2011-04-19

كۆچمەنلىك



ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

تاللىمىغان ئىدىۇق بىز كۆچمەنلىك تەقدىرىنى،
ئەمما ئاشۇ كاج تەقدىر تاللىدى بىزنى.
بەلكىم سىلەر بىلىسىلەر بىزدىن ياخشى،
سىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى.
ئىختىيار قىلمىغانتۇق ۋەتەندىن ئايرىلىشنى،
بەخىتسىز دەپ ئاتايتۇق ۋەتەنسىزنى.
ئەمما ئاخىر تاللىدى بىزنى ۋەتەنسىزلىك،
روھىمىزغا ئارتىۋالدۇق بىر تالاي ئېغىر يۈكنى.
ئەسلى بىز كۆچۈپ يۈرگەن ئەمەس ئىدىۇق،
روھىمىزغا يىلتىز ئىدى تەكلىماكان.
قايغۇنىڭ شىرىكى يوق مۇشۇ كۈندە،
يىتىم بوپ قالدى يىراقتا ئاناماكان.
ئەسلىدە قۇشلار ئىدى كۈچۈپ يۈرگەن،
قۇشلار دەك كۆچۈش بۈگۈن بىزگە قالغان.
ئۇۋسى بۇزۇلسا ئەگەر بىر خەلقنىڭ،
ۋەتىنى سۇنغان دەرختۇر قاغجىرىغان.

-2011يىلى -04ئاينىڭ -03كۈنى


تولۇق ئوقۇش

2011-04-17

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا


ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

مەن ئانام بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىمدا ئانام شۇنچىلىك تىتىك ۋە تىمەن قالغان ئىدى. پۇت-قوللىرىنىڭ مادارى تېخى قورىمىغان ئىدى.ئارىدىن ئىككى يىل ئۈتۈپ ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى، پۇت-قولىنىڭ مادارى كىتىپ ئۆزىگە بويسۇنماس بولدى. ھەر قېتىم تېلېپوندا ئانامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسام يۈرۈكىم لەختە قان بولۇدۇ، يوقلاپ بارالمىغىمدىن چەكسىز ئازاپقا چۈكۈمەن.

رەنجىمىگىن ئانا مېنىڭدىن،
بۇلالمىدىم يېنىڭدا سېنىڭ.
پۇت-قولۇڭنىڭ مادارى كېتىپ،
ئاجىزلىغان ۋاقتىدا تېنىڭ.
ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ،
دىمىقىمغا ھېدلىرىڭ كېلەر.
سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا،
ئانا ۋەتەن بۈيۈك نەقەدەر!

ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقە،
قۇم ئاقىدۇ تەننىڭ ئىچىدە.
چۈشلىرىمنى تۇقۇيسەن ئانا،
ئەسلىمىگە تولغان كېچىدە.

تۇنۇمايمەن قۇياش ئاينىمۇ،
مەن ياشىغان ناتۇنۇش ئەلدە.
ئانا ۋەتەن دېگەن بۇ سۆزنى،
چۈشەنمەيدۇ ھېچكىم بۇ يەردە.

قەرىزىم يوق بىركىمگە مېنىڭ،
قەرىزدارمەن پەقەت ۋەتەنگە.
نامىزىڭدا دۇئا قىل ھەردەم،
تەلىيى يوق بەخىتسىز ئەلگە.

بەختى قارا ئەلنىڭ پەرزەنتى،
يايرىيالماس ئىچىدىن كۈلۈپ.
ئەي بەخىتلىك يەرنىڭ ئەرلىرى،
كۈلكەلڭلاردىن بېرىڭلار سېتىپ.

ئىزىمىز بار ئىدى تارىخنىڭ،
نۇر چاقنىغان تۇنجى بېتىدە.
قاغىش تەككەن قارا زاماندا،
ئۈشۈك تەگدى ئەلنىڭ بەختىگە.

كۆك ئاسمانغا تىكىلىپ ئانا،
ئاي، يۇلتۇزنى كۆرۈپ ھاردىڭمۇ؟
ئاسمانلىرىم ئايسىز بولسىمۇ،
كۆز نۇرۇم بار ئۇندا مېنىڭمۇ!

رەنجىمىگىن مېنىڭدىن ئانا،
' بارالمىدىم يېنىڭغا يوقلاپ،
ئەل ئۈمىدى سېنىڭ ئۈمىدىڭ،
يۈرۈكىمگە قالدى ئۇ ئورناپ.

-2010يىلى-12ئاينىڭ -5كۈنى ستوكھولىم.

تولۇق ئوقۇش