2012-03-20

شاتگۈل ئۇيغۇر

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

Photobucket

1988-يىلى 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شاتگۈل ئۇيغۇر ئىشىكىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇلغان سۇ نازارىتىنىڭ ماشىنىسى پارتلاپ كېتىپ قازا قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شاتگۈل ئۇيغۇر 1988-يىلى 8-مارت28 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسىنى كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ياكى قاتىلنىڭ تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغىنى يوق.
ئەينى چاغدىكى جامائەت پىكرىگە ئاساسلانغاندا ماشىنىغا بومبا قويغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي گازارمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سۇ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان ئۇيغۇر مىنوفنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن، ئەمما ماشىنىغا شاتگۈل دادىسىدىن بۇرۇن چىققانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئورنىدا ۋەقەگە دۇچار بولۇپ قازا قىلغان.
مەرھۇم شاتگۈل ئۇيغۇر 80-يىللاردا كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ،1980-يىلى چاڭچۈن كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن «قالدۇق قار» ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن «رەنانىڭ تويى»، «ئارتىس بولمايدىغان قىز»، «سىرلىق كارۋان» قاتارلىق فىلىملەردە ئارقا-ئارقىدىن رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئاكتيورلۇق ساھەسىدىكى تالانتىنى نامايان قىلغان ئىدى.
شاتگۈل ئۇيغۇر 1960-يىلى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋەقەگە يولۇققان ۋاقتىدا ئەمدىلا 28 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بەرنا قىز ئىدى.
شاتگۈل ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تەسىرى زور بولغان، ئۇيغۇر جامائەت ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. شۇڭا شائىر ياسىن ئىمىن «شاتگۈل» نامىدا كىتاب يېزىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلدۇرغان ئىدى. كىتابتا شاتگۈل، دادىسى ئۇيغۇر مىنوف ۋە چوڭ دادىسى مىنوفئاخۇن قاتارلىق 3 ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، كىتابقا يەنە شادگۈلنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن. كىتاب نەشر قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، كىتابخانىلاردا سېتىش مەنىي قىلىندى ۋە ئاپتورى ياسىن ئىمىننىڭ يېزىقچىلىق ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.
ھەممىدىن خەۋەردار بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ ئەينى يىللىرى جامائەت سورۇنلىرىدا بىلدۈرۈشىچە شاتگۈلنىڭ دادىسى ئۇيغۇر مىنوف ئەلسۆيەر، جامائەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ بېرى بولۇپ، سۇ نازارىتىگە نازىر بولغان يىللىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئىكەن.
«شاتگۈل» ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، شاتگۈل ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىنوفئاخۇن 1947-يىلى -2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي گومىنداڭچىلىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرگە قارشى قوزغىغان 25-فېۋرال ۋەقەسىدە پۇقراچە كىيىنگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. مىنوفئاخۇن شۇ يىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولغان بۇرھان شەھىدىنىڭ شوپۇرى ھەم قوغدىغۇچىسى بولغان.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى

تولۇق ئوقۇش

مەن كۆرگەن تۇنجى ئالىم- ڧىزىكا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مۇھەممەد ئابدۇسالام

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

Photobucket

1988-يىلى 7-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئىدى. بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانلىرىمىزنى تاماملاپ خىزمەت تەقسىماتىنى كۈتۈپ تۇراتتۇق. قەشقەردە 7-ئاي مەزگىلى ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا چۈش مەزگىللىرى مەكتەپ ئىچىدە ئادەم قالمايتتى. مەن بىرقانچە ساۋاقدىشىم بىلەن مەكتەپنىڭ ئالمىلىق بېغىدا سايىدىغاچ پاراڭ سېلىپ ئولتۇراتتۇق. باشقا سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى كېلىپ ، سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مېنى مەمۇرىيەت بىناسىغا چاقىرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەن بارسام سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ:
-تىز بۇلۇڭ، مەن سىزگە خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن، بۈگۈن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم مۇھەممەد ئابدۇسالام بىلەن ئۇچرىشىش بولماقچى ئىدى، ئەسلىدە بىر پاكولتىتتىن بىردىن ئوقۇغۇچى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان،- دېدى.
بىز بىناغا كىرسەك ئۇلار ئۇچۇرشۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كارىدوردا كىلىۋاتقان ئىكەن. يېنىدا مەكتەپ باشلىقى چوڭھاجى، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ماۋۇن باشلىقى مەمەت يۈسۈپ ۋە باشقا بىرقانچە ئوقۇتقۇچىلار ھەمرا بولۇپ بىرگە كېلىۋىتىپتۇ. بىز ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇق. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمىزدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما بۇ ئارزۇلىرىمىزغا يېتىشنى خۇددى چۈشتەك ھېس قىلاتتۇق.شۇڭىمۇ ئۆزۈم سەل جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتىم.بىراق كۆڭلۈمدە ئۇ ئادەمنىڭ بىر ئالىملىقىغا ،بولۇپمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك بىر ئالىملىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتى. ئالدىمدا كىلىۋاتقان بۇ ئادەم كۆزۈمگە خۇددى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر يازغۇچىدەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. چۈنكى بېشىغا چىمەن دوپپا كىيگەن،كۆزىگە كۆزەينەك تاقىغان،ئىڭئەكلىرىنى قويۇق ساقال باسقان ،ئۇچىسىغا چىپەرقۇتسىمان سۇس خورمارەڭ رەختىن كاستۇم كىيگەن، يېشى 60 ئەتىراپىدا كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمنىڭ تەقى- تۇرقى قاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن ھېچبىر پەرقسىز ئىدى. شۇ چاغدا مەن بۇ ئادەمنى شائىر ئەخمەت زىيائىغا بەكمۇ ئوخشاتقان ئىدىم.
ئارىمىزغا بەش مېتىرچە ئارلىق قالغاندا ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدىم ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم. يېنىمىزدا تۇرغان ڧىزىكا پاكولتىتىنىڭ ياش بىر ئوقۇتقۇچىسى مېنى تۇنۇشتۇرۇپ:
-ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، سىزگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كېلىپتۇ- دېدى.
-يۈرۈڭ بىز بىلەن بىرگە ماڭغاچ ئەدەبىيات ڧاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئوقۇيدىغان دەرىسىڭلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ، - دېدى. مەن ئوقۇغان دەرىسىلىرىمىزدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم.
- سىلەر پاكىستان ئەدەبىياتىغا دائىر لېكسىيە ئاڭلىدىڭلارمۇ، بىرەر پاكىستانلىق يازغۇچىنى بىلەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ مەندىن .
- ياق، -دەپ جاۋاپ بەردىم مەن سەل خىجىل بولۇپ،- بىزنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتى دەرىسلىكىمىزگە پاكىستان ئەدەبىياتى كىرگۈزىلمىگەن.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ، - يۈرۈڭ بىز بىلەن بىرگە بېرىڭ ، بىز ھازىر مەكتەپ ئىچىنى كۆرمەكچى-دېدى ئۇ يەنە قولۇنى مۈرەمگە قۇيۇپ تۇرۇپ.
بۇ سۆزلەرنى ڧىزىكا پاكولتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەرجىمە قىلىپ بەردى. مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدىم. مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ھاۋا ئىسسىق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھان مەزگىلى بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سالقىن ۋە سايە يەرلەرگە ئۆگىنىش قىلغىلى كەتكەن ئىدى. ئالمىلىق باغدا پەقەت بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچىلار كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئالىم مۇھەممەد ئابدۇسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلار بىلەن ئالمىلىق باغدا بىرقانچە پارچە سۈرەتكە چۈشتى. بەلكىم قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە مەكتەپنىڭ رەسىملىك ژۇرنىلى كۆرگەنلەر بولسا بۇ رەسىملەرنى كۆرگەنلەر بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ چاغلاردا نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان بۇ ئالىم ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچەم ياكى بىلىمىم يوق ئىدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ ئالىم پۈتۈنلەي ناتۇنۇش ئىدى. كۆپ ئىزدەنگەن بولساممۇ گېزىت –ژۇرناللاردىنمۇ بۇ ئالىم ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرلار تاپالمىغان ئىدىم. ڧىزىكا پاكولتىتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىدىن:"دوكتور ئابدۇسالام پارچىلانمايدىغان ئاتوم زەررىچىسىنى پارچىلاپ يېڭى زەرىچە پەيدا قىلىپتۇ، ئۇنىڭغا ئابدۇسالام زەررىچىسى دەپ، نام بېرىپتۇ" ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
1989-يىلى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالامنىڭ "ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئسلام ئەللىرى" نامىدا بىر كىتابچىسى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى. كىتابچە ئەسلى ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بولۇپ، كىتابچىدا غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرغا قويغان بىر قىسىم نەزەرىيە ۋە بايقاشلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئىسلام ئالىملىرى تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نەزەرىيە ياكى بايقاشلار ئىكەنلىكىنى ئەمىلى مىساللار بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت كىتابچىدا يەنە تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۆجىزىلەر ۋە قولغا كەلگەن ئىلىم-پەن تەرەققىياتلىرىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەر بىلەن شەرىھلەپ چۈشەندىرىدۇ. مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ كىتابچىنى قايتا-قايتىلاپ ئوقۇغان ئىدىم ھەم دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم.
كېيىن بۇ ئالىم ھەققىدىكى ماقالىلار گېزىت-ژۇرنال ۋە ئېنتېرنىت سەھىپىلىرىدە كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەن بۇ ماقالىلەردىن شۇنى بىلدىمكى، ئالىم، دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئەسلىدە ئاجىز ئېلېكتېر كۈچىنىڭ ئاجىز يادرو كۈچى بىلەن ئېلېكتېر ماگنىت كۈچنى مەنبە قىلىدىغانلىقىدەك بىر بايقاشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى ئۈچۈن 1979-يىلى نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور مەنپەئەت يەتكۈزگەن . ئۇنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىنى ئوقۇش مۇكاپاتى قىلىشى ئارقىسىدا ھازىرغىچە 20 يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ڧىزىكا ساھاسىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان.
مېنىڭ بىلىشىمچە دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئۇيغۇر يۇرتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىردىن-بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن مەندەك بىر ئىخلاسمەنى ئۈچۈن بۇرۇچ، دەپ قارايمەن.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ستوكھولۇم

تولۇق ئوقۇش

2011-12-10

-12 دىكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە مۇناسۋەتلىك قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىدا يۈز بەرگەن كىچىكىنە بىر ۋەقە.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

