييارلىقى ئۈچۈن 3 يىل ۋاقىت كىتەتتى. تويغا كېرەلىك نەرسە كېرەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن شۇ زاماننىڭ كېچىك بۇخاراسى دەپ نام ئالغان يەركەنگە بېرگىتتا قاتارلىق بىر بىرقىسىم كىشىلەرنى سودا كارۋىنى قىلىپ ئەۋېتىدۇ.بىراق بۇ قارشقا قارىتا ئۇيغۇرشۇناش گۇننار ياررىڭنىڭ ئېڭگىلسچە ماقالىلىرىدا باشقىچە قاراش مەۇۋجۇت بولۇپ، گۇننار ياررىڭ بېرگىتتانىڭ يەركەنگە بېرىشىنى جۇڭغار قالماقلىرىنىڭ شاھزادىسى يەركەندىكى ئۇيغۇر بېگىنىڭ قىزىنى ئەمىرىگە ئالغاندا قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن بارغان دەپ قاريدۇ.مەيلى قانداق بولمىسىۇن بېرگىتتا يەركەندە ئىككى يىل تۇرۇدۇ.-1727يىلى جۇڭغارخانى ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئورنىغا بالىسى خان بولۇپ تىكلىنىدۇ. ئۇ خان بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئامان قالغان ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ قۇللۇقتىن ئازات قىلىدۇ.بېرگىتتا ۋە ئېرى رېنات يەركەندىن ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن20نەپەر خوتەنلىك ئۇيغۇر دېدەك قىزنى ئەگەشتۈرۈپ شىۋېتسىيەگە قاراپ يولغا چىققىدۇ. بىراق يولدا يەنە رۇسلارغا تۇتۇلۇپ دېدەكلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۇلارغا بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ،بىرقىسمى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ. ئۇلار -1734يىلى -7ئايلاردا تىرىك قالغان 3 نەپەر ئۇيغۇر دېدەك قىزنى ئەگەشتۈرۈپ، شىۋېتسىيەگە ساق-سالامەت يىتىپ كلىدۇ. گەرچە بېرگىتتا خانىم ئۇيغۇرلار يۇرتىغا ئەڭ بالدۇر ئاياق باسقان بىر شەخىس بولسىمۇ ئۇنىڭ يەركەندىكى ئىككى يىللىق ھاياتى ھەققىدە تارىختا ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرلمىغان.ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن 3 ئۇيغۇر قىزى -1735 يىلى -12ئاينىڭ -14كۈنى چېركاۋدا چۈمىلدۈرلىپ خىرىستىيان مۇرىتى قىلىنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ كىيىنكى ھاياتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات قالدۇرلمىغان.پەقەت گۇننار ياررىڭنىڭ بىر ماقالىسىدا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئالتۇن ،يامان قىز،سارە ئىكەنلىكىى، ئۇلار چۈمۈلدۈرۈلگەندە ئالتۇن 32ياشتا بولۇپ، ئىسمىنى ئاننا كاتېرىناغا، يامانقىز 20 ياشتا بولۇپ ، ئىسمىنى مارىيا ستىناغا ، سارا 16ياشتا بولۇپ، ئىسمىنى سارا گرېتاغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.مەيلى قانداق بولمىسۇن بېرگىتتا ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ بالدۇر ئاياق باسقان شىۋېتسىيىلىك بولسا بۇ ئۈچ قىز شىۋېتسىيگە ئەڭ بالدۇر ئاياق باسقان ئۇيغۇرلار ھېساپلىنىدۇ.بۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋېتكە ئالاقىدار تەسىرلىك بىر ھېكايىدۇر. . بېرگىتتا ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەلگەن شەرقى تۈركىستان خەرىتىسى رېنات تەرپىدىن سىزىلغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەرىتىسى بولۇپ، خەرىتە شۇ چاغدا شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىغا تەقدىم قىلىنغان،بۇ خەرىتە كىيىن كىشىلەر نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ تاكى-1878يىلغىچە يۈز يىلدەك كۈتۈپخانا ئامبىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاشلىنىپ قالغان.ھازىر بۇ خەرىتىلەر شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋە لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق ماتىرىيالى سۈپىتىدە ساقلانماقتا. خەرىتىگە جۇڭغار ئويمانلىقى،تارىم ئويمانلىقى ۋە لوپنور كۆلى تەپسىلى چۈشۈرلگەن بولۇپ، بىرقىسىم شىۋېتسىيىلىك تارىخ تەتقىقاتچىلىرى لوپنۇر كۆلىنى ئەڭ دەسلەپ بايقۇغۇچى سۋېن ھېدېن بولماستىن بەلكى يوھان گوستاۋ رېنات بولۇپ، سۋېن ھېدىنىڭ لوپنۇر كۆلىنى بايقىغانلىق نەزىرىيىسى بىر تارىخى خاتالىقتۇر دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇرشۇناش گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان قول يازمىلار

