2010-11-11

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىنقىلاپ ۋە ۋەزىپە

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

شىۋېتسىيەدە شىۋېت تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر كىتاپلارنىڭ ئىچىدە
ماتىرىيال مەنبەسى كەڭ، ئىلىمى قىممىتى يۇقۇرى، تارىخى پاكىتلار رىئاللىققا ئۇيغۇن يېزىلغان كىتاپ-"ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىپە ۋە ئىنقىلاپ دېگەن كىتاپ"تۇر .گەرچە بۇ كىتاپنىڭ چوڭ ماۋزوسى بولسىمۇ ،لېكن كىتاپقا قۇيۇلغان قۇشۇمچە ماۋزۇغا" شىۋېتسىيە مىسسيونۇرلىرىنىڭ -1892يىلدىن -1938يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىپىلىرى "دەپ يېزىلغان.كىتاپنى ئاپتور جون خوتۋالل ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، -1981يىلى يۈممېسون كىتاپ نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئاپتور بۇ كىتاپنى يېزىپ چىقىشتا كۆپىرەك شىۋېتسىيە ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ماتىرىياللار، قول يازمىلار، خەت-چەكلەر، رەسىم، ئۇنالغۇ لېنتىلىرى ۋە شەخىسلەر بىلەن ئۆتكۈزىلگەن زىيارەت خاتىرلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى رىئاللىقى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى ئەينەن يۇرتۇپ بىرىشكە كۆپ تىرىشقان. گەرچە كىتاپ شىۋېت مىسسيونۇرلىرىنىڭ شەرقى تۈكىستاندىكى پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ ئەمما كىتاپنىڭ ھەربىر ۋاراقلىرىدىن ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا، شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيتىىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇ. بولۇپمۇ كىتاپنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىردىكى بىرقانچە بابلىرى مەخسۇس شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئەينى دەۋىردىكى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، -20ئەسىرنىڭ 20 ۋە -30 يىللىرى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولۇدۇ.كىتابقا ئاتاغلىق تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ كىرىش سۆز ئورنىدا بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن بولۇپ، ئاپتور جون خوتۋاللنىڭ بۇ ئىلمى ئەمگىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن. ئاپتور ئۆزىمۇ كىتاپنىڭ باشلانمىسى سۈپىتىدە باھا سۆزى يازغان بولۇپ، باھا سۆزىنىڭ باشلانمىسىدىكى مۇنۇ قۇرلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ":شەرقى تۈركىستان ياكى شىنجاڭ ريونى بۈگۈنكى كۈندە شەرقتىكى گىگانىتلار دەپ ئاتىلىۋاتقان رۇسلار بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۈيىۋاتقان بىر نوختا بولۇپ، بۇ يەر تارختىن بۇيان پەقەت سىياسىي تۇقۇنۇشلارننىڭ مەركىزى بولۇپ قالماستىن، يەنە ھەر خىل دىنلارنىڭمۇ ئۇچۇرشۇش نوختىسى بولغان ئىدى."
كىتاپبنىڭ بىرنچى بابى:شەرقى تۈركىستان -يىگانە تۇپراق، لېكىن يەنىلا ئۇچۇرشۇش ئورنى، شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، خەلقلەر، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن كۈرۈنىشلەر، تارخى ھەققىدە ،دىننىي ئىتتىقاتلار قاتارلىق بىرقانچە ماۋزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ بابلاردا شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇپەسسەل بايانلار بېرىلگەن.
ئاپتورنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بېغىشلانغان بايانلىرى ۋە نوقتىينەزەر ، مۇلاھىزىلىرى كىتاپنىڭ-6بابىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ باپتا "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە مەغلۇپ بولۇشى، تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقى، سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۆزگۈرىشلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ..... قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار تەھلىللىك بايان قىلىنغان." ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈرەش نىشانى خىتايلارنىڭ باشقۇرىشىدىن ئايرىلغان ئەركىن ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدى........... ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى -1933 يىلى كۈزدە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى مەركىزى ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ، ئەركىن شەرقى تۈركىستان ئىسلامى جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى جاكارلىدى" دەپ يازىدۇ ئاپتور كىتابىدا. ئاپتورنىڭ كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى خەلقاراغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار دېملوماتىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئالدى بىلەن سېۋېت ئىتتىپاقى، ئابىغانستان، ھېندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋەكىلىللەر ئۆمىگى ئەۋەتىپ ، يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىتىنى ئىتىراپ قىلىشىنى ۋە دېملوماتىك مۇناسىۋېت ئورنۇتىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سېۋېىت ئىتتىپاقى بولسا بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق "شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ياپونىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئىمپېررىيالستىك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بولغان دەپ داۋراڭ سېلىپ ، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ دوسلۇقىنى بۇزۇپ ئەنگىلىيەنىڭ ھېندىستان ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن شىڭ شىسەي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچۈيتكەن. ئاپتورنىڭ قارىشچە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇلىشى ئىچكى جەھەتتە ھەر قايسى گۇرۇپىلار ئوتتۇرسىكى زىدىيەتنىڭ كەسكىن بولىشى، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۆلەنگۈدەك بىر مەنبەنىڭ بولماسلىقى بولسا، تاشقى جەھەتتە سېۋىت ئىتتىپاقىدەك ئېمپېرئالىستىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەت ئۇيۇنىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىدۇر.
ئاپتور كىتابىدا ئەينى يىللىرى قەشقەردە تۇرغان ۋە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا تۇڭگانلارنىڭ قەشقەردىكى قىرغىنچىلىقىدا 3000دىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ۋە -1933-يىلدىن -1934يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەردە ئاز دىگەندە 200مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشچە بۇرۇن شەرقى تۈركىستان ، دەپ ئاتالغان بۇ ماكان شىڭ شىسەي دەۋىرىدىمۇ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بېقىنمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھالەتتە تۇرغان. سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكمىرانى ستالىن ئۆزىنىڭ ئارقا ئويلىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەنگىلىيە ياكى ياپونىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شىڭ سىسەي ئارقىلىق بۇ رايوننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشقان ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش بىر جۇمھۇرىيىتى سۈپىتىدە قۇشۇۋېلىش غەرىزدىمۇ بولغان، ئەمما گىتلەر گېرمانىيىسىنىڭ سىۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ئىستالىننىڭ بۇ چۈشۈنى بەربات قىلغان. ئاپتور كىتابىنىڭ كىيىنكى بابلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ خىلدىكى بايان ۋە مۇلاھىزىلەرگە كۆپ ئورۇن بېرىدۇ.
بىرقىسم ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشچە بۇ كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ -20 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم بىر ماتىرىيال مەنبەسى بولالايدىكەن.