1985-يىلى9-ئايدا بىز تەتىلدىن يىغىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلسەك قەشقەردە غەيرى تىپلىق جىگەر كېسىلى تارقالغان مەزگىل ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىز تاماق قاچىلىرىمىزنى ياتاق، سىنىپلاردا ئوپچە قويماي ئايرىم خالتىلارغا سېلىپ كۆتۈرۈپ يۈردۇق. ئۇ چاغلاردا خەت يېزىشىشتىن باشقا ئالاقە ۋاستىسى بولمىغاچقا ۋەتەننىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن خەت يېزىشىپ ئەھۋال سورىشاتتۇق، پىكىر ئالماشتۇراتتۇق.ئادەتتە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارلىقىدا خەت 7 كۈندە تېگەتتى.نويابىر ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار نىڭ ئارىسىدا قەشقەردە تارقالغان جىگەر كېسىلى، شىنجاڭدىكى ئاتوم سىنىقىڭ تەسىرى ۋە باشقا مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇش ئويدا بولىۋاتقانلىقنى ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر بارلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ راس- يالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇنداق مىش-مىش گەپلەرنىڭ ھەرخىل ۋارىيانتلىرى ئېقىپ يۈرەتتى.
ئىسىمدە قېلىشچە نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئۇ چاغدا بىز مەكتەپتە 6 كۈن ئوقۇپ ،پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا دەم ئالاتتۇق. يەكشەنبە كۈنى تاماق ئىككى ۋاقلا بېرىلگىنى ئۈچۈن ئەتتىگەنلىك تاماق ۋاقتى سائەت 10دا بولاتتى. تاماق يېگىلى ياتاق بىناسىدىن سىرتقا چىقسام ھاۋا شۇنچىلىك بۇلۇتلۇق، ھازىرلا قار ياغىدىغاندەك بىر خىل شىۋىرغانلىق ئىكەن. ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتىقى تەبىئىي پەن بىناسىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئىگىزلىككە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن پەلەمپەي ئارقىلىق پەسكە چۈشۈپ ، تەبىئىي پەن بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلسەم مەكتەپ ئىچىدىكى تۆت دوقمۇشتا تاماققا ماڭغان 5،6 بالا ستولبىغا چاپلانغان قەغەزدىكى بىرنىمىلەرنى ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ چاغدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسىدىن كۈتۈبخانا بىناسىغا تاقاشقان يول بىلەن ئىجىتىمائى پەن بىناسى ۋە تەبىئىي پەن بىناسىنى بويلاپ بىر ئۇچى ئاشخانىغا يەنە بىر ئۇچۇ ئوقۇغۇللار ياتاق بىناسىغا تۇتاشقان يولنىڭ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان مۇشۇ بىرلا چوڭ تۆت دوقمۇش بار ئىدى. شۇڭا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تاماققا بېرىش ئۈچۈن ھەممىسى مۇشۇ يولدىن ئۆتەتتى. مەنمۇ بېرىپ ئاشۇ توپلۇشۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار قاتارى ستولبىغا چاپلانغان خەتنى ئوقۇدۇم. خەتتە ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرۋاتقان زىيىنى، ئىچكىردىن چىقىۋاتقان خەنزۇ كۆچمەنلەرنى توختۇتۇش، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى باراۋەرسىزلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇتنى چەكلەش، ئالىي مەكتەپلەردە يولغا قۇيۇلغان خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە باشقا مىللىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەندىن سىرت ئەڭ مۇھىمى شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەمەتنى شىنجاڭدىن بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەكېتىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئىسمائىل ئەمەت بېيجىڭغا كەتسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر يوقۇتۇش بولىدىغانلىقى ، شۇڭا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى يېزىلغان ئىكەن.مەن خەتنى تولۇق ئوقۇپ بولغۇچە تاماققا ماڭغان خېلى كۆپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىمىزغا توپلاشتى. ئادەم كۆپەيگەنچە ئالدىدا كېلىپ ئوقۇغانلىرىمىز كىيىنكىلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتۇق. تاماق يەپ بولۇپ چىقسام ستولبىغا چاپلانغان خەتنى ئالىقاچان ئېلىۋېتىپتۇ. باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم بۇ ئىش دەرھال مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قۇلۇقىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇراخمان شۇجى كىلىپ ئېلىپ كىتىپتۇ. ئابدۇراخمان شۇجى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل ماۋۇن سېكىرتارى ئىدى. بۇ ئادەم سېپى ئۈزىدىن تۇغما قىپ-قىزل ئادەم بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەيلى قىز ، مەيلى ئوغۇل بولسۇن بۇ ئادەمنى ياخشى كۆرۈدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوق ئىدى .
گەرچە بۇ خەت ئېلىۋىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق خەتنىڭ مەزمۇنى باشقىلارغا يىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۇشۇرۇن غۇلغۇلىغا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ ۋەزىيىتى ئانچە تىنچ بولمىدى، ئۈرۈمچىدىنمۇ خەت ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇلۇپتۇ، پات يېقىندا نامايىش بولغۇدەك دېگەن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. گەرچە ئوقۇش نورمال داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسى-يادى ئوقۇشتا ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدە بولىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇ ھەققىدە كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭلىشىىشتا ئىدى. گەرچە بىزنىڭ قاچان نامايىش بولدىغانلىقىدىن ئېنىق خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ ، ئەمما بىزدىن يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىنىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلغانتۇق.
-12دېكابىر قەشقەردە ھاۋا ناھايىتى ئۇچۇق ئىدى. ئەتتىگەنلىك ئىككى سائەتلىك دەرستىن كىيىنكى ئارلىق گىمناستىكىغا چىقتۇق. مەكتەپتىكى بارلىق سىنىپلارنىڭ بىكىتىلگەن گىمناستىكا ئويناش ئورنى بار ئىدى. بىزنىڭ ئورنىمىز كۈتۈبخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ۋاسكىتبول مەيدانى ئىدى. بىز مەيدانغا چىقساق باشقا سىنىپلار تېخى دەرستىن چۈشمىگەن ئىكەن. بىزنىڭ ئارقىمزدىنلا خىمىيە فاكۇلتېتى 83-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى چىقتى. بىز بىر ئوقۇتۇش بىناسىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى ئاساسەن تۇنۇيتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ گىمناستىكا ئويناش ئورنى كۈتۈبخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا بولۇپ بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بويى پاكارراق، دىقماق، گەۋدىسى كەڭرى، بۇرنى قاڭشارلىق بىر بالا بولىدىغان، ئۇ تۇيۇقسىزلا قوينىدىن ئۇزۇن بىر لاتىنى چىقاردى، ئۇنىڭغىچە قالغان بىر -ئىككى ئوغۇل بالا يول ياقىسىدىكى دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ چوڭراق شاخلىرىدىن ئىككىنى سۇندۇردىدە لاتىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئۆتكۈزۈپ،يۇقۇرى كۆتەردى. بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار لاتىغا نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىغا قارىماستىن "نامايىش" دەپلا ئۇلار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق ۋە ئۇلارغا بېرىپ قوشۇلدۇق. مەقسىدىمىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، قەشقەر شەھىرىنى ئايلىنىپ نامايىش قىلىش ئىدى. بىز ئىككى سىنىپنىڭ بالىلىرى تىزىلىپ دەرۋازىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇنىڭغىچە باشقا سىنىپنىڭ بالىلىرىمۇ دەم ئېلىشقا چىقتى، ئەمما بىزگە قۇشۇلغانلىرى ئانچە كۆپ بولمىدى، كۆپىنچىلىرى يولنىڭ ئىككى چېتىگە يىغىلىپ بىزگە قاراپ تۇرۇشتى. بىز دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسى ئالىقاچان ئىتىۋېتىلگەن ، ئابدۇراخمان شۇجى، بىرقانچە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن قولىغا كاناي ئېلىپ دەرۋازا ئالدىدا
بىزنى تۇسۇپ تۇرغان ئىكەن.خىمىيە پاكولتېتىدىن چىققان نامايىش باشلامچىسى ھېلىقى بالا مەكتەپ مەسئۇللىرىغا "بىز چېكىنمەيمىز " دەپ قاتتىق جاۋاب بەردى. بىزمۇ تەڭ ئەگەشتۇق. نامايىش توپىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، تەخمىنەن 70-80 بالا بار ئىدى. ئۇنىڭغىچە ھەرقايسى سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرى ئالدىمىزغا كېلىپ بىزگە يالۋۇرغىلى تۇردى. ھېچكىم توپتىن ئايرىلىپ باشلامچى بولۇپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايتتى. ئارىدىن بىر سائەتلەر ئۆتكۈچە تالاش تارتىشلار، تەربىيە ئىشلەشلەر ۋە قورقۇتۇشلار بولدى، ئاخىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بىردىن-ئىككىدىن تارتىپ مېڭىشلىرى بىلەن تارقاپ كەتتۇق. ئەمما سىنىپقا كىرىپلا بۇ ھەركەتنى خاتا ، دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندۇق. بىزنىڭ سىنىپىمىزغا سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆمەر ئوسمان)ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى( ئابدۇراخمان شۇجى، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمان) بۇ ئادەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سېلشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىردىن-بىر تەتقىقاتچى، پىرافىسۇر ئىدى.-90يىلارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ پىرافىسۇر بولغان ئىدى. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى راك كېسلى بىلەن تۈگەپ كەتتى.( ، ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ باشلىقى ۋاھىتجان غۇپۇر ) ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماۋۇن باشلىقى(قاتارلقلار كىردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە ئىدىيە ئۆزگەرتىش، ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنى ئېلىپ باردۇق. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا پەقەت يېرىم سائەتلا قۇيۇپ بېرىلدى. تاماققا چىقىش ئارلىقىدا دوسكىغا داغستانلىق شائىر رەسۇل ھەمزانىڭ بىر شېئىرىنى يېزىپ قويدۇق. بۇ شېئىرنى مەن دەپ بەردىم يەن بىر ساۋاقدىشىم داسىكىغا يازدى)ھازىر بۇ ساۋاغدىشىم ئاقسۇدا ئىشلەيدۇ(شېئىر مۇنداق ئىدى.
قايتىپ كەلدىم تاغلار-ئېدىرلار،
ئۆزگۈرۈپتۇ راسلا ئېلىمىز.
باشقا تىلدا سۆزلەيدۇ بالىلار،
ئۆلىۋاتامدۇ ئانا تىلىمىز.

ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەش ۋە يېزىش،
بارغانچە نېسىپ بولمامدۇ بىزگە.
ئەي، بىلمەي تۇرۇپ يۆتىلىشنى،
ئالدىرايدىكەنمىز دەريا- دېڭىزگە.
ئەسلى بۇ شېئىرنى "كۆرۈك" ژورنىلىنىڭ) ھازىرقى ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلى-80(يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سانلىرىنىڭ بىرىدىن ياخشى كۆرۈپ يادلىۋالغان ئىدىم.
تاماق يەپ بولۇپ سىنىپ ئالدىغا كەلسەم بالىلار ئىشىك ئالدىدا سىنىپقا كىرەلمەي تۇرۇپتۇ، قارىسام ئىشىك تاقاق ، قۇلۇپنىڭ ئاچقۇ سالىدىغان يېرىگە بىرى ياغاچ تىقىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭغىچە سىنىپ مەسئۇلىمىز، ئابدۇراخمان شۇجى، ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمانلار كەلدى. ئىشىكنى ئېچىش مۇمكىن بولمىدى. ئابدۇراخمان شۇجىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، ئەمما ئىشىكنى ئېچىشقا ئامال تاپالمىدى. بىز ساۋاغداشلار ئىچىمىزدە"خوپ بوپتۇ" دەپ تۇرۇشتۇق. شۇ ئەسنادا ساۋاقدىشىدىن بىرى يېنىمغا كېلىپ ، ھېچكىم سىنىپقا كىرەلمىسە تۈگىمەس يىغىندىن قۇتۇلىمىز، دەپ ئۆزىنىڭ قۇلۇپقا ياغاچ تىقىۋەتكەنلىكىنى پىچىرلاپ قويدى. دىگەندەك يىغىن ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى، ئەمما سىنىپ ئالدىن يىراققا كەتمەي ساقلىشىمىز بۇيرۇلدى. بىز بۈگۈن سىنىپ ئېچىلمايدىغان بولدى، دەپ ئىشەنگەنىدۇق. ئەمما ئابدۇراخمان شۇجى يوغان بازغاندىن بىرنى ئېلىپ كېلىپتۇ. ئۆزى ئۇياق-بۇياق ئۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىكنىڭ ئىلمىكىنى بۇزۇۋەتتى. يىغىن باشلىنىپلا كىمنىڭ قۇلۇپقا ياغاچ تىققانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا قىستالدۇق. ئابدۇراخمان شۇجى سىنىپقا كىرىپلا داسكىدىكى شېرىنى كۆرمىگەن ئىكەن. ئەمىلىيەتتىمۇ مەن بۇ شېئىرنى ئۇنچىلىك چوڭ بىر ئىش ئەمەس ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئابدۇراخمان شۇجى داسكىدىكى شېئىرنى كۆرۈپلا جۇدىنى تۇتتى. بۇنى نامايىش، قۇلۇپقا ياغاش تىقىش ۋەقەلىرىگە باغلاپ چوڭ بىر سىياسىي ۋەقەگە ئايلاندۇرغىلى تۇردى.مەن ۋە ساۋاقدىشىم ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تەڭ تۇرۇپ شېئىرنى يازغانلىقىمىزنى ئىقرار قىلدۇق. ئابدۇراخمان شۇجى ئىككىمىزنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بىز كەچ سائەت 8لەرگىچە ئابدۇراخمان شۇجىنىڭ ئىشخانىسىدا سوراققا تارىلدۇق. كەچلىك تاماققىمۇ چىقالمىدۇق. سورالغان سوئاللار ، نامايىشنى كىم تەشكىللىدى، قۇلۇپقا كىم ياغاچ تىقتى، شېئىرنى نەدىن تاپتىڭلار، نىمىشقا داسكىغا يېزىپ قويدۇڭلار، دېگەندەك بولدى. بىز شېئىرنى كۆرۈك ژۇرنىلىدىن ئوقۇغانلىقىمىزنى، داسكىغا مەقسەتسىزلا يېزىپ قويغانلىقىمىزنى سائەتلەپ چۈشەندۈردۇق، ئەمما سۆزىمىزگە قايىل بولمىدى.
ئەتىسى يەنە ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدۇق. ئىشخانىدا ئابدۇراخمان شۇجى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ماۋۇن باشلىقى مەمەت يۈسۈپ)ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلىۋىزىيە ئونۋېرسىىتىتىنىڭ باشلىقى( ئولتۇرۇپتۇ. بىزدىن " شېئىرنى نەدىن تاپتىڭلار، راستىنلا سىلەر يازمىدىڭلارمۇ" ، دەپ سورىدى. بىز شېئىرنى "كۆرۈك" ژورنىلىدىن تاپقانلىقىمنى دەپ بەردۇق. ئۇلار شۇ ژورنالنى تېپىپ ئەكىلىشىمىزنى بۇيرۇدى. بىز مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ ،تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەن ئىشكاپتىن ئالدۇقتە ، ئارىيەتكە ئېلىپ ، ئاپىرىپ كۆرسەتتۇق. ئۇلار ژورنالنى ئېلىپ قېلىپ بىزنى چىقىرۋەتتى. ئەمما بىر ئايغىچە سىياسىي ئۆكۈنۈشتىن باش كۆرەلمىدۇق. بۇ ۋەقەلەر بولۇپ 3 كۈندىن كېيىن -12دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈق. ئەسلىدە بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن خىمىيە پاكولتىتىدىكى ھېلىقى بالىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن بالىلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. بولمىسا ئوخشاش بىر كۈندە نامايىش بولمىغان بولار ئىدى. گەرچە بۇ قېتىمقى نامايىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ ئەمما پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قوللىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.
-1987يىلىى -83يىللىقنىڭ باللىرى ئوقۇش پۈتتۈردى. ئاڭلىسام نامايىشنى تەشكىللىگەن ھېلقى خىمىيە پاكولتىتىدىكى بالىغا نامايىش سەۋەپلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى بەرمەپتىمىش. ئۇ يىللاردا قولىدا دېپلومى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىلەن ھېچ يەرگە خىزمەت تەقسىم قىلمايتتى. كېيىن بۇ بالا ھەققىدە كۆپ سۈرۈشتۈردۈم ئەمما خەۋىرىنى ئېلىشقا نېسىپ بولمىدى. ھەر يىلى -12دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى خاتىرە كۈنىدە ئۇ بالىنى دائىم ئەسلەيمەن.

تولۇق ئوقۇش

بىز خاتىرىلىگەن ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت


-1987يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكولتىتنىڭ -3يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى بىزنىڭ ئىككى يىل يەنى تۆت مەۋسۇم ئوقۇيدىغان ئاساسلىق دەرسىمىز ئىدى. دەرىسلىكىمىزگە ئەسقەر ھۈسەيىن بىلەن ۋاھىتجان غۇپۇر بىرلىكتە تۈزگەن "ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى" نامىدىكى قاتتىق مۇقاۋىلىق قېلىن كىتاپنى ئىشلىتەتتۇق. ۋاھىتجان غۇپۇر شۇ چاغدا ئەدەبىيات پاكولتىتنىڭ باشلىقى ئىدى. ھازىر ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماۋۇن باشلىقى بوپتۇ. ئەسقەر ھۈسەيىن بىزنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىغا ناھايىتى پۇختا، تالانتلىق ،جىگىرى بار، باشلىقلارغا خۇشامەت قىلمايدىغان ئادەم ئىدى. رەھمەتلىك پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن ئىدى. بىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم -2002يىلى ياز پەسلىدە كۆرۈشكەن ئىدۇق، كېيىن ئاڭلىسام تۈگەپ كىتىپتۇ. رەھمەتلىك مۇئەلىمنىڭ ئەلشىر نەۋائىغا تولىمۇ زوقى بار ئىدى. ئەلشىر ناۋائىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى گىگانىت شەخس دەپ تونۇيتتى. بىز قىشلىق تەتىلدىن ئەمدىلا يىغىلىپ ، دەرس باشلاپ تۇراتتۇق. بىر كۈنى ئەسقەر مۇئەللىم بىز بىرقانچىمىزنى ئېلىپ قېلىپ، سىنىپ دائىرسىدە ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىز سىنىپتىكى ساۋاغداشلار بىلەن مەسلىھەت قىلىش قارارىغا كەلدۇق. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كېرىمجان ئابدۇرېھىم چاقىرتىپ قالدى. ئۇ چاغدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەكتەپتە قېلىپ قالغىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان ئىدى. ھازىر كېرىمجان ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇپ قالدى. ئەسلىدە ئەسقەر مۇئەللىم كېرىمجان بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئىكەن. مەسلىھەت بويىچە ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كېرىمجاننىڭ ياتىقىدا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتنىشىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم چوقۇم ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىدىن ئاز دىگەندە بىر كۇبلىت ياتقا بىلىش شەرت قىلىنىدى. ئىسىمدە قېلىشچە ئەسقەر مۇئەللىم بىزگە" ئەلشىر ناۋائى -1440يىلى -2ئاينىڭ-9 كۈنى تۇغۇلغان، ئەمماتەييارلىقىمىزنى پۈتتۈرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىرقانچە كۈن كېچىكىپ تەبرىكلىدۇق " دېگەن ئىدى.
پۈتۈشكەن كۈن بويىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ياتىقىغا يىغىلدۇق. بىز ياتاققا كىرىشتىن ئىلگىرى ئىشىك تۈيىدە تۇرۇپ ، ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىم بىلەن كېرىمجانغا ئۆزىمىز يادقا ئالغان ئەلشىر ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەردۇق. خاتا ئوقۇغان ياكى ئوقۇيالمىغانلار خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كىرگۈزۈلمىدى. 30غا يېقىن بالىدىن پەقەت 11 بالا لاياقەتلىك بولۇپ، مۇراسىمغا قاتناشتۇق. قالغانلىرى شەرت بويىچە كىرگۈزۈلمىدى. مەن شۇ چاغدا تۆۋەندىكى شېئىرىنى ئوقۇغان ئىدىم.

جاھان جامى تولادۇر زەھرى قاتىل،
ئاڭا مەي ئەيلىمەس كىم بولسا ئاقىل.
ئەجەب ئىشتۇركى بۇ خىل جام ئىچەرگە ،
جاھان ئەھلى ئېرۇر جان بىلەن مايىل.

ئارىدىن 24 يىل ئۈتۈپتۇ. شۇ چاغدا ئىسىمدە قالغان بۇ شېئىرنىڭ قانچىلىك يېرى توغرا، قانچىلىك يېرى خاتا بىلمەيمەن، چۈنكى بۇ شېئىرىنى شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ يەردە ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شېئىر چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم تەلەپپۇزدا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.
كېرىمجاننىڭ ياتىقىغا ئەلشىر ناۋائىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى ئاستۇق. ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىم ئەلشىر ناۋائىنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، كېرىمجان ئەلشىر ناۋائى شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزىمىز بىلىدىغان نوقتىدا سۆز قىلدۇق. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىم ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلىشىم ئىدى. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەشكە ئىمكانىم بولمىدى ھەم ئۇنداق بىر سۇرۇنغىمۇ قاتنىشىپ باقمىدىم.
بۇ يىل ئەلشىر ناۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى خاتىرلەندى. ئۈرۈمچىدە شۇنچە ئۇزۇن يىل ياشاپ ھۆكۈمەتنىڭ ياكى شەخىسنىڭ بىرەر قېتىم ئەلشىر ناۋائىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرۇدۇ.
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا نەشىر قىلىنغان دەرىسلىك كىتاپلاردا بولسۇن، مەيلى ئىلىمىي، نەزىرىۋىي باشقا كىتاپلاردا بولسۇن ناۋائىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇراتتى. -1990 يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئۆزبېكستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ناۋائىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە خېلى كۆپ تالاش- تارتىشلار بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ يول قۇيۇشى ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىشى بىلەن ئەلشىر ناۋائى ئۇيغۇرلۇقتىن ئۆزبېكلىككە تارتىپ كېتىلدى. ھەتتا "شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ئەدىپلەر" دېگەن كىتاب نەشىر قىلىنىپ، ئەلشىر ناۋاىيى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. گەرچە ھەممە ئالىملار ئەلشىر ناۋاىيىنىڭ ھېراتتا تۇغۇلۇپ، ھېراتتا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلسىمۇ زورمۇ-زور شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ئەدىپلەر قاتارىغا سۆرەپ كىرىلىپ ھېچبىر ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشنى قىلدى. گەرچە ئەلشىر ناۋائىنىڭ زاماندىشى بولغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزىنىڭ "تارىخى رەشىدە" دېگەن كىتابىدا ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئېنىق ئىسپات قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما كۆكەمە ئۆزبېك زىيالىيلىرى تارىخنى ئۆزى بىلگەنچە چۈشەندۈرۈپ كەلدى. لى بەينىڭ خىتايلىقىنى تالاشقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە بولغان ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ئىدى. بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن ناۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ.
-2011يىلى -12ئاينىڭ -8كۈنى.