گۇننار ياررىڭ ئۇيغۇر جامائىتىگە ناھايتى تۇنۇشلۇق بولغان شىۋېتسىيىلىڭ تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قوشقان تۆھپىسى يالغۇز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەسەر يېزىشلا بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە قەدىرسىز ھالدا كىشىلەرنىڭ تام-تۇرۇسلىرىدا ۋە ئامبار ئۆيلىرىنىڭ بۇلۇڭلىرىدا تاشلىنىپ ياتقان زور تۈركۈمدىكى قول يازمىلارنى يىغىپ ساقلىغانلىقىدۇر.ئۇ يىغىپ ساقلىغان بۇ ماتىرىياللار بۈگۈنكى كۈندە شىۋېتسىيىنىڭ جەنۇببىغا جايلاشقان لۇند ئونۋېرسىتىنىڭ بېتوندىن ياسالغان ئاتومبومبىسىنىڭ زەربىسىگىمۇ بەرداشلىق بىرەلەيدىغان يەر ئاسىتى كۈتۈپخانىسىدا ناھايتى قىممەتلىك ماتىرىيال سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ ساقلانماقتا.گۇننار ياررىڭ بۇ ماتىرىياللارنى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان مەزگىللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدىن ناھايتى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان بولسا ،بىرقىسمنى كېرەكسىز گېزىت پارچىلىرىغا تىگىشىۋالغان. بۇ ماتىرىياللارنىڭ تىللىرى ئەرەپ،پارىس، ئۇيغۇر تىللىرىدا بولۇپ ،بۇ قول يازمىلارنىڭ ئەڭ بالدۇرى-16 ئەسىرگە ئائىت بولسا كىيىنكى 19-ئەسىرلەرگە ئائىتتۇر. قول يازمىلار 560پارچە كىتاپ سۈپىتدە ساقلانسىمۇ ئەمما بىرقسىم توپلاملار نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن تىمىسى 1100دىن كۆپىرەك بولغان. بۇ قول يازمىلارنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى لۇند ئونۋېرسىتىتى تور بېتىنىڭ گۇننار ياررىڭ ساقلانمىلىرى مۇندەرىجىسى ئاستىغا تەپسىلى قۇيۇلغان بولۇپ ،قول يازمىلارنىڭ بىرنچى بېتىنىڭ فوتوكوپى نۇسقۇسىنى كۆرگىلى بولۇدۇ .بۇ قول يازمىلارنى مەزمۇن جەھەتتىن ئىنچىكە تارماق تۈرلەر بۇيىچە ئىپادىلەش قىيىن بولسىمۇ ئەمما چوڭ جەھەتتىن توۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلىشكە بولىدۇ.
-1رىسالە تىپىدىكى قول يازمىلار،مەسىلەن تۈمۈرچىلىك رىسىلىسى،دېھقانچىلىق رىسالى،دەرۋىشلىك رىسىالىسى، موزدوزلۇق رىسالىسى بوياقچىلىق رىسالىسى يامغۇر تىلەس رىسالىسى قاسساپلىق رىسالىسى،ناۋايچىلىق رىسالىسى ۋە باشقىلار
-2ھەرخىل تەزكىرىلەر بۇ تارىختا ئۆتكەن بىرقىسم دىننى شەخىسلەر قەھرىمانلار ھەققىدە يېزىلغان تەزكىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن:خوجا مۇھەمەد شىرىفنىڭ تەزكىرىسى،سۈت بىبىشاھنىڭ تەزكىرىسى،ھافىت مۇھەمەدشاھنىڭ تەزكىرىسى،سىيىت ئافاق خوجامنىڭ تەزكىرىسى، مۇققەددەس نومان ئىبىن سابىتنىڭ تەزكىرىسى ۋە باشقىلار
-3ھېكايەتلەر . بۇ ھەر خىل تىمىدىكى ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپىنچىسى يەنىلا دىننى ھېكايىلارغا باغلانغان. مەسىلەن: شەيىخ جافار سادىق ھەققىدە ھېكايە، شاھزادە سۇنۇبار ھەققىدە ھېكايەت،جامۇئىل ھېكايەتلىرى قىمارۋازنىڭ ھېكايىسى ۋە باشقىلار
-4دىنى تۈس ئالغان ھەر خىل پۈتۈك-دۇئا، قىسسسە ۋە قوللانمىلار. مەسىلەن، نىكاھ ۋە مېيىت كېپەنلەشكە دائىر بايانلار، ئاشىق-مەشۇقلار ئۈچۈن تۇمار پۈتۈكى، قىسسەسۇل ئەنبىيا، قۇرئان تەپسىرى ، ئاسايىشلىق ئۈچۈن قىرىق دۇئا، ناماز قايدىلىرى ۋە باشقىلار.