تولۇق ئوقۇش

2010-08-14

ياكوپ ئىستېفان

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻻ، ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﻩ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪئىكى "بالىلار ئۆيىدە" ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ئۇ ئۆزىنىڭ "ئىتىقات ئۈچۈن كۆچمەن بولۇش"دېگەن كىتابىدا بايان قىلشچە، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقتىدا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئەمدىلا 2ياشقا كىرگەن ياقۇپنى يەكەندىكى شىۋېت مىسسئونېرلىرى ئاچقان "بالىلار ئۆيى"گە تاشلاپ كەتكەن. ئۇ شۇ يەردە ياكوپ ئېستېفان دېگەن نام بىلەن چوڭ بولغان. 1933 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻞ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯜﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ 14 ﻳﯩﻞ ﻳﺎﺷﺎﭖ 1947 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ خاﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ باشقىلارغا دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﯞﯨﺘﯩﭗ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰيېقىن بىر دوستىغا ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ شىۋېتسىيەگە كەلگەندىن كىيىن ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﮔﯘﻧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﺴﻰ. ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﻥ ﺋﯚﺯﻯ 1991- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗكەن . ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧغان. ﺋﯘ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻤﯘ يېزىپ قالدۇرغان. ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﯩﻼ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﺎﺷﻤﺎﻱ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ئۇ كۆپ قېتىم ۋەتىنى شەرقى تۇركىستانغا بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئارزۇيىغا يىتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

تولۇق ئوقۇش

گوستاۋ راكېت ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 1894 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1938 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 40 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ 20 ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻝ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ

ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ (Gunnar Jarring) ﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ Gustaf Raquette ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 1896 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯟﯦﺪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺲ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﻪﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
Gustaf Raquette ‏ 1907 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭ-ﺑﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻻﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﻯ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻫﻪﺟﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺑﺎﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺳﺘﻮﻛﮕﻮﻟﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

Gustaf Raquette ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ

Gustaf Raquette ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ 25 ﻳﯩﻞ ﺟﺎﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺳﻤﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ 1907 ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺯﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﯞﻗﯩﻢ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﻯ" ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯩﻞ، ﺋﺎﻱ، ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻫﯧﺴﺎﺑﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ.1912-ﻳﯩﻠﻰ "ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺴﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﻪﺭﯨﻬﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.1914-ﻳﯩﻠﻰ Gustaf Raquette ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ "ﻳﺎﺭﻏﯘﻧﻠﯘﻕ: ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﺯﯨﻨﺎﻣﯩﺴﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﮔﯧﺰﯨﺖ "ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ" ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﻼ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ.

Gustaf Raquette ﯞﻩ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ

Gustaf Raquette ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﯨﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﺶ ، ﺗﻮﭘﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ. ﮔﻮﺳﺘﺎﭖ ﺭﻩﻛﯧﺖ 1921-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.1924- ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﯛﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
1926-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯔ ﻟﯘﻧﺪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﮔﻮﺳﺘﺎﭖ ﺭﻩﻛﯧﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.1927 –ﻳﯩﻠﻰ Gustaf Raquette ﺗﯘﻧﺠﻰ "ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ – ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ" ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﺪﻩﻙ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻥ.ﺋﯘ 1945 –ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﮔﻪﺭﭼﻪ Gustaf Raquette ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ .ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ ﻳﺎﺭﺭﯨﯖﻨﯩﯔ "ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ"، Gustaf Raquette ﯞﻩ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.

تولۇق ئوقۇش

لوۋىسانىڭ خەتلىرى-لوۋىسا بىلەن توختاخۇن ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھېكايىلەر

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مارىيا گوستاۋ تەرپىدىن يېزىلغان "لوۋىسانىڭ خەتلىرى" ناملىق بۇ كىتاپ لوۋىسانىڭ -1900يىلدىن -1935 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەر ۋە كۇچاردىن شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسىغا يازغان 200 پارچە خېتى ئاساسىدا يېزىلغان كىتاپ بولۇپ، كىتاپتا لوۋىسانىڭ قەشقەر ۋە كۇچاردا ياشىغان35 يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، قەشقەر ۋە كۇچارلاردا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە توي ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. كىتاپقا ماتىرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىر لوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ كۆچۈرلمە نۇسقىسى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىنىڭ "شەرقى تۈركىستان" بۆلىمىدە ساقلانماقتا.
لوۋىسا ئىڭۋال شىۋېتسىيەنىڭ كارىلسكوگ ناھيىسىدىن بولۇپ، -1900 يىلى شىۋېتسىيە مىسسىيونلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ -1906 يىلى شىۋېتسىيەگە بىر قايتىپ كىتىپ، -1908 يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگۈرىش پەيدا قىلغان بولۇپ ، ئۇ مىسسيونۇرلار ئاچقان دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۇرۇپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەركىتى شىۋېت مىسسيونۇرلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەنقىتكە ئۇچۇراپ ئۇنى مەجبۇرى شىۋېتسىيەگە كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما لوۋىسا -1912يىلى توختاخۇن بىلەن چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۈتۈپ، ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ ئوش شەھرىگە قېچىپ بارغان ۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچارغا كەتكەن. ئۇلار كۇچاردا تاكى - 1935 يىلى سىنتەبىر ئايلىرىچىغە تۇرغان.
لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچاردا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىشىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا يازغان خەتلىرىدە بۇلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى -1900يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ،-1935يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىسا ھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىرقانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك كۈرۈنىشلەرنىڭ ئەكىس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن-بىر شىۋېت مىسسيونىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولغان ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ كۇچاردا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دېمەي يېزا-قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشۈنىشى بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان. بىراق كىتاپ لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئارقىلىق باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتاپتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارخى ۋەقەلەرگە قارىغاندا ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرىلىرى كۆپ بولغان.
لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن -1935يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەگە بىرگە كىتىش نىيىتىدە بولسىمۇ ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆرلىرىگە ياش ئېلىپ چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر-بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە موسكىۋاغا يېقىن قالغان بىر يېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان.ئەمما توختاخۇنىڭ كىيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونۇرلارنىڭ ماتىرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
گەرچە بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ يەنىلا -20 ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكىس ئەتتۈرلىگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

2010-05-10

شىۋېتسىيەنىڭ دۆلەت مارشى

سەن قەدىمىي،سەن ئەركىن

قەدىمىي، ئەركىن ۋە تاغلىق ئەي شىمال،
شۇنچە شات، جىمجىت ۋە راھەتتۇر باغرىڭ.
سالام ساڭا ، ھەي دوستانە تۇپراق،
قۇياش، ئاسمان، ياپيېشىل يايلاق.
قۇياش، ئاسمان، ياپيېشىل يايلاق.

شاھتۇرسەن ئوتمىشكە ئەسلىمەڭدىكى،
شەرەپلىك نامىڭ بار دۇنيادا ھەردەم.
بىلىمەن، سەن ھامان سەندۇرسەن ۋەتەن
بەختىمدۇر -شىمالدا ياشاپ، شىمالدا ئولسەم.
بەختىمدۇر -شىمالدا ياشاپ ، شىمالدا ئولسەم.

خىزمىتىڭگە تەييارمەن سۇيۇملىك ۋەتەن،
ئۆلگىچە ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا.
سېنى مەن قوغدايمەن بارلىقىم بىلەن،
لەپىلدەر بايرىقىڭ بۇيۇكلىك ئارا.
لەپىلدەر بايرىقىڭ بۇيۇكلىك ئارا.

كۇرەش قىلىمەن ھەي خۇدا ئائىلەم ئۇچۇن،
سۇيۇملىك ۋەتىنىم شىۋېتسىيە ئۇچۇن.
ۋازكەچكۈم يوق سەندىن، يىگانىدۇرسەن،
بەختىمدۇر-شىمالدا ياشاپ، شىمالدا ئولسەم.
بەختىمدۇر شىمالدا ياشاپ ،شىمالدا ئولسەم.