تولۇق ئوقۇش

2011-12-06

چىنىباغ راستىنلا "خىتاينىڭ بېغى"مۇ؟

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممت

چىنىباغ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممە شەھەر-يېزا، قىشلاقلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدىغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باغ-ۋاران، گۈل-گىياھلارغا ھېرىسمەن خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ماكانلارنى باغۇ-بوستانلارغا ئايلاندۇرۇپ، تەبىئىي گۈزەللىككە تۇيۇنغان باغلارنى بەرپا قىلىپ ياشاپ كەلگەن .شۇڭا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە "باغ" سۆزى بىلەن قوشۇپ ئاتالغان يېزا-قىشلاق ،مەھەللە ناملىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ. مەسىلەن:گۈلباغ،نۇرباغ،چىنىباغ،سايباغ،دۆلەتباغ،بېھىشباغ، شامالباغ،كېرەمباغ دېگەنلەرگە ئوخشاش.ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ گراماتىكىلىق قانۇنىيتىگە ماس ھالدا قوش ئىسىملاردىن تۈزۈلگەن ناملار بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئالدىدىكى ئىسىم كەينىدىكى ئىسىم ئېنىقلاپ كەلگەن مەنىنىڭ قانداق سۈپەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتلىك رولىنى ئويناپ كەلگەن."چىنىباغ" دېگەن بۇ ئىسىممۇ بۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. "چىنىباغ" دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلىدە" چىنە" ۋە "باغ" دېگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىككى ئىسىمنىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قانۇنىيتى ۋە تىل تەلەپۇزىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىش ئادىتى بويىچە "چىنەباغ" دېگەن بۇ ئىسىم "چىنىباغ" بولۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ۋە يېزىق تىلىدىمۇ شۇ بويىچە يېزىلىدىغان قائىدە شەكىللەنگەن.
چىنىباغ -ئۇيغۇر تىلىدا چىنىدەك پاكىز، جانان چىنىدەك چىرايلىق ۋە رەتلىك باغ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ياخشى كۆرۈدىغان باغلارغا كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ئاشۇنداق چىرايلىق ناملارنى قۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي تەسۋىرلەردىمۇ چىنىدەك پاكىز، جانان چىنىدەك چىرايلىق، جانان چىنىدەك جىرىڭشىپ تۇرۇدىغان... دېگەندەك سۈپەتلەر كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
گەرچە "چىنىباغ" دېگەن بۇ يەر نامى ئۇيغۇر تىلىدا" چىنىدەك پاكىز باغ "دېگەن مەنىنى بەرسىمۇ ئەمما ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تور بەتلىرىدە بۇ نام ئۇيغۇر تىل قانۇنىيتىگىمۇ، ئىلىم ئەخلاقىغىمۇ ماس كەلمىگەن ھالدا "چىنىباغ" "خىتاينىڭ بېغى" دېگەن ئىزاھات بىلەن چۈشەندۈرۈلمەكتە. "چىنىباغ " دېگەن بۇ ئاتالغۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىغا -20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تۇرغان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ تارىخى ھۆجەتلىرى، شىۋېتسىيە مىسسيونىرلىرىنىڭ يازمىلىرى ۋە ئەينى يىللىرى قەشقەرگە بارغان تەۋەككۈلچى ئېكىسپىدىتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىرىگەن بولۇپ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قەشقەردىكى چىنىباغ دەپ ئاتالغان مەھەللىگە جايلاشقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.مەسىلەن:شىۋېتسىيەدە نەشىر قىلىنغان سۋېن ھېدىننىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان زور ئەجىملىك ئەسەر "ھەقىقىي تەۋەككۈلچى" ناملىق كىتاپتا "چىنىباغ -تۈركچە سۆز بولۇپ ،خىتاينىڭ بېغى دېگەن مەنىدە " دەپ ئىزاھات يازغان.
ئەمەلىيەتتە، "چىنىباغ" نامىدا ئاتالغان جايلار ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن يېزا، كەنت، مەھەلىلەر بولۇپ، خىتايلار بۇ يەرلەرگە باغ پەرپا قىلىش ئەمەس بەلكى، ئاياقمۇ بېسىپ باقمىغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلارغا "خىتاينىڭ بېغى" دەپ ئىسىم قۇيۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان مەنتىقىسىزلىقتۇر. ئەگە خىتايلار تەرپىدىن قۇيۇلدى دەپ پەرەز قىلىنسا خىتايلار ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسىم ياسىمايدۇ، ئەكسىچە ساپ خىتايچە ئىسىم ياسايدۇ.
مەيلى قايسى تەرەپتىن تەھلىل قىلمايلى بۇ ئىلىم ساھاسىدىكى چوڭ بىر خاتالىق. بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي دىقەتتەبولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-2011يىلى-8ئاينىڭ-25كۈنى

تولۇق ئوقۇش

كۈرەش سۇلتان كۈسەن ۋاپاتىنىڭ 5يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدىن كىچىكىنە ئەستىلىك

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت


كۈرەش سۇلتان ۋاپات بولغىلىمۇ بەش يىل بولدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياندۇرغان چىرىقىنىڭ بالدۇر ئۇچۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئۇ بۇ ئارزۇلىرىنى ئوزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئۇ ئارزۇ-ئارمانلارغا باي بىر ئىنسان ئىدى.ئۇ بۇ دۇنياغا تالاي ئارمانلار بىلەن تۇغۇلۇپ يەنە شۇ ئارمانلار بىلەن كەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدىن ۋە ئارزۇلىرىدىن راھەت تاپمىغان كۆڭلى ، سىقىلغان يۈرىكى ۋاقىتسىز سوقۇشتىن توختىدى. ئۇنىڭ ئۆلىم ئالدىدا كۆكۈرگەن لەۋلىرى، سۇزۇلغان قوللىرى ۋە تەلپۈنگەن كۆزلىرىدە تالاي سىرلار مۇئەمما بولۇپ قالدى.ئۇ ئەركىن دۆلەتتە ياشاپ ئالەمدىن كەتتى، ئەمما ئۇ بىر ئۆمىر ئىزدىگەن ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ مۇھەببەتنى ،ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكى چاڭقاشتىن قۇرىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى پەقەت ئوز غايىسىگىلا كۆمۈلگەن ئىدى. بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن چاتلانغاندۇ،بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن مۇڭلانغاندۇ، بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇللەڭەندۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق قۇدرەت بىلەن ئىزدېرەكسىز كەتمىدى.ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى غايىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يارقىن ئەمما جاپالىق ھاياتىنى يازنىڭ سەھەر بىر كۇنى ئۈرۈمچىدە باشلىغان ئىدى. بۇ دەل 1959-يىلى -ئاينىڭ 21-كۇنى ئىدى. دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباي ۋە ئاپىسى تىللاخان سەيىد ئاپتونوم رايونلۇق خەلق رادىئو ئىستانسىدا ئىشلەيتتى. دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباينىڭ ئىنىسى مەھمۇت قوزىباي 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار 1960- يىلدىن باشلاپ نازارەت ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان 1963-يىلى چەتئەلدە تۇققۇنى بارلار تەشۋىقات ئورنىدا ئىشلىسە بولمايدۇ دىگەننى بانا قىلىپ ئۇلارنى كۇچارغا پالانغان. كۈرەش سۇلتان بۇ چاغدا 4 ياشتا ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇ كۇچاردا ياشاشقا باشلايدۇ. 1966-يىلى دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباي شەرقى تۇركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۇپىتىدە نەزەربەنتكە ئېلىنىپ ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە سېلىنىدۇ. كۈرەش شۇ يىلى ئۆزىڭ ئوقۇش ھايتىنى باشلايدۇ، ئەمما كۈرەش مەكتەپكە كىرىپ 3 يىلغىچە پانتۈركىسنىڭ بالىسى دېگەن بەتنام بىلەن مەكتەپ ئىچىدە باشقىلار تەرپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ ۋە ھەر خىل خورلۇقلارغا دۇش كېلىدۇ.1969-يىلى دادىسى سۇلتان مەھمۇت رەسمى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. كۈرەش شۇ يىلى چەتكە باغلانغان ۋەتەننى پارچىلىماقچى بولغان پانتۇركىسنىڭ بالىسى دېگەن جىنايەت بىلەن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. 1970- يىلى پاناسىز قالغان كۈرەش ۋە ئائىلىسى غۇلجىنىڭ جېلىليۈزى ناھيىسى چولىنقاي يېزىسىغا پالىنىدۇ. ئۇ يەردە ئوقۇش ئىمكانى بولمىغان. ئەمما غۇلجىدا دادىسىدىن دۇتار چېلىشنى ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن.1974- يىلى غۇلجىدىن كۇچارغا قايتۇرۇپ كىلىنگەن. كۇچارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇرلۇشتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆيدە سىڭىللىرىدىن دەرس ئۆگەنگەن. ئۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەش جەريانىدا كۇچار 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن ۋە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان. 1977- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكىدىن ئادەم ئېلىشقا كۇچاغا ئادەم كەلگەن. كۈرەش ناخشا ئېيتىشتا بىرىنچى بولۇپ تاللانغان ئەمما ماڭىدىغان كۇنى سىياسى ئارقا كۆرۇنىشى پاك ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن قايتۇرۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى يەنە مەركىزى مىللەتلەر تىياتىر ئومىكىگە تاللانغان، ئەمما يەنە شۇ سىياسى ئارقا كۆرۇنىشى سەۋەبى بىلەن قايتۇرۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكتە قۇشۇمچە ھەۋەسكارلار قاتارىدا ئىشلىگەن، ئەمما بىر قانچە ئايدىن كېيىن يەنە شۇ سىياسىي سەۋەب بىلەن ئۇ يەردىنمۇ قالدۇرۇۋەتكەن. قايتا- قايتا كەلگەن بۇ ئەلەملەردىن كۆڭلى يېرىم بولغان كۈرەش ناخشا ئېيتىشنى توختۇتۇپ دەرس ئۆگنىشكە كىرىشىپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رەسساملىققا شاگىرتلىققا كىرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگۈنىدۇ. 1978- يىلدىن باشلاپ كۇچار تاشقى سودا قارمىقىدىكى گىلەم زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلەيدۇ گىلەم زاۋۇتىدا گىلەمگە دائىر بىر خەرىتە بولۇپ، بۇنى بىر ياپونلۇق مۇتەخەسسىس سىزىپ بەرگەن ئىكەن، ئەمما بىر ئىشچى ئىھتىياتسىزلىقتىن بۇ خەرىتىنىڭ بىر بۇرجىگىنى يىرتىۋېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن باشلىق ناھايىتى خاپا بولۇپ، ئۇنى ئىشتىن ھەيدىۋەتمەكچى بولىدۇ. كۆرۇش بىر كەچە ئولتۇرۇپ خەرىتىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن يېرىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن باشلىق بەك خوش بولۇپ كۈرەشنى گىلەم تۇقۇش سېخىدىن خەرىتە سىزىش ئىشخانىسىغا يۆتكەپ ئۇنى خەرىتە سىزىش خادىمى قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولىدۇ.بۇ جەرياندا ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىلەرگە بىرقانچە قېتىم تېخنىكلار ئۇچرىششىغا بارىدۇ ۋە شۇ جەرياندا ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ئالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كۈرەش كۇچادىن ئىمتىھان بەرسە يەنە سىياسى قالپاق بىلەن ئۇقۇشقا بارالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاقسۇغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. 1979- يىلى 9- ئايدا ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇقۇشقا كىرىدۇ. 1982-يىلى سەنئەت مەكتەپنى پۇتتۇرىدۇ ۋە شۇ مەكتەپتە قېپ قالىدۇ. 1985-يىلغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. 1985-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. 1986- يىلدىن باشلاپ تېلېۋىزورلاردا كۈرۇلىشكە باشلايدۇ. 1987-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى ياش سەنئەتكارلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، نام چىقىرىدۇ.1987-يىلى 9-ئايدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پاكولتىتىغا تاللىنىدۇ، ئەمما كۈرەش سەنئەتنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا پاكولتىتىغا ئۇقۇشقا كىرىدۇ.
1991-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۇرۇپ خىزمەت تەخسىماتىنى كۈتۈتىدۇ. ئوزى 5- ئوتتۇرغا بېرىشنى لايىق كۆرمەي، شەخسى ئىش باشلايدۇ. بۇ جەريانىدا "كۆز مۇنچاق"، "ھەسرەت" "ئېچىنىش"،"ئەركەك سۇ" نامىدا ئۈن ئالغۇ لىنتىسى چىقىرىدۇ. 1995-10-25-كۇنى چەتئەلگە چقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1996- قىرغىزىستانغا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئويغان تۇركىستان نامىدا 4 قىسىملىق ئۇن ئالغۇ لىنتىسى ئىشلەيدۇ.1999-يىلى 12-25-كۇنى شىۋېتسىيەگە كېلىدۇ.