-5تارىخى ئەسەرلەر .مەسىلەن: تارىخى رەشىد، تارىخى ھەمىدى، ياقۇببەگنىڭ تارىخى، مۇھەمەدىيە، ياقۇببەگنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە بايان ۋە باشقىلار
-6كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىر-غەزەللىرى مەسىلەن. ناۋايى، خاراباتى،مەشرەپ، ئەخمەت يەسەۋى ۋە باشقىلار
-7ئەدەبى تۈس ئالغان ئەسەرلەر مەسىلەن: نۇرۇزنامە، تاماقلار مۇنازىرسى، كىتابى بەختىيار،شەھرى گۈلشەن، يۈسۈپ بىلەن زىلەيخانىڭ بېيتلىرى
-8باشقا ھەر خىل تىمىدىكى ئەسەرلەر: مەسىلەن: شاگىرتلار ئۈچۈن ئەۋزەللىكلەر، كېسەل داۋالاش رېتسىپلىرى،غاريىباتلار، ئىنسانىيەت ۋە ئۇنىڭ بەدىنى ھەققىدە ئىككى زىكىر ۋە باشقىلار
گۇنار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇ ماتىرياللارنىڭ بىر قىسمى نەشىر قىلىنىپ ئالىقاچان ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسمى يەنىلا كۈتۈپخانىنىڭ پىنھان جازىلىرىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى ۋە نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نەشىر قىلىشىنى كۈتۈپ ياتىدۇ. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى جوڭگو زىمىننىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتاشتا چىڭ تۇرسىمۇ شۇ زىممىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنى مىراسلىرىغا ئىگە چىقىپ ئۇلارنى رەتلەش ۋە نەشىر قىىش ئىشلىرىغا ھېچقاچان كۆڭۆل بولگەن ئەمەس.

شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەشقەر باسما ماتىرىياللىرى

شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردە شۇ دەۋىرنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىدىكى باسما زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىلگىرى شەرقى تۈركىستاندا بىرمۇ باسما زاۋۇتى يوق بولۇپ كىتاپلار قولدا يېزىلىپ ۋە كۆچۈرۈلىپ ئەسلى ئورگىنالى بۇيىچە سېتىلاتتى.ناھايتى ئاز ساندىكى تاش مەتپە بۇيۇملىرى تاشكەنت،سەمەرقەنت ۋە بۇخارالاردىن ئىنپورت قىلىنىپ بازارلاردا سېلىتاتتى. شىۋېتسىيە مىسسئونېرلىرىنىڭ قەشقەردىكى بازىسىدا خزمەت قىلغان لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ دوسسېنتى گوستاۋ راكېت بىر ماتىرىيالدا بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ"شەرقى تۈركىستاندا كىشىلەر ئوقۇغۇدەك تۈزىكىرەك كىتاپ يوق ئىدى،كىتاپ ھېساپلانغانلارنىڭ ھەممىسى قولدا يېزىلغان يازمىلار ئىدى، بۇ يەردە بىرەر گېزىتنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۇر قىلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە كىتاپ باسقۇدەك تاش مەتپە تېخنىكىسىمۇ يوق ئىدى. بىر قېتىم نۇرئاخۇن ئىسىملىق بىر شەرقى تۇركىستانلىق تاش مەتپە زاۋۇتى قۇرۇش ئۈچۈن ئىندىستاندىن تاش مەتپە ماتىرىياللىرىنى ئېلىپ كىلىدۇ ۋە قەشقەردە ئىككى كىتاپ باسىدۇ، بىراق باسقان كىتابىنىڭ سۈپىتى بەك ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ھېندىستانغا يەنە تېخنىكا ئۆگەنگىلىك كىتىدۇ. ئۇ ھېسندىستاندىن قايتىپ كىلىپ يەنە ئىككى كىتاپ باسىدۇ، بۇ كىتابى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولىدۇ، بىراق تەنەرقى بەك قىممەت بولۇپ كەتكەشكە ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزىنى ئوڭشاشقا قۇربى يەتمەي نامراتلىشىپ كېسەل بولۇپ ،ئازاپ بىلەن ئۆلۈپ كىتىدۇ." مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردە بىر باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى قارا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ باسما زاۋۇتى ئەسلىھەلىرى -1910يىلى تاملىنىپ،-1912 يىلى رەسمى ئىشقا كىرىشىدۇ. قەشقەردىكى بۇ باسمخانا تاكى -1938يىلى شىۋېت مىسسئونېرلىرى قەشقەردىن ئايرىلغۇچە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ شىۋېت مېسسئونېرلار باسما زاۋۇتىنىڭ تۆھپىلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەن ئىدى "قەشقەردىكى باسما زاۋۇتى بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستانلىق ياش يازغۇچى ۋە نەشىرىيات-باسما خادىملىرىنىڭ تەربىيلىنىشگە تۈرتكە بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركىستان ئىنقىلاۋى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگىمۇ كۆپ مەنپئەت يەتكۈزدى."