-2010يىلى -10ماي
تەرجىمە قىلغۇچى ئابدۇشۇكۇر مۇھەممد

تولۇق ئوقۇش

2010-05-05

غەنىي كېرىموۋ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

-1944يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربان بولغان رەھبەرلىرى قاتارىدا غەنىي كېرىموۈمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى غۇلجا شەھرىدىكى ئىنقلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسىنىڭ يېنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن غەنىي كېرىموۋ ئائىلىسىدىن چىققان قۇربانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئىگەلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەزى پاكىتلارنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.غەنىي كېرىموۋنىڭ دادىسى ئېزىزقارى توختاخۇن،ئانىسى بۇسەيلىىخان قىرغىزىستاننىڭ قارا قول دېگەن يېرىدىن بولۇپ، شۇ يەردە تۇرمۇشلۇق بولۇشقان. ئۇلار‏ -1932 يىلى ئەينى چاغدا سېۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بالا- چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا بالىلىرىنىىڭ بېخەتەرلىكى ۋە بالىلىرىنى چېگرىدىن ساق- سالامەت ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىز تۇققانلىرىغا بالىلىرىنى چېتىپ، ھەر خىل فامىلىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ كىيىنكى كۈنلەردە بىر ئائىلدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەرخىل فامىلىلەردە ئاتىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇلار غۇلجىغا كەلگەندىن كىيىن غولجا ئۈچدەرۋازىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ،نۇرغۇن چارۋىلىرى بولغان. ‏1950‏- بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان.
1962‏- يىلى سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن ئۇلار قايتىدىن سېۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كىلىپ تاشكەنت سەھرىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇلار ھاياتىدا جەمئى 8 بالىلىق بولغان.
غەنىي كېرىموۋ- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 2‏- بالىسى بولۇپ، 1922‏- يىلى ئائىلىسى غۇلجىغا كۆچكەندە تاغىسى كېرىموۋنىىڭ يېنىدا قېلىپ رۇسچە گېمنازىيەنى تۈگەتكىچە شۇ يەردە تۇرغان. فامىلىسىمۇ شۇ تاغىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1939‏-يىلى غۇلجىدىكى ئاتا‏‏-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەينى چاغدىكى مەرىپەتپەرۋەر چوڭ باي باۋۇدۇنباينىڭ نەۋرە قىزى مەغپىرە بىلەن توي قىلغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ ئاساسەن باش ئىشتاپتا ئىشلىگەن. كاپىتان، مايور بولغان. 1949‏-يىلى ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە قەستكە ئۇچراپ 27 يېشىدا قۇربان بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا 3 پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلار ھازىر تاشكەنتتە ياشايدۇ. مەغپىرە ئاپپاي
-2007 يىلى تاشكەندە ۋاپات بولغان. مەغپىرە ئاپپاي غەنېي كېرىموۋ قۇربان بولغاندا 26ياشتا بولۇپ، شۇندىن بىرى قايتا تۇرمۇشلۇق بولمىمىغان. غەنىي كېرىموۋنىىڭ نەۋرىسى نەرگىزە ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
رەخىمجان- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىلىسىنىڭ 3‏- بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئىنىسى. ئۇ 1926‏-يىلى قىرغىىستاننىڭ قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1944‏-يىلى ئاكىسى غەنىي كېرىموۋ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئارمىيەدە كاپىتان بولغان. 1946‏- يىلى ئالدىنقى سەپتە قارا كىزىك كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ 20 يېشىدا ۋاپات بولغان. توي قىلمىغان.
خەمىت ھۆسەيىن - ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 5‏- بالىسى بولۇپ، 1928‏- يىلى قىرغىزىستان قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا رۇس گېمنازىيەسىدە ئوقۇغان. 1950‏- يىلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن. ئەينى چاغدىكى >> شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى << ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 50‏- يىللاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. >> ئالتۇن باشاقلار<< دىگەن ھىكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. 1956‏- يىلى سىياسىي بوران- چاپقۇننىىڭ تەسىرى بىلەن غولجىغا قايتىپ كىتىپ سېۋىت كونسۇلدا ئىشلىگەن. سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كىيىن 1962‏-يىلى 29‏-ماي غولجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنىپ، مىللەتچى،پانتۇر كىسىت دېگەن ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.1976‏-يىلى 5‏-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان. خەمىت ھۈسەيىننىڭ گۈزەل ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيەدە ياشايدۇ.
قۇربانجان- غەنىي كېرىموۋنىڭ بىر ئائىلىدە ياشىغان تاغىسى بولۇپ، 1886‏-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قارا قولدا تۇغۇلغان. 1932‏-يىلى ئېزىزقارى ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا چىققان. 1937‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە تۈرمىگە ئېلىنىپ 8 يىل شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غۇلجىغا كىلىپ شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. فولكوۋنىك سوپاخۇن بىلەن بىرگە جەنۇپقا يۈرۈش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان. كىيىن فولكوۋنىك بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جەنۇپ بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان مۇزداۋاننىڭ>> شوتا<< دىگەن يېرىگە يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆۋرۈك سالدۇرغان. ئۇ كۆۋۈرۈكە >> قۇربانجان كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام بېرىلگەن. 1953‏- يىلى قۇربانجان پانتۈركىس دىگەن نام بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كىيىن ، بۇ كۆۋۈرۈكنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ >> ئازات كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام قويۇلغان.
رامىلە- بۇ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن رامىلە ئاپپاي ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 6‏-بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى. ئۇ 1938‏-يلى غۇلجىدا
تۇغۇلغان. 1963‏- يىلى 1‏- مارتتا سىۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
-2005 يىلى شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

2010-05-03

مارجانبۇلاق

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مارجان بۇلاق كۇچا ناھيىسدىكى قۇرۇپ ،پەقەت ئىزى قالغان بىر بۇلاقنىڭ نامى بولۇپ، كۇچا كونا شەھەرگە ئەڭ يېقىن بولغان ئىشىخالا يېزىسىغا جايلاشقان.بۇلاقنىڭ ئورنى كۇچا كونا شەھەنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرۇدىغان چوڭ سايغا سېلىنغان پولات كۆرىكىدىن تەخمىنەن ئىككى كلومېتىر شىمالىغا توغرا كىلىدۇ. بۇلاق جايلاشقان ئورۇن ئورمان ۋە يېشىللىقا ئورالغان ناھايتى گۈزەل جاي بولۇپ، ياشلارنىڭ ياز ۋاقىتلىرى بېرىپ، ئولتۇرۇپ كىلىدىغان جايلىرى ئىدى.رىۋايەت قىلىنىشچە مارجان بۇلاق كۇچادىكى ئەڭ چوڭ بۇلاق بولۇپ، دېھقانلار بۇلاق سۈيىدە ئېتىزلىرىنى سۇغارغاندىن سىرت ئىچىملىك سۇۋلىرىنى مۇشۇ بۇلاقتىن ئەكىلىدىكەنمىش.
يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ "مارجانبۇلاق "ناملىق پوۋۇستى دەل مۇشۇ بۇلاقنىڭ نامىغا قۇيۇلغان بولۇپ، پوۋستتا مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ پىرسۇناژلىرى بولغان ئىككى ياشنىڭ تىراگدىيىلىك مۇھەبەت سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق مارجان بۇلاقنىڭ گۈزەل تەسىۋىرلىرىگە يەر بەرگەن.پوۋۇستتا ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا يىتەلمىگەن قىز مارجانبۇلاققا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدىۇ.دېمەك گۈزەل بىر قىزنى قوينىغا پاتقۇزۇپ ، ھاياتىنى باغرىغا ئالالىغان بۇ بۇلاق ئانچە كىچىك بۇلاق بولمىسا كېرەك. بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشچە مارجانبۇلاق يۇمۇلاق شەكىلدە خېلى چوڭ دائىرنى ئىگەلىگەن بولۇپ، ئەتىراپنى قۇيۇق مەجنۇنتاللار ئورىغان ئىكەن. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇلاق كۆزى ئېتىلىپ قېلىپ، بۇلاق سۈيى ئىگەلىگەن دائىرسىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن. ئىسىمدە قېلىشچە بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇلاقنىڭ دائىرىسى تەخمىنەن 4كۇۋادىرات مېتىردەك كىلىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرسىدىن بۇلاق سۈيى بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇراتتى.-90يىلارنىڭ ئاخىرى بۇ بۇلاقى مەن ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ئىدىم. بۇ چاغدا دائىرسى تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن ئىكەن. بەلكىم بۇ چاققا ئۇ بۇلاقتىن ئىزنامۇ قالمىغاندۇ.
گەرچە مارجانبۇلاق غايىپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ شىېئىر تۇيغۇغا باي نامى يازغۇچى توختى ئايۇپنىڭ مارجانبۇلاق ناملىق پوۋۇستىنى ئىچىگە ئالغان كىتابى ئارقىلىق ساقلىنىپ قالدى.