كۈرەش سۇلتاننىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئۇنىڭ 1987-يىلدىن تاكى 2006 -يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتىكى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى يازسا چوڭ توملۇق كىتاب پۈتىدۇ. مەن 1988-يىلدىن باشلاپ تاكى كۈرەش سۇلتان ۋاپات بولغىچە بولغان ئارلىقتىكى ھاياتىدا يۇز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە ، ئىدىيىسىگە ، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە شاھىد بولدۇم. ئۇنىڭ ھاياتىغا، مۇھەببەت، ئائىلە، نىكاھ ئىشلىرىغا ۋە ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سىرلار قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا پىنھان قالدى. ئادالەت، ھەققانىيەت ئېڭى ئاجىز بولغان مىللەتتە توغرا بىلەن خاتانى، ئاق بىلەن قارىنى ئايرىيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولۇدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنى ئۆلچىگىدەك بىر ئەخلاقىي ئۆلمەممۇ يوق. ھەركىم ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى مەركەز قىلىپ ئادالەت ئۆلچىمىنى بىكىتىدۇ. ئىگىسى يوق بۇ مىللەتنى تالاپ يەيدىغان سۇخەنچى ئەبلەخلەرگە قارشى تۇرغۇدەك ھالى بولمىغان بۇ خەلق قۇربانلىرىنىڭ ئادالىتىگە قانداقمۇ ئىگە چىقالىسۇن!؟

تولۇق ئوقۇش

2011-04-19

كۆچمەنلىك



ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

تاللىمىغان ئىدىۇق بىز كۆچمەنلىك تەقدىرىنى،
ئەمما ئاشۇ كاج تەقدىر تاللىدى بىزنى.
بەلكىم سىلەر بىلىسىلەر بىزدىن ياخشى،
سىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى.
ئىختىيار قىلمىغانتۇق ۋەتەندىن ئايرىلىشنى،
بەخىتسىز دەپ ئاتايتۇق ۋەتەنسىزنى.
ئەمما ئاخىر تاللىدى بىزنى ۋەتەنسىزلىك،
روھىمىزغا ئارتىۋالدۇق بىر تالاي ئېغىر يۈكنى.
ئەسلى بىز كۆچۈپ يۈرگەن ئەمەس ئىدىۇق،
روھىمىزغا يىلتىز ئىدى تەكلىماكان.
قايغۇنىڭ شىرىكى يوق مۇشۇ كۈندە،
يىتىم بوپ قالدى يىراقتا ئاناماكان.
ئەسلىدە قۇشلار ئىدى كۈچۈپ يۈرگەن،
قۇشلار دەك كۆچۈش بۈگۈن بىزگە قالغان.
ئۇۋسى بۇزۇلسا ئەگەر بىر خەلقنىڭ،
ۋەتىنى سۇنغان دەرختۇر قاغجىرىغان.

-2011يىلى -04ئاينىڭ -03كۈنى


تولۇق ئوقۇش

2011-04-17

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا


ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

مەن ئانام بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىمدا ئانام شۇنچىلىك تىتىك ۋە تىمەن قالغان ئىدى. پۇت-قوللىرىنىڭ مادارى تېخى قورىمىغان ئىدى.ئارىدىن ئىككى يىل ئۈتۈپ ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى، پۇت-قولىنىڭ مادارى كىتىپ ئۆزىگە بويسۇنماس بولدى. ھەر قېتىم تېلېپوندا ئانامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسام يۈرۈكىم لەختە قان بولۇدۇ، يوقلاپ بارالمىغىمدىن چەكسىز ئازاپقا چۈكۈمەن.

رەنجىمىگىن ئانا مېنىڭدىن،
بۇلالمىدىم يېنىڭدا سېنىڭ.
پۇت-قولۇڭنىڭ مادارى كېتىپ،
ئاجىزلىغان ۋاقتىدا تېنىڭ.
ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ،
دىمىقىمغا ھېدلىرىڭ كېلەر.
سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا،
ئانا ۋەتەن بۈيۈك نەقەدەر!

ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقە،
قۇم ئاقىدۇ تەننىڭ ئىچىدە.
چۈشلىرىمنى تۇقۇيسەن ئانا،
ئەسلىمىگە تولغان كېچىدە.

تۇنۇمايمەن قۇياش ئاينىمۇ،
مەن ياشىغان ناتۇنۇش ئەلدە.
ئانا ۋەتەن دېگەن بۇ سۆزنى،
چۈشەنمەيدۇ ھېچكىم بۇ يەردە.

قەرىزىم يوق بىركىمگە مېنىڭ،
قەرىزدارمەن پەقەت ۋەتەنگە.
نامىزىڭدا دۇئا قىل ھەردەم،
تەلىيى يوق بەخىتسىز ئەلگە.

بەختى قارا ئەلنىڭ پەرزەنتى،
يايرىيالماس ئىچىدىن كۈلۈپ.
ئەي بەخىتلىك يەرنىڭ ئەرلىرى،
كۈلكەلڭلاردىن بېرىڭلار سېتىپ.

ئىزىمىز بار ئىدى تارىخنىڭ،
نۇر چاقنىغان تۇنجى بېتىدە.
قاغىش تەككەن قارا زاماندا،
ئۈشۈك تەگدى ئەلنىڭ بەختىگە.

كۆك ئاسمانغا تىكىلىپ ئانا،
ئاي، يۇلتۇزنى كۆرۈپ ھاردىڭمۇ؟
ئاسمانلىرىم ئايسىز بولسىمۇ،
كۆز نۇرۇم بار ئۇندا مېنىڭمۇ!

رەنجىمىگىن مېنىڭدىن ئانا،
' بارالمىدىم يېنىڭغا يوقلاپ،
ئەل ئۈمىدى سېنىڭ ئۈمىدىڭ،
يۈرۈكىمگە قالدى ئۇ ئورناپ.

-2010يىلى-12ئاينىڭ -5كۈنى ستوكھولىم.