ئۇلارنىڭ بۇ 26 يىل جەريانىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تۇنۇشىغا ۋە تاشقى دۇنيانى چۈشۈنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ ماتىرىياللار بۈگۈنكى كۈندە "قەشقەر باسما بۇيۇملىرى "دېگەن نام بىلەن شىۋېتسىينىڭ ھەر خىل ئارخىپخانىلىرىدا قىممەتلىك ماتىرىياللار سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقان بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ-20ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تارىخى رئاللىقىنى،سىياسى ئۆزگۈرۈشلەرنى مەدەنى ۋە مەنىۋى قىياپىتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە كام تېپىلىدىغان قىممەتلىك ماتىرياللار ھېساپلىنىدۇ. قەشقەر باسما ماتىرىياللىرى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىۋاتقان بۇ ماتىرياللارنى باسقان شىۋېت مىسسئومېرلىرىنىڭ باسما زاۋۇتى دەسلەپتە قۇرۇلغاندا دىننى كىاپلارنى بېسىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما كىيىنچە بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان.ئۇلار كىيىنچە باسما زاۋۇتىدا بېسىلىدىغان ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇن دائىرسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇنى تۈرلەرگە ئايرىغاندا تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-1خاس دىننى باسمىلار . بۇ ئىنجىل ۋە ئىنجىلگە مۇناسىۋەتلىك دىننى ھېكايىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
-2دەرىسلىك كىتاپلار. دەرىسىلىك كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسى شىۋېتسىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ۋە چوڭلار مائارىپىدا قوللىنىۋاتقان دەرىسلىكلەرنىڭ نۇسقۇلىرىغا ئاساسەن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ نەشىر قىلىنغان .مەسىلەن "شەرقى تۈركىستان تىلىنىڭ رەسىملىك ئېلىپبەسى"،"شەرقى تۈركىستان تىلى گېرماتكىسى، "ھېساپ"، ""قوللىنشچان گىيومېتىرىيە"،"جۇغراپىيە"، "ئاناتومىيە"، "تەبىئەت"، ئېڭگىلسچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت" ،"تۇرمۇش بىلىملىرى"،"كەشتىچىلىك"،"يىپەك ئىشلەپ چىقىرش تېخنىكىسى"،" سالام خەت يېزىش قوللانمىسى" قاتارلىقلار
-3ئەدەبى ئەسەرلەر .ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېڭگلىس، ئەرەپ، شىۋېت تىللىرىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان . مەسىلەن "ھەسەننىڭ ئۆيى"، "جىرىڭلىمايدىغان تىللا"، سەھرايى كەبىردە ئېزىققان ئىككى بىر تۇققاننىڭ ھېكايىسى"، بوساغا ۋە بولۇڭ"، " بۇلبۇلنىڭ ھېكايىسى". بۇلاردىن سىرت ئۇلار يەنە شىۋېتسىيەلىك نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئايال يازغۇچىسى سېلما لاگېروفنىڭ "مۇققەددەس فرانسىسكو"، "يەتتە خىل جان ئالغۇچى جىنايەت" لېۋىس ۋاللېسنىڭ" بېن خۇر" دېگەن ھېكايىلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلنىپ،بېسىپ تارقاتقان.
-4 تارىخى ئەسەرلەر. مەسىلەن "قەدىمقى زامان تارىخى"، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى"، " ئىسرائىلە تارىخى"،" قەدىمقى يادىكارلىقلار تارىخى"قاتارلىقلار بۇ تارخى ماتىرىياللارنىڭ بىرقىسمى بېسىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ بىر قىسمنى بېسىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.