تولۇق ئوقۇش

2010-04-20

جۇڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

جۇڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋتلىرى گەرچە خەلقارالىق ئاخباراتلاردا كۆپ نەزەرگە ئېلىنماي كىلىۋاتقان تىمىلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما جوڭگو -ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرى يۇشۇرۇن تىركىشىش باسقۇچىدا كىتىۋاتقان مۇناسىۋەتتۇر.

جوڭگو -ھېندىستان مۇناسىۋىتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا چېگرا تالاش-تارتىشىدۇر
چېگرا ماجىراسى جوڭگو -ھېندىستان ئوتتۇرسىدىكى يۇشۇرۇن زىدىيەتكە ئايلانغان ئۆز-ئارا تەھتىد نەزىرىيىسىنى شەكىلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر زامان يەڭ ئىچىدىكى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.گەرچە جوڭگو ھۆكۈمىتى 1962-يىلدىكى جوڭگو-ھېندىستان ئۇرۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غالبە قىلغانلىقىنى ئىلان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما زىمىن دەۋاسى قىلىۋاقتان ئارۇناچال رايونى ئالىقاچان ھېندىستاننىڭ ئەمىلى كونتروللىقىدا بولىشى جوڭگو ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ، ھېندىستاننىى -62يىلىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلار دەپ زەردە قىلشقا سەۋەپ بولماقتا.ئەمما ھېندىستان ھۆكۈمىتى جوڭگونىڭ بۇ ئەيپلەشلىرىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ،-62يىلىدىكى ئۇرۇشتا جوڭگونىڭ ھېندىستان زىمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئامىۋى سورۇنلاردا بايان قىلىپ كەلمەكتە.
جوڭگو بىلەن ھېندىستان ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئەمىلىي زىمىن جەمى125مىڭ كۋادىرات كلومېتىرلىق زىمىن بولۇپ، بۇ شەرقى،غەربى ۋە ئوتتۇرا بۆلەك دەپ ئۈچ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ھازىر شەرقى ۋە ئوتتۇرا بۆلەكتىكى 92مىڭ كۇدرات مېتىرلىك زىمىن ھېندىستان كونتروللىقىدا بولۇپ،جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ زىمىنلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرسە، ھېندىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن رايونىغا قارشلىق 33مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كىلىدىغان ئاقساي رايونىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە جوڭگو-ھېندىستان ئوتتۇرسىدا 15قېتىم چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بۇيىچە سۆھبەت ئوتكەزگەن بولسىمۇ، سۆھبەتتىكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاتتىق مەيدانى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتكەن.ھەتتا جوڭگو ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا بولغان ئىگدارلىق ھوقۇنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھېندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە جوڭگونى زىيارەت قىلماقچى بولغان ئارۇناچال ئىشتاتىنىڭ باشلىقىقا ۋىزا بىرىشنى رەت قىلغان ھەم جوڭگو ھۆكۈمىتى ئارۇناچالنى جوڭگونىڭ زىمىنى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن جوڭگونىڭ ئۆز پۇخرالىرىغا ئۋىزا كەتمەيدۇ دەپ،چۈشۈنچە بەرگەن. ھېندىستان ھۆكۈمىتى بولسا بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. جوڭگو ئاخباراتلىرى بولسا ئالدىنقى يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھېندىستان ئىشپونلۇق ئورگانلىرىنىڭ پىلانلىشى ۋە ياردەم بىرىش بىلەن يۈزبەرگەن دەپ جار سالسا، ھېندىستان ھۆكۈمىتى بومبايدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلەردە ختاينىڭ ئاسترتىن قولى بارلىقىنى ئىما قىلماقتا.
جوڭگو-ھېندىستان مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە چېگرىداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلى بولۇپ،جوڭگونىڭ ھېندىستاننىڭ دۈشمىنى ھېساپلانغان پاكىستان بىلەن سىياسى،ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتىكى قۇيۇق مۇناسىۋىتى، ھېندىستاننى ئەگەر ھېندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەرسە جوڭگو چۇقۇم پاكسىتانغا ھەربى جەھەتتىن ياردەم بىرىدۇ ھەتتا قۇراللىق ئارلىشىدۇ دېگەن ئۇقۇمغا كەلتۈرشكە سەۋەپ بولىۋاتماقتا .ھەتتا بۇ ئېھتىاماللىقنى جوڭگونىڭ ھەربىلىرىگە قاراشلىق نوپۇزلۇق ئاخباراتلىرىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھېندىستان ئۈچۈن مۇھىم بولغان سېرلانكا ۋە نېپاللاردىن جوڭگو تەرپىدىن سىقىپ چىقىرلىشى ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن زىچ ھامكارلىشىشغا تۈرتكە بولغان. نېپالدىكى ماۋچىلار گوروھىڭ يېقىندا بەرگەن،" ئامېرىكا ھېندىستان ئارقىلىق جوڭگونى قورشاشقا تىرىشىۋاتىدۇ" ،دىگەن باياناتى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

ھېندىستان ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق يەنە بىر دۆلەت

يەڭ ئىچىدە سوق-مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىۋاتقان جوڭگو ھېندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناتۇنۇش بولغان ئاخبارات تىمىسى بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئىسىمىنى ئاشكارلشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سىياسى پائالىيەتىچىلەر ھېندىستان ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىماقتا.ئۇلارنىڭ قارىشچە جوڭگو كومۇنىستلىرى -49يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشخالىيتىگە ئېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار بىلەن ھېندىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى قۇيۇق ئالاقە ئىشلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھېندىستان ئارىسىدىكى بىرقىسم قانناش لېنىيىلىرى ناھايتى راۋان بولغان.ھېندىستان ئەينى دەۋىردە ۋەتەن سۆيگەن ئۇيغۇر ئوغلانلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزىگە ۋە پانالىنىش ماكانىغا ئايلانغان.ئىشەنچىلىك تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا -30يىللاردا تۈمۈر سىجاڭ خوجا نىياز ھاجىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەرگە كىرگەن ۋاقتىدا تۈمۈر سىجاڭنىڭ دادىسى ھەج سەپىرىدن قايتىپ كىلىش سەپىرىدە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم خېتىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى،خەتتە ھېندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قۇرال-ياراق ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىن يارەم قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرشچە، ھېندىستان جوڭگو مۇناسىۋەتلرى قەغەز يۈزىدىكى سۈنى دوسلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مەسىلە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ، ئەكسىچە تېخىمۇ مۇرەكەپلىشىدىغان مەسىلە ئىكەن.بۇ خىل ئەھۋالدا ھېندىستان ئۇيغۇرلار غا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
-2009يىل شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