تولۇق ئوقۇش

2010-11-11

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنقىلاپ ۋە ۋەزىپە

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

شىۋېتسىيەدە شىۋېت تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتاپلارنىڭ ئىچىدە
ماتىرىيال مەنبەسى كەڭ، ئىلىمى قىممىتى يۇقۇرى، تارىخى پاكىتلار رىئاللىققا ئۇيغۇن يېزىلغان كىتاپ-"ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىپە ۋە ئىنقىلاپ دېگەن كىتاپ"تۇر .گەرچە بۇ كىتاپنىڭ چوڭ ماۋزوسى بولسىمۇ ،لېكن كىتاپقا قۇيۇلغان قۇشۇمچە ماۋزۇغا" شىۋېتسىيە مىسسيونۇرلىرىنىڭ -1892يىلدىن -1938يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىپىلىرى "دەپ يېزىلغان.كىتاپنى ئاپتور جون خوتۋالل ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، -1981يىلى يۈممېسون كىتاپ نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئاپتور بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقىشتا كۆپىرەك شىۋېتسىيە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ماتىرىياللار، قول يازمىلار، خەت-چەكلەر، رەسىم، ئۇنالغۇ لېنتىلىرى ۋە شەخىسلەر بىلەن ئۆتكۈزىلگەن زىيارەت خاتىرلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى رىئاللىقى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئەينەن يۇرتۇپ بىرىشكە كۆپ تىرىشقان. گەرچە كىتاپ شىۋېت مىسسيونۇرلىرىنىڭ شەرقى تۈكىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ ئەمما كىتاپنىڭ ھەربىر ۋاراقلىرىدىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا، شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيتىىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ. بولۇپمۇ كىتاپنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىردىكى بىرقانچە بابلىرى مەخسۇس شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئەينى دەۋىردىكى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، -20ئەسىرنىڭ 20 ۋە -30 يىللىرى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولۇدۇ.كىتابقا ئاتاغلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ كىرىش سۆز ئورنىدا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپتور جون خوتۋاللنىڭ بۇ ئىلمى ئەمگىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن. ئاپتور ئۆزىمۇ كىتاپنىڭ باشلانمىسى سۈپىتىدە باھا سۆزى يازغان بولۇپ، باھا سۆزىنىڭ باشلانمىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ":شەرقى تۈركىستان ياكى شىنجاڭ ريونى بۈگۈنكى كۈندە شەرقتىكى گىگانىتلار دەپ ئاتىلىۋاتقان رۇسلار بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۈيىۋاتقان بىر نوختا بولۇپ، بۇ يەر تارختىن بۇيان پەقەت سىياسىي تۇقۇنۇشلارننىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەر خىل دىنلارنىڭمۇ ئۇچۇرشۇش نوختىسى بولغان ئىدى."
كىتاپبنىڭ بىرنچى بابى:شەرقى تۈركىستان -يىگانە تۇپراق، لېكىن يەنىلا ئۇچۇرشۇش ئورنى، شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، خەلقلەر، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كۈرۈنىشلەر، تارخى ھەققىدە ،دىننىي ئىتتىقاتلار قاتارلىق بىرقانچە ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بابلاردا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇپەسسەل بايانلار بېرىلگەن.
ئاپتورنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان بايانلىرى ۋە نوقتىينەزەر ، مۇلاھىزىلىرى كىتاپنىڭ-6بابىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ باپتا "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە مەغلۇپ بولۇشى، تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقى، سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۆزگۈرىشلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ..... قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار تەھلىللىك بايان قىلىنغان." ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى خىتايلارنىڭ باشقۇرىشىدىن ئايرىلغان ئەركىن ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدى........... ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى -1933 يىلى كۈزدە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەركىزى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ، ئەركىن شەرقى تۈركىستان ئىسلامى جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى" دەپ يازىدۇ ئاپتور كىتابىدا. ئاپتورنىڭ كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خەلقاراغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار دېملوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئالدى بىلەن سېۋېت ئىتتىپاقى، ئابىغانستان، ھېندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىلىللەر ئۆمىگى ئەۋەتىپ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتىنى ئىتىراپ قىلىشىنى ۋە دېملوماتىك مۇناسىۋېت ئورنۇتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سېۋېىت ئىتتىپاقى بولسا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئىمپېررىيالستىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بولغان دەپ داۋراڭ سېلىپ ، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ دوسلۇقىنى بۇزۇپ ئەنگىلىيەنىڭ ھېندىستان ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شىڭ شىسەي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچۈيتكەن. ئاپتورنىڭ قارىشچە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇلىشى ئىچكى جەھەتتە ھەر قايسى گۇرۇپىلار ئوتتۇرسىكى زىدىيەتنىڭ كەسكىن بولىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەنگۈدەك بىر مەنبەنىڭ بولماسلىقى بولسا، تاشقى جەھەتتە سېۋىت ئىتتىپاقىدەك ئېمپېرئالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەت ئۇيۇنىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىدۇر.
ئاپتور كىتابىدا ئەينى يىللىرى قەشقەردە تۇرغان ۋە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقىدا 3000دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ۋە -1933-يىلدىن -1934يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەردە ئاز دىگەندە 200مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشچە بۇرۇن شەرقى تۈركىستان ، دەپ ئاتالغان بۇ ماكان شىڭ شىسەي دەۋىرىدىمۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالەتتە تۇرغان. سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكمىرانى ستالىن ئۆزىنىڭ ئارقا ئويلىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەنگىلىيە ياكى ياپونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شىڭ سىسەي ئارقىلىق بۇ رايوننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشقان ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش بىر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە قۇشۇۋېلىش غەرىزدىمۇ بولغان، ئەمما گىتلەر گېرمانىيىسىنىڭ سىۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ئىستالىننىڭ بۇ چۈشۈنى بەربات قىلغان. ئاپتور كىتابىنىڭ كىيىنكى بابلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ خىلدىكى بايان ۋە مۇلاھىزىلەرگە كۆپ ئورۇن بېرىدۇ.
بىرقىسم ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشچە بۇ كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ -20 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم بىر ماتىرىيال مەنبەسى بولالايدىكەن.

تولۇق ئوقۇش

2010-08-14

ياكوپ ئىستېفان

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻻ، ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪئىكى "بالىلار ئۆيىدە" ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ئۇ ئۆزىنىڭ "ئىتىقات ئۈچۈن كۆچمەن بولۇش"دېگەن كىتابىدا بايان قىلشچە، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئەمدىلا 2ياشقا كىرگەن ياقۇپنى يەكەندىكى شىۋېت مىسسئونېرلىرى ئاچقان "بالىلار ئۆيى"گە تاشلاپ كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە ياكوپ ئېستېفان دېگەن نام بىلەن چوڭ بولغان. 1933 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 14 ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﭖ 1947 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ خاﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ باشقىلارغا دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﯞﯨﺘﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰيېقىن بىر دوستىغا ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كىيىن ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﮔﯘﻧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ. ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ 1991- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗكەن . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧغان. ﺋﯘ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻤﯘ يېزىپ قالدۇرغان. ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﯩﻼ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻤﺎﻱ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ئۇ كۆپ قېتىم ۋەتىنى شەرقى تۇركىستانغا بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئارزۇيىغا يىتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

تولۇق ئوقۇش

گوستاۋ راكېت ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1894 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1938 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ 20 ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ (Gunnar Jarring) ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ Gustaf Raquette ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 1896 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﻪﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
Gustaf Raquette ‏ 1907 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺑﺎﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺘﻮﻛﮕﻮﻟﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

Gustaf Raquette ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ

Gustaf Raquette ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ 25 ﻳﯩﻞ ﺟﺎﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺳﻤﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ 1907 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻗﯩﻢ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﻯ" ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯩﻞ، ﺋﺎﻱ، ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.1912-ﻳﯩﻠﻰ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺴﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﺭﯨﻬﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.1914-ﻳﯩﻠﻰ Gustaf Raquette ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ "ﻳﺎﺭﻏﯘﻧﻠﯘﻕ: ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﻨﺎﻣﯩﺴﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﮔﯧﺰﯨﺖ "ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

Gustaf Raquette ﯞﻩ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ

Gustaf Raquette ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﯨﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ ، ﺗﻮﭘﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﮔﻮﺳﺘﺎﭖ ﺭﻩﻛﯧﺖ 1921-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.1924- ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﯛﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
1926-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﮔﻮﺳﺘﺎﭖ ﺭﻩﻛﯧﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.1927 –ﻳﯩﻠﻰ Gustaf Raquette ﺗﯘﻧﺠﻰ "ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ" ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﺪﻩﻙ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ.ﺋﯘ 1945 –ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ Gustaf Raquette ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ "ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ"، Gustaf Raquette ﯞﻩ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.

تولۇق ئوقۇش

لوۋىسانىڭ خەتلىرى-لوۋىسا بىلەن توختاخۇن ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھېكايىلەر

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مارىيا گوستاۋ تەرپىدىن يېزىلغان "لوۋىسانىڭ خەتلىرى" ناملىق بۇ كىتاپ لوۋىسانىڭ -1900يىلدىن -1935 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەر ۋە كۇچاردىن شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسىغا يازغان 200 پارچە خېتى ئاساسىدا يېزىلغان كىتاپ بولۇپ، كىتاپتا لوۋىسانىڭ قەشقەر ۋە كۇچاردا ياشىغان35 يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، قەشقەر ۋە كۇچارلاردا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە توي ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. كىتاپقا ماتىرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىر لوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ كۆچۈرلمە نۇسقىسى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىنىڭ "شەرقى تۈركىستان" بۆلىمىدە ساقلانماقتا.
لوۋىسا ئىڭۋال شىۋېتسىيەنىڭ كارىلسكوگ ناھيىسىدىن بولۇپ، -1900 يىلى شىۋېتسىيە مىسسىيونلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ -1906 يىلى شىۋېتسىيەگە بىر قايتىپ كىتىپ، -1908 يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگۈرىش پەيدا قىلغان بولۇپ ، ئۇ مىسسيونۇرلار ئاچقان دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۇرۇپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەركىتى شىۋېت مىسسيونۇرلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەنقىتكە ئۇچۇراپ ئۇنى مەجبۇرى شىۋېتسىيەگە كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما لوۋىسا -1912يىلى توختاخۇن بىلەن چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۈتۈپ، ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ ئوش شەھرىگە قېچىپ بارغان ۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچارغا كەتكەن. ئۇلار كۇچاردا تاكى - 1935 يىلى سىنتەبىر ئايلىرىچىغە تۇرغان.
لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچاردا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىشىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا يازغان خەتلىرىدە بۇلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى -1900يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ،-1935يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىسا ھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىرقانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك كۈرۈنىشلەرنىڭ ئەكىس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن-بىر شىۋېت مىسسيونىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولغان ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ كۇچاردا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دېمەي يېزا-قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشۈنىشى بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان. بىراق كىتاپ لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئارقىلىق باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتاپتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارخى ۋەقەلەرگە قارىغاندا ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرىلىرى كۆپ بولغان.
لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن -1935يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەگە بىرگە كىتىش نىيىتىدە بولسىمۇ ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆرلىرىگە ياش ئېلىپ چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر-بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە موسكىۋاغا يېقىن قالغان بىر يېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان.ئەمما توختاخۇنىڭ كىيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونۇرلارنىڭ ماتىرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
گەرچە بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ يەنىلا -20 ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكىس ئەتتۈرلىگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

2010-05-10

شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەت مارشى

سەن قەدىمىي،سەن ئەركىن

قەدىمىي، ئەركىن ۋە تاغلىق ئەي شىمال،
شۇنچە شات، جىمجىت ۋە راھەتتۇر باغرىڭ.
سالام ساڭا ، ھەي دوستانە تۇپراق،
قۇياش، ئاسمان، ياپيېشىل يايلاق.
قۇياش، ئاسمان، ياپيېشىل يايلاق.

شاھتۇرسەن ئوتمىشكە ئەسلىمەڭدىكى،
شەرەپلىك نامىڭ بار دۇنيادا ھەردەم.
بىلىمەن، سەن ھامان سەندۇرسەن ۋەتەن
بەختىمدۇر -شىمالدا ياشاپ، شىمالدا ئولسەم.
بەختىمدۇر -شىمالدا ياشاپ ، شىمالدا ئولسەم.

خىزمىتىڭگە تەييارمەن سۇيۇملىك ۋەتەن،
ئۆلگىچە ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا.
سېنى مەن قوغدايمەن بارلىقىم بىلەن،
لەپىلدەر بايرىقىڭ بۇيۇكلىك ئارا.
لەپىلدەر بايرىقىڭ بۇيۇكلىك ئارا.

كۇرەش قىلىمەن ھەي خۇدا ئائىلەم ئۇچۇن،
سۇيۇملىك ۋەتىنىم شىۋېتسىيە ئۇچۇن.
ۋازكەچكۈم يوق سەندىن، يىگانىدۇرسەن،
بەختىمدۇر-شىمالدا ياشاپ، شىمالدا ئولسەم.
بەختىمدۇر شىمالدا ياشاپ ،شىمالدا ئولسەم.