-5گېزىتلار. ئەينى چاغدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى تەرپىدىن چىقىرلغان بىر قىسىم گېزىتلەر مۇشۇ باسماخانىدا بېسىلغان. مەسىلەن: ئىستىقلال"گېزىتى،" شەرقى تۈركىستان ھاياتى"،"ئەركىن تۈركىستان"،"يېڭى ھايات ھۆرىيىتى"،"يارۇقلۇق ئالتە شەھەرنىڭ روزىنامىسى" قاتارلىقلار
-6بانكا چېكى،سىياسى تەشۋىقات ماتىرياللىرى، ھەر خىل ئىلانلار، سايائەت ئاتكېرىتكىسى، پاسپورت ۋە ھەر خىل تالونلار . باسما زاۋۇتىنىڭ بىر قېتىملىق ستاتىسكا ماتىرىيالىغا ئاسالانغاندا ئۇلار شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن 42800 دانە پاسپورت بېسىپ بەرگەن.
-7كالاندار . شىۋېت مىسسئونېرلىرى -1908يىلدىن باشلاپ "شەرقى تۈركىستان يىلنامىسى "نامىدا كالىندار بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ كالاندار تاكى-1938 باسما زاۋۇتى ئىشتىن توختىغىچە بولغان ئارلىقتا داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ تۇرغان.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ قىممەتلىك ماتىرىياللار شىۋېتسىيەدىكى ھەر قايسى كۈتۈپخانا ۋە ئارخىپىانىلاردا ساقلانماقتا.

شىۋېت ئارخىپىانىلىرىدىكى قىممەتلىك رەسىملەر

شىۋېتسىيە ئۇيغۇرلارغا دائىر رەسىم مىقتارى ئەڭ كۆپ ساقلىنىۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت بولسا كېرەك. گەرچە فىللاندىيە،گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەلەردە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىلدار بىر قىسىم رەسىملەر ساقلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما مىقتار جەھەتتە شىۋېتسىيەدىكىگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن تۇرۇدۇ. ھازىر بۇ رەسىملەر شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانا، ستوكھولىم شەرھەر مەركىزىدىكى تېگنېر كوچىسىغا جايلاشقان شىۋېتسىيە مىسسونېرلار باش جەمىيىتىنىڭ ئارخىپىانىسى ۋە لىدىڭۆ رايونىغا جايلاشقان مىسسونېرلار جەمىيىتنڭ ئارخىپخانىلىرىدا ساقلانماقتا.
بۇ رەسىملەرنىڭ كۆپىنچى 1892يىلدىن -1938يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئاللىقىغا ئائىت تارىخى سۈرەتلەر بولۇپ، بۇلارنى مۇشۇ مەگىللەردە شەرقى تۇركىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىۋېت مىسسونېرلىرى تەركىبىدىكى فوتوگراپلارا تارتقان. رەسىملەر ئەينى چاغدا شەرقى تۇركىستاندىن يۇرتىغا قايتقان شىۋېت مىسسونېرلىرىنىڭ قولىدا ساقلانغان بولۇپ، يىغما شەكلىدە ئارخىپلاشتۇرلمىغان ئىدى. ھازىر بۇ رەسىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كىشىلەر قوللىرىدىن يىغىۋېلىنىپ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئارخىپخانىلاردا ئارخىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سانى 20مىڭ دانىدىن ئاشىدۇ.بۇ رەسىملەرنىڭ 14 مىڭدىن كۆپىرەكى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانا كاتولىگىنىڭ شەرقى تۇركىستان نامىدىكى تىزىملىك ئاستىغا قۇيۇلغان بولۇپ، بۇلار 159 قاپتىكى 3116 پارچە تاختىغا چاپلانغان 8631 پارچە رەسىم بىلەن 17 ئالبۇمغا يىغىنچاقلانغان 5500 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپىانىسى ھەپتىدە 6كۈن ئۇچۇق بولۇپ، بۇ رەسىملەرنى كۆرۈشنى خالىغۇچىلار خالىغان ۋاقىتتا بېرىپ ھەقىسىز كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە، ئەگەر كۆچۈرۋېلىشىنى خالىغۇچىلار ئازى مىقتاردا پۇل تۆلەپ خالىغانچە ھەرخىل شەكىلدە كۆچۈرىۋالسىمۇ بولىدۇ.

تولۇق ئوقۇش