ئۇيغۇرلارغا مىللەتچىلىك كېركمۇ؟

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مىللەتچىلىك بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا روھى كۈچ،مەنىۋى قۇۋەت ۋە مىللەت تەرەقىياتنى ئىلگىر سۈرىدىغان ئىلغا ئىدىيە ھېساپلىنىدۇ. مىللەتچىلىك مىللەتلەرنىڭ ئار-نۇمۇس ئېڭىنى،مىللى غورورىنى ۋە مىللەتتىن پەرخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ مىللى بىرلىككە ،مىللى ھەركەتكە ئۈندەيدىغان غايەت زور كۈچتۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىللى تارىخى، مەدەنىيتى،تىلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە دىني ئىتىقاتى جەھەتتىكى كىملىكى يوقۇلۇش خەۋىپىگە دۇش كەلگەن بىر ئاجىز مىللەتكە نىسپەتەن ئېيتقاندا مىللەتچىلىك بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم بىر روھى يۆلەكتۇر. جوڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك قۇدرەت تېپىشىمۇ ئۇلاردىن سۇن جوڭسەن، جىياڭ جېشى، ماۋ زىدوڭ قاتارلىق مىللەتچى زىيالارنىڭ خىتاي مىللىتى ئارىسىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ھەركىتى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمما بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مىللەتچىلىك ئۇقۇمى قارشى ئېلىشقا ئىرىشمەيدىغان، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالغان مىللەتلەر تەرپىدىن سۈيىستىال قىلىنىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئاسانلا قارىلاشقا ئېلىپ كىلىدىغان ئوقۇم بولۇپ قالدى. بولۇپممۇ مىللەتچىلىك ئوقۇمى ياۋرۇپانى ئاساس قىلغان غەرپ دۇنياسىدا ناھايتى سەزگۈر مەسىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، باشقىلاردا ئاسانلا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە مىللەتچىلىك ئوقۇمىدا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت.ئاجىز مىللەتلەرگە نىسپەتەن ئىيتقاندا مىللەتچىلىك-ئۆزىنى قوغداش ، تىل ۋە مەدەنىيتىنى ساقلاپ قېلىش،قارشىچلىق كۆرسۈتىش، مىللەتنىڭ ئار-نۇمۇسىنى ئىزدەش،مۇستەقىل بولۇشنى، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشنى تەلەپ قىلىش شەكىلىدە ئىپادىلەنسە، مللى دۆلىتىگە ئىگە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كۈچلىك مىلەتلەرگە قارىتا ئېيتقاندا مىللەتچىلىك- باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش،تىل،مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى چەكلەش،ئىقتىسادى جەھەتتىن كونترول قلىش،تەڭسىز مۇئامىلە قىلىش،تۇتقۇن قىلىش،تۈرمىگە سېلىش،قۇراللىق باستۇرۇش قاتارلىق شەكلدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا مىللەتچىلىكنىڭ قۇدىرەتلىك مىللى ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولغان غەرپ ئەللىرىدە چەكلىنىشى تەبئى بىر ئەھۋال بولسا، مىللەتچىلىك ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاجىز بىر مىللەتكە نىسپەتەن بۈگۈنكى كۈندە ناھايتى مۇھىم بولغان بىر خىل روھى خىياپەت ھېساپلىنىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساپ بولغان ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ھەركىتىنى قوزغاش،مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىش، مىللەتچىلىك غوروىنى ئويغۇتۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يوقۇلۇش خىرسىسغا دۇش كەلگەن مىللى مەدەنىيتىنى ،مىللى تىل-يېزىقىنى،مىللى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ب.د.ت تەرپىدىن ئىلان قىلىنغان نۇرغۇن ئەھدىنامە ۋە باياناتنامىلارغا ھەرقادنداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە مىللى كىملىكىنى قوغداپ قېلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ۋە بۇ ھوقۇقلارنىڭ باشقىلا تەرپىدىن دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرماسلقى كېرەكلى ھەققىدە قانۇنى بەلگىمىلەر كىرگۈزىلگەن. ئۇيغۇرلاردا مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش ۋە مىللەتچىلىك ھەركىتى ئېلىپ بېرىش ھەرگىز باشقا مىللەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن بولماستىن ،بەلكى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغاچقا ب.د.ت نىڭ ماتىرىياللىرىدا دىيىلگەن مەزمۇنلار زىت كىلىدىغان
ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
2009-يىل شىۋېتسىيە

تولۇق ئوقۇش

2010-02-18

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ "ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﻮﭘﯘﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﯘﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 17 ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ. "ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ 1965 - 1972 ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ 7 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯧﺮﻣﯩﻨﻼﺭ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ، ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭙﺒﻪ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" 1988 - 1992 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ 20 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﯨﻲ ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻧﻪﺷﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﻩ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. 1999 - ﻳﯩﻠﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﭘﻪﻥ - ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ" 2005 - 2009 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ 3 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 17 ﺗﻮﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺋﺎﭼﻘﯘﭺ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻓﺮﺍﻧﻜﻔﻮﺭﺕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻜﺘﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

"ﻛﯩﻨﺪﯨﻠﯧﺮ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ " ﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﺘﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯚﭖ ﺳﻪﻫﯩﭙﻪ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ 3 - ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﯞﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ، ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﻫﻮﺷﯘﺭ، ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 7 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ،ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺳﺘﯧﻔﺎﻥ ﮔﺎﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﯞﻩ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻣﯧﻜﺎﺋﯩﻞ ﻓﺮﯦﺪﺭﯨﻚ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ.

ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻼﻝ ﻧﺎﺯﯨﻤﯩﻨﯩﯔ "ﻧﻮﺯﯗﮔﯜﻡ" ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻧﯩﯔ"ﺋﯩﺰ" ﯞﻩ " ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ، ﺯﯗﻧﯘﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮﻧﯩﯔ "ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ"، ﺯﻭﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺑﯩﺮﻧﯩﯔ" ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ، ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ"ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻪﻫﺮﺍ"، "ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯚﻝ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭘﻮﯞﯦﺴﺘﻠﯩﺮﻯ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﻫﻮﺷﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ.

ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯧﻨﺴﻜﻠﻮﭘﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﻣﯘﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

تولۇق ئوقۇش

2010-02-08

ياقۇببەگنىڭ نەسەپنامىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


بۇ شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەمەل ساقلانغان بىر پارچە نەسەپنامە بولۇپ، ناھايتى كۆركەم نەقىشلەر بىلەن رەڭلىك ئىشلەنگەن. بۇ شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپىانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان.نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا -1982يىلى "بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر" دەپ ئىزھات يېزىپ قويغان. مېنىڭ ئەرەپ تىلىدىن خەۋىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەسەپنامىدىكى مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان.
-2007 يىلى -13ئۆكتەبىر كۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋاللغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.
نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسەپنامىنى -1865 -يىللاردىن -1875 يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دىگەن قىياسقا كىلىمىز.چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125يىلدىن130 يىلغىچە تارخىقا ئىگە.Photobucket

تولۇق ئوقۇش

2010-02-05

فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تارىخى كىتاپلاردا يوق؟

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

-1939يىلى 30 نويابىر كۈنى سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ425 مىڭ كىشلىك قىزل ئارمىيىسى تانكا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھېمايىسىدە فىنلاندىيە زىمىنغا بېسىپ كىردى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش قىسقىغىنغا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كوپلىكى، ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلۇپ فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.iئەسلىدە فىنلاندىيە شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسىگە قارشلىق زىمىن بولۇپ، پولتاۋا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسى -1809 يىلى فىنلاندىيىنى رۇس ئېمپىرىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە رۇسىينىڭ قاراملىقىدا ياشىغان فىنلاندىيە -1918يىلى مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن ئەسلىدىكى چار روسىيىەگە قاراشلىق زىمىنلارنى قايتۇرۋېلىش غەرىزىدە يۈرگەن سېۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئىستالنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تىزلىكىدە فىنلاندىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ فىنلاندىيىنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى بىلەن -1940 يىلى مارتتا ئاخىرلاشتى.
گەرچە بۇ ئۇرۇش ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانمىسىدىكى پۈتۈن ياۋرۇپانى ھەتتا دۇنيانى تىتىرەتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى كىتاپلارغا ۋە دەرىسلىك كىتاپلارغا بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزىلمىگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى تېخىمۇ ناتۇنۇش. مەيلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردا بولسۇن بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى -1939يىلى-30 نويابىر باشلنىپ -1940 يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جەمئى 105 كۈن داۋام قىلغان.
سېۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە 425مىڭ ئەسكەرنى ئۇرۇشقا بىراقلا سەپەرۋەر قىلغان بولسا بىر ئايدىن كىيىن بۇ ساننى بىر ھەسسە ئاشۇرغان.
ئەينى چاغدىكى سېۋېت ئارمىيىسىنىڭ ۋە فىنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە بولغان.
سېۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 998مىڭ ئەسكەر، 6500تانكا، 3880 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا پەقەت ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 250مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن. فىنلاندىيە تەرەپتىن پەقەت 180 مىڭ ئەسكەر ،32 تانكا،114 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، 26 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.
ياۋرۇپا تارىخچىلىرى يۇقۇردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن، ئاجىزلار كۈچلىكلەر ئۈستىدىن غالبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ باھا بەرمەكتە.