-2010يىلى -10ماي
تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممد

تولۇق ئوقۇش

2010-05-05

غەنىي كېرىموۋ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

-1944يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربان بولغان رەھبەرلىرى قاتارىدا غەنىي كېرىموۈمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى غۇلجا شەھرىدىكى ئىنقلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسىنىڭ يېنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن غەنىي كېرىموۋ ئائىلىسىدىن چىققان قۇربانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئىگەلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەزى پاكىتلارنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.غەنىي كېرىموۋنىڭ دادىسى ئېزىزقارى توختاخۇن،ئانىسى بۇسەيلىىخان قىرغىزىستاننىڭ قارا قول دېگەن يېرىدىن بولۇپ، شۇ يەردە تۇرمۇشلۇق بولۇشقان. ئۇلار‏ -1932 يىلى ئەينى چاغدا سېۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بالا- چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا بالىلىرىنىىڭ بېخەتەرلىكى ۋە بالىلىرىنى چېگرىدىن ساق- سالامەت ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىز تۇققانلىرىغا بالىلىرىنى چېتىپ، ھەر خىل فامىلىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ كىيىنكى كۈنلەردە بىر ئائىلدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەرخىل فامىلىلەردە ئاتىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇلار غۇلجىغا كەلگەندىن كىيىن غولجا ئۈچدەرۋازىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ،نۇرغۇن چارۋىلىرى بولغان. ‏1950‏- بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان.
1962‏- يىلى سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن ئۇلار قايتىدىن سېۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كىلىپ تاشكەنت سەھرىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇلار ھاياتىدا جەمئى 8 بالىلىق بولغان.
غەنىي كېرىموۋ- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 2‏- بالىسى بولۇپ، 1922‏- يىلى ئائىلىسى غۇلجىغا كۆچكەندە تاغىسى كېرىموۋنىىڭ يېنىدا قېلىپ رۇسچە گېمنازىيەنى تۈگەتكىچە شۇ يەردە تۇرغان. فامىلىسىمۇ شۇ تاغىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1939‏-يىلى غۇلجىدىكى ئاتا‏‏-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەينى چاغدىكى مەرىپەتپەرۋەر چوڭ باي باۋۇدۇنباينىڭ نەۋرە قىزى مەغپىرە بىلەن توي قىلغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ ئاساسەن باش ئىشتاپتا ئىشلىگەن. كاپىتان، مايور بولغان. 1949‏-يىلى ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە قەستكە ئۇچراپ 27 يېشىدا قۇربان بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا 3 پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلار ھازىر تاشكەنتتە ياشايدۇ. مەغپىرە ئاپپاي
-2007 يىلى تاشكەندە ۋاپات بولغان. مەغپىرە ئاپپاي غەنېي كېرىموۋ قۇربان بولغاندا 26ياشتا بولۇپ، شۇندىن بىرى قايتا تۇرمۇشلۇق بولمىمىغان. غەنىي كېرىموۋنىىڭ نەۋرىسى نەرگىزە ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
رەخىمجان- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىلىسىنىڭ 3‏- بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئىنىسى. ئۇ 1926‏-يىلى قىرغىىستاننىڭ قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1944‏-يىلى ئاكىسى غەنىي كېرىموۋ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئارمىيەدە كاپىتان بولغان. 1946‏- يىلى ئالدىنقى سەپتە قارا كىزىك كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ 20 يېشىدا ۋاپات بولغان. توي قىلمىغان.
خەمىت ھۆسەيىن - ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 5‏- بالىسى بولۇپ، 1928‏- يىلى قىرغىزىستان قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا رۇس گېمنازىيەسىدە ئوقۇغان. 1950‏- يىلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن. ئەينى چاغدىكى >> شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى << ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 50‏- يىللاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. >> ئالتۇن باشاقلار<< دىگەن ھىكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. 1956‏- يىلى سىياسىي بوران- چاپقۇننىىڭ تەسىرى بىلەن غولجىغا قايتىپ كىتىپ سېۋىت كونسۇلدا ئىشلىگەن. سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كىيىن 1962‏-يىلى 29‏-ماي غولجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنىپ، مىللەتچى،پانتۇر كىسىت دېگەن ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.1976‏-يىلى 5‏-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان. خەمىت ھۈسەيىننىڭ گۈزەل ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيەدە ياشايدۇ.
قۇربانجان- غەنىي كېرىموۋنىڭ بىر ئائىلىدە ياشىغان تاغىسى بولۇپ، 1886‏-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قارا قولدا تۇغۇلغان. 1932‏-يىلى ئېزىزقارى ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا چىققان. 1937‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە تۈرمىگە ئېلىنىپ 8 يىل شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غۇلجىغا كىلىپ شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. فولكوۋنىك سوپاخۇن بىلەن بىرگە جەنۇپقا يۈرۈش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان. كىيىن فولكوۋنىك بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جەنۇپ بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان مۇزداۋاننىڭ>> شوتا<< دىگەن يېرىگە يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆۋرۈك سالدۇرغان. ئۇ كۆۋۈرۈكە >> قۇربانجان كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام بېرىلگەن. 1953‏- يىلى قۇربانجان پانتۈركىس دىگەن نام بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كىيىن ، بۇ كۆۋۈرۈكنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ >> ئازات كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام قويۇلغان.
رامىلە- بۇ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن رامىلە ئاپپاي ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 6‏-بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى. ئۇ 1938‏-يلى غۇلجىدا
تۇغۇلغان. 1963‏- يىلى 1‏- مارتتا سىۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
-2005 يىلى شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

2010-05-03

مارجانبۇلاق

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مارجان بۇلاق كۇچا ناھيىسدىكى قۇرۇپ ،پەقەت ئىزى قالغان بىر بۇلاقنىڭ نامى بولۇپ، كۇچا كونا شەھەرگە ئەڭ يېقىن بولغان ئىشىخالا يېزىسىغا جايلاشقان.بۇلاقنىڭ ئورنى كۇچا كونا شەھەنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرۇدىغان چوڭ سايغا سېلىنغان پولات كۆرىكىدىن تەخمىنەن ئىككى كلومېتىر شىمالىغا توغرا كىلىدۇ. بۇلاق جايلاشقان ئورۇن ئورمان ۋە يېشىللىقا ئورالغان ناھايتى گۈزەل جاي بولۇپ، ياشلارنىڭ ياز ۋاقىتلىرى بېرىپ، ئولتۇرۇپ كىلىدىغان جايلىرى ئىدى.رىۋايەت قىلىنىشچە مارجان بۇلاق كۇچادىكى ئەڭ چوڭ بۇلاق بولۇپ، دېھقانلار بۇلاق سۈيىدە ئېتىزلىرىنى سۇغارغاندىن سىرت ئىچىملىك سۇۋلىرىنى مۇشۇ بۇلاقتىن ئەكىلىدىكەنمىش.
يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ "مارجانبۇلاق "ناملىق پوۋۇستى دەل مۇشۇ بۇلاقنىڭ نامىغا قۇيۇلغان بولۇپ، پوۋستتا مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ پىرسۇناژلىرى بولغان ئىككى ياشنىڭ تىراگدىيىلىك مۇھەبەت سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق مارجان بۇلاقنىڭ گۈزەل تەسىۋىرلىرىگە يەر بەرگەن.پوۋۇستتا ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمىگەن قىز مارجانبۇلاققا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدىۇ.دېمەك گۈزەل بىر قىزنى قوينىغا پاتقۇزۇپ ، ھاياتىنى باغرىغا ئالالىغان بۇ بۇلاق ئانچە كىچىك بۇلاق بولمىسا كېرەك. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشچە مارجانبۇلاق يۇمۇلاق شەكىلدە خېلى چوڭ دائىرنى ئىگەلىگەن بولۇپ، ئەتىراپنى قۇيۇق مەجنۇنتاللار ئورىغان ئىكەن. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلاق كۆزى ئېتىلىپ قېلىپ، بۇلاق سۈيى ئىگەلىگەن دائىرسىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن. ئىسىمدە قېلىشچە بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇلاقنىڭ دائىرىسى تەخمىنەن 4كۇۋادىرات مېتىردەك كىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرسىدىن بۇلاق سۈيى بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇراتتى.-90يىلارنىڭ ئاخىرى بۇ بۇلاقى مەن ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ئىدىم. بۇ چاغدا دائىرسى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن ئىكەن. بەلكىم بۇ چاققا ئۇ بۇلاقتىن ئىزنامۇ قالمىغاندۇ.
گەرچە مارجانبۇلاق غايىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ شىېئىر تۇيغۇغا باي نامى يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ مارجانبۇلاق ناملىق پوۋۇستىنى ئىچىگە ئالغان كىتابى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى.

تولۇق ئوقۇش

2010-04-20

جۇڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

جۇڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋتلىرى گەرچە خەلقارالىق ئاخباراتلاردا كۆپ نەزەرگە ئېلىنماي كىلىۋاتقان تىمىلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما جوڭگو -ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرى يۇشۇرۇن تىركىشىش باسقۇچىدا كىتىۋاتقان مۇناسىۋەتتۇر.

جوڭگو -ھېندىستان مۇناسىۋىتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا چېگرا تالاش-تارتىشىدۇر
چېگرا ماجىراسى جوڭگو -ھېندىستان ئوتتۇرسىدىكى يۇشۇرۇن زىدىيەتكە ئايلانغان ئۆز-ئارا تەھتىد نەزىرىيىسىنى شەكىلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر زامان يەڭ ئىچىدىكى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.گەرچە جوڭگو ھۆكۈمىتى 1962-يىلدىكى جوڭگو-ھېندىستان ئۇرۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غالبە قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما زىمىن دەۋاسى قىلىۋاقتان ئارۇناچال رايونى ئالىقاچان ھېندىستاننىڭ ئەمىلى كونتروللىقىدا بولىشى جوڭگو ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ، ھېندىستاننىى -62يىلىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلار دەپ زەردە قىلشقا سەۋەپ بولماقتا.ئەمما ھېندىستان ھۆكۈمىتى جوڭگونىڭ بۇ ئەيپلەشلىرىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ،-62يىلىدىكى ئۇرۇشتا جوڭگونىڭ ھېندىستان زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئامىۋى سورۇنلاردا بايان قىلىپ كەلمەكتە.
جوڭگو بىلەن ھېندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئەمىلىي زىمىن جەمى125مىڭ كۋادىرات كلومېتىرلىق زىمىن بولۇپ، بۇ شەرقى،غەربى ۋە ئوتتۇرا بۆلەك دەپ ئۈچ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ھازىر شەرقى ۋە ئوتتۇرا بۆلەكتىكى 92مىڭ كۇدرات مېتىرلىك زىمىن ھېندىستان كونتروللىقىدا بولۇپ،جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ زىمىنلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرسە، ھېندىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن رايونىغا قارشلىق 33مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كىلىدىغان ئاقساي رايونىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە جوڭگو-ھېندىستان ئوتتۇرسىدا 15قېتىم چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بۇيىچە سۆھبەت ئوتكەزگەن بولسىمۇ، سۆھبەتتىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق مەيدانى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتكەن.ھەتتا جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا بولغان ئىگدارلىق ھوقۇنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھېندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە جوڭگونى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ باشلىقىقا ۋىزا بىرىشنى رەت قىلغان ھەم جوڭگو ھۆكۈمىتى ئارۇناچالنى جوڭگونىڭ زىمىنى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن جوڭگونىڭ ئۆز پۇخرالىرىغا ئۋىزا كەتمەيدۇ دەپ،چۈشۈنچە بەرگەن. ھېندىستان ھۆكۈمىتى بولسا بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. جوڭگو ئاخباراتلىرى بولسا ئالدىنقى يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھېندىستان ئىشپونلۇق ئورگانلىرىنىڭ پىلانلىشى ۋە ياردەم بىرىش بىلەن يۈزبەرگەن دەپ جار سالسا، ھېندىستان ھۆكۈمىتى بومبايدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلەردە ختاينىڭ ئاسترتىن قولى بارلىقىنى ئىما قىلماقتا.
جوڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە چېگرىداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلى بولۇپ،جوڭگونىڭ ھېندىستاننىڭ دۈشمىنى ھېساپلانغان پاكىستان بىلەن سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتىكى قۇيۇق مۇناسىۋىتى، ھېندىستاننى ئەگەر ھېندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەرسە جوڭگو چۇقۇم پاكسىتانغا ھەربى جەھەتتىن ياردەم بىرىدۇ ھەتتا قۇراللىق ئارلىشىدۇ دېگەن ئۇقۇمغا كەلتۈرشكە سەۋەپ بولىۋاتماقتا .ھەتتا بۇ ئېھتىاماللىقنى جوڭگونىڭ ھەربىلىرىگە قاراشلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېندىستان ئۈچۈن مۇھىم بولغان سېرلانكا ۋە نېپاللاردىن جوڭگو تەرپىدىن سىقىپ چىقىرلىشى ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ھامكارلىشىشغا تۈرتكە بولغان. نېپالدىكى ماۋچىلار گوروھىڭ يېقىندا بەرگەن،" ئامېرىكا ھېندىستان ئارقىلىق جوڭگونى قورشاشقا تىرىشىۋاتىدۇ" ،دىگەن باياناتى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