تولۇق ئوقۇش

2010-01-23

مۇشەقەتلىك قەدەم- شەرقى تۈركىستاندىكى 25 يىل

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

بۇ كىتاپ شىۋېتسىيەدە -1917يىلى نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر چوڭ ھەجىملىك ماقالىلار توپلىمى بولۇپ، كىتاپقا -1892يىلىدىن -1917يىلغىچە بولغان ئارلىقتا شەرقى تۈكىستاندا تۇرغان مىسسيونۇر يازغۇچىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەر كىرگۈزىلگەن. 555بەتلىك بۇ كىتاپ جەمى 70 پارچە ماقالىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ماقالىلارنىڭ مەزمۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مەدەنىيتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، دىننى ئىتتىقاتى ،ھۈنەر-سەنئەت ۋە مازار-چىلتەنلىرگىچە چېتىلغان. ماقالىلارغا يەنە شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى رىئاللىقنىڭ ئەينەن كاتىنىسى بولغان نۇرغۇن رەسىملەرمۇ قىستۇرما قىلىنغان. گەرچە كىتاپ ھەر خىل ئاپتورلار تەرپىدىن يېزىلغان ھەر خىل ماقالىلاردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ ئەمما مەزمۇنى شەرقى تۇركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بېشلانغان مەخسۇس ئەسەر سۈپىتىدە بىر سېستىما ھاسىل قىلغان. مەسىلەن كىتاپتىكى "شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى"،"تەبئى مەنزىرلىرى"،"كېلىماتى"،"يېزا-شەھەرلىرى"،"شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى"،" مەدەنىيەت پۈرسەتلىرى"."ئۇيغۇر تىلى"،"ئۇيغۇرلارنىڭ خارەكتىرى"،"ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال -تەمسىللەر"،"ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىن كۈرۈنىشلەر"،"شەرقى تۈركىستاندىكى ئاياللار"،"شەرقى تۇركىستاندىكى ئىسلام"،"شەرقى تۈركىستاندىكى مازار ۋە چىلتەنلەر"،" شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار" ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ماقالىلار بۇ نوختىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئاپتورلار ماقالىلىرىدا ئەينى چاغدىكى شەرقى تۇركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىئالنىي ئەھۋالىنى ئۇبۇكتىپ يۇرۇتۇپ بىرىشكە تىرىشقان بولۇپ، شەرقى تۇركىستاندەك گۈزەل ۋە باي زىمىندا نامرات ،بىخۇد ، نادان ۋە ئاجىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەختسىز تەقدىرىنى بۇ زىمىنغا بايلىق ۋە بەخىت ئىزدەپ كىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئاچكۆز خارەكتىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلغان. مەسىلەن كىتاپتىكى " شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار" دېگەن ماقالىدا "شەرقى تۈركىستان خىتايلار ئۈچۈن خۇددى شىۋېتسىيىلىكلەر -19 ئەسىردە بايلىق ۋە بەخىت ئىزدەپ ئامېرىكىغا بارغىنىدەك ئالتۇن ۋە بەخىت ئىزدەپ كىلىدىغان ماكانىدۇر، ئۇلار بۇ يەردە بىرقانچە يىل ئىچىدە يانچۇقلىرىنى ئالتۇن بىلەن تولدۇرغاندىن كىيىن ئىچكىرىدىكى يۇرتلىرىغا كىتىدۇ ۋە بىرقانچە ۋاقىتتىن كىيىن يەنە قايتىپ كىلىدۇ. مەن بۇنداق شەرقى تۈركىستانغا قايتا كەلگەن بىرقانچە خىتايلار بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ دىيىشچە ئۇلار خىتايدىكى يۇرتلىرىدا ئۇنچىلىك خوشال ياشىيالمايدىغان بوپقاپتىمىش."
كىتاپتىكى ماقالىلار -20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلشتا پايدىلىنشقا بولىدىغان قىممەتلىك ماتىرىياللار بولۇپ، تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشغا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ كىتاپتىكى "ئۇيغۇرلارنىڭ خارەكتىرى" دېگەن ماقالە باشقا بىر مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خارەكتىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان كامدىن كام ئۇچۇرايدىغان ماتىريال بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خارەكتىرى ھەققىدە تۈزۈك ئىزدىنىپ باقمىغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خارەكتىرى ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇپ بېقىشقا تۈرتكە بولالايدۇ. گەرچە ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خارەكتىرىدىكى سەلبى تەرەپلەر كۆپىرەك بايان قىلىنسىمۇ يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ خارەكتىرىدە قانچىلىك ئوخشاشلىق ۋە قانچىلىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى تېپىپ چىقىشتا ئاساس بولىدىغان قىممەتلىك ماتىرىيال ھېساپلىنىدۇ.
مەسىلەن ماقالىدا مۇنداق بايانلار بار:ئۇيغۇرلار نىڭ ئاسان ئاچچىقى كىلىپ ئاسان ئاچچىقى يانىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالى چوڭ، قىزىقان، تەرسا، سەۋرى-تاقىتى كامچىل كىلىدۇ."...........
ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز ،دادىل ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى ناھيتى ئاجىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە ھوقۇق تىگىدىغان بولسا ئۇ دەرھال باشقىلارغا كۈيۈنمەيدىغان رەھىم-شەپقەتسىز زالىم ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
دېمەك بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

شىۋېتسىيىدە -1917يىلى نەشىر قىلىنغان ئەدەبئى خاتىرە "رۈتىسنىڭ شەرقى تۈركىستان زىيارىتى"