ھېندىستان ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق يەنە بىر دۆلەت

يەڭ ئىچىدە سوق-مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىۋاتقان جوڭگو ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان ئاخبارات تىمىسى بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئىسىمىنى ئاشكارلشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتىچىلەر ھېندىستان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا.ئۇلارنىڭ قارىشچە جوڭگو كومۇنىستلىرى -49يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشخالىيتىگە ئېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېندىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى قۇيۇق ئالاقە ئىشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھېندىستان ئارىسىدىكى بىرقىسم قانناش لېنىيىلىرى ناھايتى راۋان بولغان.ھېندىستان ئەينى دەۋىردە ۋەتەن سۆيگەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ۋە پانالىنىش ماكانىغا ئايلانغان.ئىشەنچىلىك تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا -30يىللاردا تۈمۈر سىجاڭ خوجا نىياز ھاجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەرگە كىرگەن ۋاقتىدا تۈمۈر سىجاڭنىڭ دادىسى ھەج سەپىرىدن قايتىپ كىلىش سەپىرىدە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خېتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى،خەتتە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇرال-ياراق ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىن يارەم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرشچە، ھېندىستان جوڭگو مۇناسىۋەتلرى قەغەز يۈزىدىكى سۈنى دوسلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەكەپلىشىدىغان مەسىلە ئىكەن.بۇ خىل ئەھۋالدا ھېندىستان ئۇيغۇرلار غا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
-2009يىل شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇرلارغا مىللەتچىلىك كېركمۇ؟

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مىللەتچىلىك بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا روھى كۈچ،مەنىۋى قۇۋەت ۋە مىللەت تەرەقىياتنى ئىلگىر سۈرىدىغان ئىلغا ئىدىيە ھېساپلىنىدۇ. مىللەتچىلىك مىللەتلەرنىڭ ئار-نۇمۇس ئېڭىنى،مىللى غورورىنى ۋە مىللەتتىن پەرخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ مىللى بىرلىككە ،مىللى ھەركەتكە ئۈندەيدىغان غايەت زور كۈچتۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىللى تارىخى، مەدەنىيتى،تىلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىني ئىتىقاتى جەھەتتىكى كىملىكى يوقۇلۇش خەۋىپىگە دۇش كەلگەن بىر ئاجىز مىللەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا مىللەتچىلىك بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر روھى يۆلەكتۇر. جوڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك قۇدرەت تېپىشىمۇ ئۇلاردىن سۇن جوڭسەن، جىياڭ جېشى، ماۋ زىدوڭ قاتارلىق مىللەتچى زىيالارنىڭ خىتاي مىللىتى ئارىسىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ھەركىتى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مىللەتچىلىك ئۇقۇمى قارشى ئېلىشقا ئىرىشمەيدىغان، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالغان مىللەتلەر تەرپىدىن سۈيىستىال قىلىنىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئاسانلا قارىلاشقا ئېلىپ كىلىدىغان ئوقۇم بولۇپ قالدى. بولۇپممۇ مىللەتچىلىك ئوقۇمى ياۋرۇپانى ئاساس قىلغان غەرپ دۇنياسىدا ناھايتى سەزگۈر مەسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باشقىلاردا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە مىللەتچىلىك ئوقۇمىدا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت.ئاجىز مىللەتلەرگە نىسپەتەن ئىيتقاندا مىللەتچىلىك-ئۆزىنى قوغداش ، تىل ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاپ قېلىش،قارشىچلىق كۆرسۈتىش، مىللەتنىڭ ئار-نۇمۇسىنى ئىزدەش،مۇستەقىل بولۇشنى، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى تەلەپ قىلىش شەكىلىدە ئىپادىلەنسە، مللى دۆلىتىگە ئىگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كۈچلىك مىلەتلەرگە قارىتا ئېيتقاندا مىللەتچىلىك- باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش،تىل،مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى چەكلەش،ئىقتىسادى جەھەتتىن كونترول قلىش،تەڭسىز مۇئامىلە قىلىش،تۇتقۇن قىلىش،تۈرمىگە سېلىش،قۇراللىق باستۇرۇش قاتارلىق شەكلدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا مىللەتچىلىكنىڭ قۇدىرەتلىك مىللى ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولغان غەرپ ئەللىرىدە چەكلىنىشى تەبئى بىر ئەھۋال بولسا، مىللەتچىلىك ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاجىز بىر مىللەتكە نىسپەتەن بۈگۈنكى كۈندە ناھايتى مۇھىم بولغان بىر خىل روھى خىياپەت ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساپ بولغان ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ھەركىتىنى قوزغاش،مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، مىللەتچىلىك غوروىنى ئويغۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇلۇش خىرسىسغا دۇش كەلگەن مىللى مەدەنىيتىنى ،مىللى تىل-يېزىقىنى،مىللى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ب.د.ت تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان نۇرغۇن ئەھدىنامە ۋە باياناتنامىلارغا ھەرقادنداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مىللى كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ۋە بۇ ھوقۇقلارنىڭ باشقىلا تەرپىدىن دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلقى كېرەكلى ھەققىدە قانۇنى بەلگىمىلەر كىرگۈزىلگەن. ئۇيغۇرلاردا مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش ۋە مىللەتچىلىك ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ھەرگىز باشقا مىللەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن بولماستىن ،بەلكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغاچقا ب.د.ت نىڭ ماتىرىياللىرىدا دىيىلگەن مەزمۇنلار زىت كىلىدىغان
ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
2009-يىل شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

2010-02-18

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ "ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 17 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. "ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ 1965 - 1972 ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 7 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﻼﺭ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" 1988 - 1992 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ 20 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﻪﺷﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. 1999 - ﻳﯩﻠﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﭘﻪﻥ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" 2005 - 2009 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ 3 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 17 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻓﺮﺍﻧﻜﻔﻮﺭﺕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ " ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﭖ ﺳﻪﻫﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ 3 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ، ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﻫﻮﺷﯘﺭ، ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ،ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﺘﯧﻔﺎﻥ ﮔﺎﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻣﯧﻜﺎﺋﯩﻞ ﻓﺮﯦﺪﺭﯨﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ "ﻧﻮﺯﯗﮔﯜﻡ" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ"ﺋﯩﺰ" ﯞﻩ " ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ "ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ"، ﺯﻭﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺮﻧﯩﯔ" ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ، ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ"ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍ"، "ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﻝ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﻫﻮﺷﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﻨﺴﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

تولۇق ئوقۇش

2010-02-08

ياقۇببەگنىڭ نەسەپنامىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


بۇ شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەمەل ساقلانغان بىر پارچە نەسەپنامە بولۇپ، ناھايتى كۆركەم نەقىشلەر بىلەن رەڭلىك ئىشلەنگەن. بۇ شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپىانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان.نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا -1982يىلى "بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر" دەپ ئىزھات يېزىپ قويغان. مېنىڭ ئەرەپ تىلىدىن خەۋىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەسەپنامىدىكى مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان.
-2007 يىلى -13ئۆكتەبىر كۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋاللغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.
نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسەپنامىنى -1865 -يىللاردىن -1875 يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دىگەن قىياسقا كىلىمىز.چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125يىلدىن130 يىلغىچە تارخىقا ئىگە.Photobucket

تولۇق ئوقۇش

2010-02-05

فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تارىخى كىتاپلاردا يوق؟

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

-1939يىلى 30 نويابىر كۈنى سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ425 مىڭ كىشلىك قىزل ئارمىيىسى تانكا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھېمايىسىدە فىنلاندىيە زىمىنغا بېسىپ كىردى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش قىسقىغىنغا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كوپلىكى، ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلۇپ فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.iئەسلىدە فىنلاندىيە شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسىگە قارشلىق زىمىن بولۇپ، پولتاۋا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسى -1809 يىلى فىنلاندىيىنى رۇس ئېمپىرىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە رۇسىينىڭ قاراملىقىدا ياشىغان فىنلاندىيە -1918يىلى مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن ئەسلىدىكى چار روسىيىەگە قاراشلىق زىمىنلارنى قايتۇرۋېلىش غەرىزىدە يۈرگەن سېۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئىستالنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تىزلىكىدە فىنلاندىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ فىنلاندىيىنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى بىلەن -1940 يىلى مارتتا ئاخىرلاشتى.
گەرچە بۇ ئۇرۇش ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانمىسىدىكى پۈتۈن ياۋرۇپانى ھەتتا دۇنيانى تىتىرەتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى كىتاپلارغا ۋە دەرىسلىك كىتاپلارغا بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزىلمىگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى تېخىمۇ ناتۇنۇش. مەيلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردا بولسۇن بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى -1939يىلى-30 نويابىر باشلنىپ -1940 يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جەمئى 105 كۈن داۋام قىلغان.
سېۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە 425مىڭ ئەسكەرنى ئۇرۇشقا بىراقلا سەپەرۋەر قىلغان بولسا بىر ئايدىن كىيىن بۇ ساننى بىر ھەسسە ئاشۇرغان.
ئەينى چاغدىكى سېۋېت ئارمىيىسىنىڭ ۋە فىنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە بولغان.
سېۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 998مىڭ ئەسكەر، 6500تانكا، 3880 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا پەقەت ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 250مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن. فىنلاندىيە تەرەپتىن پەقەت 180 مىڭ ئەسكەر ،32 تانكا،114 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، 26 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.
ياۋرۇپا تارىخچىلىرى يۇقۇردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن، ئاجىزلار كۈچلىكلەر ئۈستىدىن غالبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ باھا بەرمەكتە.

تولۇق ئوقۇش