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

رۈتىسنىڭ شەرقى تۈركىستان زىيارىتى" دېگەن بۇ ئەسەر شىۋېت ئاپتورلار تەرپىدىن يېزىلىپ -1917يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاپچە بولۇپ، بۇ شىۋېتسىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ بالدۇر نەشىر قىلىنغان ئەدەبئى خاتىرە ھېساپلىنىدۇ. ئاپتور ئەسەردە شىۋېتسىيىدە قالغان جىيەن ئوغلى رۈتىس بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئىچكى مونولوگ شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ، ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە شەرقى تۇركىستاننىڭ تەبئى مۇھىتىنى تۇنۇشتۇرغان.ئاپتور لاش ئېرىك ھۆگبەرىي شىۋېتسىيلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تەركىبىدە ئەڭ دەسلەپ قەشقەرگە بارغان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەشقەر، يەركەن ۋە يېڭىسارلاردا -1894يىلدىن -1916 يىلغىچە تۇرغان. ئۇ دىن تارقاتقۇچىلار تەركىبىدىكى بىلىملىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ شەرقى تۈركىستاندا تۇرغان 22 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى مۈكەممەل ئۆگەنگەندىن سىرت ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر قىسم ئەسەرلىرى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بۇكىتاپچە "رۈتىس شەرقى تۈركىستانغا كەلدى"،"شەرقى تۈركىستاندىكى دىن ۋە ئىپادەتگاھلار"،"شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپلەر ۋە نەشىرىيات ئىشلىرى"،"شەرقى تۈركىستاندىكى داۋالىنىش" ئىشلىرى"،"شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبئى مۇھىتى"،"ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى ۋە تاماق ئۈستىلىدىكى ئەدەپلەر"،"شەرقى تۈركىستاندىكى بالىلار" قاتارلىق بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتور ئاددى تىللار بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنى، شىۋېتسىيە بىلان شەرقى تۈركىستاننى سېلشتۇرشقا تىرىشقان.
ئاپتور "شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبئى مۇھىتى"دېگەن بابىدا :
-شەرقى تۈركىستان قانداق ئىكەن ، سېنىڭچە چىرايلىقمۇ؟دېگەن دېئالوگ بىلەن تۇنۇشتۇرۇشىنى باشلايدۇ ۋە ئۆزى جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
-شۇنداق، چىرايلىق. بۇ سېنىڭ قايسى يەر بىلەن سېلشتۇرغىنىڭ ۋە قايسى پەسىلدە بۇ يەرگە كەلگىنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇ يەرگە كەلگىلى خېلى ئۇزۇن يىل بوپتۇ. مەن بۇ يەرنىڭ بارلىق پەسىللىرىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەزدىم. بولۇپمۇ بۇ يەردە باھار پەسلى بەكلا گۈزەل، ئەتىراپ ئۈرۈك، ئالما، ئانار، نەشپۈت قاتارلىق ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلىرىگە ۋە باشقا دەرەخلەرنىڭ يېشىللىقلىرىغا لىق تولىدۇ.
-يەنە باشقا ئالاھىدە گۈزەللىكنى كۆردۈڭمۇ بۇ يەردىن ؟
-شۇنداق، ئۆگزىگە چىقپ قارىسىڭىز يىراقتىن كۆرىنىدىغان كەڭ كەتكەن يېشىللىق، چىرايلىق باغلار،شەپەق نۇرىغا ئورالغان تاغ چوقىلىرى ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەللىك بېغىشلايدۇ. بەلكىم دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرگە سەيياھلارمۇ سىزىپ قويغان رەسىمدەك بۇنداق گۈزەل بىر جاينى كۆرۈپ باقمىغاندۇ!
ئاپتور قەلىمى ئاستىدىكى بۇ گۈزەل كۈرۈنىشلەر ئەينى چاغدا ئاپتور ئۆزى تۇرغان قەشقەر ، يېىڭىسار ۋە يەركەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تەبئى مەنزىرلىرىنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرى ئىدى.
ئاپتور بۇ ئەسىرىدە ئامال بار شەرقى تۈركىستاننىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىئالنى ئىجتىمائى ھاياتىنى ئەدەبئى ئۇسلوپتا يۇرۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نادان، ساۋاتسىز، نامرات ھالەتلرىنى يۈرۈتۈپ بېرىشكىمۇ كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان.
ئەسەرنىڭ "شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپ ۋە نەشىرىيات ئىشلىرى"دېگەن بابىدا مۇنداق بايانلارنى ئۇچۇراتقىلى بولىدۇ":بۇ يەردە شەھەردىكى بالىلار ئاساسەن كوچىلاردا ئوينايدۇ، قىزلار 11ياشقا كىرگەن ھامان ياتلىق قىلىنىدۇ. ئۇغۇللارنىڭ كوچىدا ئويناش ۋاقتى قىزلارغا قارىغاندا ئۇزۇنىراق بولىدۇ. ئۇلار كىيىن قول ھۈنەرۋەنچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىدۇ ياكى سودىگەر بولىدۇ. يېىزىدىكى بالىلار بولسا ئىشەك مىنىدۇ ياكى قوي، كالا، ئۆچكە باقىدۇ. ئەلبەتتە بۇ يەردە مەكتەپمۇ بار . نۇرغۇن بالىلار مەكتەپتە بەش -ئالتە يىل ئوقۇيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بەش -ئالتە يىلدا ئۆگۈنىدىغنى پەقەت بىرقانچە ناماز ئايەتلىرىدۇر. ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىمۇ كىتاپ ئوقۇشنى بىلمەيدۇ. بۇ يەردە كىتاپ ئوقۇشنى بىلىدىغانلار نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت تۆت-بەشى ئاران چىقىدۇ. ئاياللارنىڭ ئارىسىدىن بولسا مىڭنىڭ ئارىسىدىنمۇ بىرى چىقمايدۇ."
ئاپتور نەشىرىياتچىلىق ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئالىدۇ":بۇ يەردە ئوقۇغۇدەك كىتاپ يوق، بار دېگەن تەقدىردىمۇ ناھايتى ئاز ساندىكى قول يازمىلار بار. بۇ يەردە نۇرئاخۇن دەپ بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىگە يارىشا خەلقىگە ھەققىي نۇر بېرىشنى ئويلايتى. شۇڭا ئۇ ھېندىستاندىن كېرەكلىك تاش مەتپە ماتىرىياللىرىنى ئەكىلىپ ئىككى كىتاپ بېسىپ چىققان ئىدى، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېندىستانغا قايتا بېرىپ تاش مەتپە تېخنىكىسىنى ئۆگۈنىپ كىلىپ يەنە ئىككى كىتاپ باستى، ئەمما تەننەرقى بەك قىممەت بولۇپ كەتكەچكە نۇرئاخۇن بارلىق ئىقتىسادىن ئايرىلىپ نامراتلىشىپ ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى."
بۇ كىتاپ گەرچە كىچىك بىر كىتاپچە بولسىمۇ ئەمما بۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەدەئبى خاتىرە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقىنى بىلىشتە يەنىلا مەلۇم قىممىتى بار ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

2010-01-06

تارىختىن ئىككى كەلىمە

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


سةئىدىية خانلىقى ئۇيغذر تارىخدىكى مذكةممةل دألةت تۈزۈلمىسىگة،كةث زىمىنغا،گۈللةنگةن مةدةنىيةت ئاساسىغا ئىگة بولغان بىر خانلىق. ئۇ 1514-يىلدىن تاكى 1759-يىلى مانجذ خانلىقى سةئىدىية زىمىنىنى تذلذق ئىشخال قىلغۇچة بولغان ئارلىقتا هأكۈم سۈرگةن. نذرغۇن تارىخى كىتاپلاردا سةئىدىية خانلىقىنى 1679-يىلى ئىىسمايىل خان مذثغذللارغا ئەسىرگة چۈشكةن ۋاقىتتىن باشلاپ ئاخىرلاشقان دةپ قارايدذ. تارىخى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بذ ئانچة ئەمىلىيةتكة ئۇيغذن ئەمةس.چۈنكى، ئەينى چاغدا مۇثغذلارنىث ياردىمى بىلةن تةخقة چىققان ئاپپاق غوجا يېثى بىر هاكىمىيةت قۇرغان ياكى يېثى بىر پادىشاهلىق تةشكىل قىلغان بولماستىن بةلكى سةئىدىية پادىشاهلىقىنىث باشقا جةمةتتىن بولغان پادىشاهسى سۈپىتىدة ئوتتذرغا چىققان. ئۇ سةئىدىية پادشاهلىقىنىث ۋارىسى سۈپىتىدة سةئىدىية دألىتىنىث بارلىق زىمىنلىرىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن سىرت سةئىدىية دألىتىنىث دألةت تۈزۈلمىسىگىمذ ھېچقانداق ئۆزگةرتىش كىرگۈزمىگةن. بىر پادىشاهلىقتا باشقا جةمتتىن بولغانلارنىث پادىشاھ بولىشى تارىختىن بۇيان هةرقايسى دألةتلةرنىث تارىخدا كأپ كۆرىلگةن ئەهۋالدۇر. مةسىلةن : بذرذنقى مىسىر پادىشاهلىقىدا پادىشاھ جةمةتىگة مةنسۇپ بولمىغان ئۈچ ئۇيغۇر پادىشاهنىث بولغانلىقى مةلذم.بۇنىثدىن سىرىت، هازىرىقى شىۋېتسىية پادىشاهلقىدا ئەسلىدىكى خان جةمةتىگة مةنسۇپ بولمىغان فىرانسىيىلىك بىرىنىث پادىشاھ بولغانلىقى تارىخقا ئېنىق يصزىلغان. يةنة بىرى ،سةئىدىية دائىرسىىگة بېسىپ كىرگةن مذثغۇللار كۈچلۈك قۇشۇنغا ئىگة بولسۇمۇ، لكىن ئۇلاردا ھېچقانداق دألةت ئاپىراتى، دألةت تۈزۈلمىسى ياكى مذكةممةل باشقۇرۇش سېستىمىسى هاسىل قىلغان زىمىن تةۋةلىكى بولمىغا ياكى ئۇلار بىر دألةت نامى ئاستىغا توپلانغان دألةت ئارمىيىسى بولغان ئەمەس. .ئۇلار ئەينى چاغدا پةقةت كۈچلۈك قذراللىق كۈچ سۈپىتىدىلا مةۋجذت بولذپ تۇرغان. ئۇلار سةئىدىية زىمىنغا بېسىپ كىرگةن چاغدىمذ ئۇلار زىمىن بېسىؤېلىش ياكى سةئىدىية دألىتى دائىرىسىدة هاكىمىيةت تىكلةش غةرىزىدة ئةمةس، بةلكى بايلىققا ئىگة بولۇش مةخسىدىدة كىرگةن. شذثا ئۇلار سةئىدىية خانلىققىغا قارىتا گذمران قىلىش پوزىسىيىسىدة ئەمةس، بةلكى ئاپپاق غوجىنى قوللىغذچى كۈچ سۈپىتىدة ئۇنىث تةخقة چىقىشىغا ياردةملىشىپ، داۋاملىق بايلىققا ئىرىشىش غةرىزىدة بولغان..شذثا ئۇلار سةئىدىية زىمىنىدا ھېچقانداق ئەسكةر تۇرغۇزمىغان، پةقةت ۋةكىل سۈپىتىدة مةلذم مۇثغۇل ئەمةلدارىنى قالدذرذپ كةتكةن.ئاپپاق غوجا سةئىدىية دألىتىگة پادىشاھ بولغاندىن كىيىن مذثغذللارغا هةر يىلى ناهايتى زور مىقتاردا ئولپاث تاپشذرغان. ئەگةر ئاپپاق غوجا پادىشاهلىق قىلغان سةئىدىية دألىتىنى مذثغذللارغا ئولپاث تاپشذرغانلىق سةۋةبىدىن گذمران بولدى دىيىشكة توغرا كةلسة، ئۇرخذن ئۇيغذر دألىتىگة ئولپاث تاپشذرغان تاث سذلالىسىنىث مةۋجۇتلۇقنى ئوخشاشلا ئىتىراپ قىلماسلىققا ۋة تاث سذلالىسى زىمىننى ئۇيغذرلارنىث زىمىنى دېيىشكة توغرا كىلىدذ. ئۇنىث ئۈستىگة سةئىدىية مةلىكىلىرىدىن بولغان ئاپپاق غوجىنىث خانىشلىرى ئىىچىدىكى مأهتىرةم خصنىم ئاپپاق غوجىدىن كىيىن تةخقكة ۋارىسلىق قىلغان مةزگىللةردة ىۆزىنىث سةئىدىية دألىتىنىث پادىشاهسى ئىكةنلىكىنى بىلدۈرگةن.
دېمةك، سةئىدىية خانلقى هأكۈم سۈرگةن 245 يىللىق تارىخىدا تاكى سةئىدىية دألىتىنىث 8-پادىشاهسى بولغان ئابدذللا خاننىث هاكىمىيىتى 1667-يىلى ئاخىرلاشقىچة بولغان ئارلىقتا ئىقتىساد ۋة مةدةنىيةت جةهةتتة ناهايتى گۈللةنگةن بىر تارىخى دةۋىرنى باشتىن كةچۈرگةن. بۈگۈنكى كۈندة ئۇيغذرلار تارىخدىكى بذ شانلىق دةۋىرنى ياراتقان سةئىدىية تارىخقىغا دائىر كىتاپلار خصلى كأپ بولسذمذ ئەمما سةئىدىية دألىتىنىث ئىشلةتكةن دألةت بايرىقىغا مذناسىؤةتلىك ھېچقانداق بىر ئۇچذر ماتىرىيالىنى ئۇچذراتقىلى بولمايدذ. تارىختىكى ئۇيغذر دألةتلىرى ئىشلةتكةن ئۇيغذر بايراقلىرى قاتارىدا سةئىدىية دألىتىنىث بايرىقى كأزگة چصلىقمايدذ. يازغذچىلارنىث رومانلىرىدىكى بةزى تةسۋىرلةرگة ئاساسلانغاندا سةئىدىية دألىتىنىث بايرىقى هةققىدة بةزى ئۇچذرلاردىن خةۋةردار بولغىلى بولىدذ. ئەمما بۇلارنىث قايسىسى تارىخى چىنلىققا ئۇيغذن بذ هةققتة بىرنىمة دېمةك تةس، ئەمما بذ هةقتىكى تةتقىقاتنى مةلذم ئۇچذرلار بىلةن تةمىنلةيدذ. مىنىث قارىشىمچة ئابدذؤةلى ئەلىنىث «مةخدذم ئەزةم ۋة ئۇنىث ئەۋلاتلرى»دېگةن رومانىدىكى بةزى تةسۋىرلةر تارىخى رىيئاللىققا ۋة ئۇيغذرلارنىث مةدةنىيةت ئېثىغا بىرقةدةر ئۇيغۇن كېلىدذ. روماندا قازاقلار زىمىندىن زةپەر قۇچۇپ قايتقان سۇلتان ئابدۇرىشىتخان قۇشۇنىنىث تىگى يصشىل قارچۇغىنىث سأرىتى چۈشۈرىلگةن بايراق كأتىرىۋالغانلىقىنى تةسؤىرلةنگةن.يصشىل رةث ئىىسلامىي رةث سۈپىتىدة تةسۋېرلىنىدذ. سةدئىدىية پادىشاهلىقى ئۇيغذرلار تارىخىدىكى قۇيۇق ئىسلامى تۈسكة ئىگة بىر پادىشالىق، شذنداقلا بۇ پۈتۈن سةئىدىية زىمىنىدا ئىسلام دىنى ناهايتى چۇثقۇر يىلتىز تارتقان بىر دةۋىر بولغاچقا بايرىقىغا يېشىل رةثنى ئىشلىتىشى تةبىئى بىر ئەهۋال هةم ئېھتىماللىقى بةك چوث رىيئاللىق. بايراقنىث ئوتتذرىسىغا قارچۇغىنىث سأرىتىنىث چۈشۈرىلىشى ئۇيغذرلارنىث چارۋىچىلىق ۋة ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلغان يايلاق مةدةنىيىتىنىث ئىزناسى بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى قارچۇغا ئۇيغذرلارنىث ياخشى كأرىدىغان قۇشى.ئۇيغذرلار قارچۇغىنى چةبدةس،چاققان،سةزگۈر دةپ قارايدۇ ۋة ئەتىۋارلايدذ. هازىرمذ يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىث قارچۇغا باقىدىن ئادىتىنى ناهايتى كأپ ئۇچذراتقىلى بولىدۇ. بةزى تارىخى بايانلاردا قةيىت قىلىنشچة ئۇيغذرلارنىث قۇد قذشى قارچۇغا ئىكةنلىكى هةققدىكى قىسمةن مةلذماتلار ئۇچۇرايدۇ. گةرچة بذ هةقتة تۇلۇق مةلذماتلار بولمىسىمۇ ئۇيغذرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، تارىخى يىلتىزى ۋة مةدەنيةت ئاساسىدىن قارىغاندا بذ ئەمىلىيةتكة ئۇيغۇن.ياش -ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرپىدىن نةشىر قىلىنغان «شىنجاثدىكى مىللةتلةرنىث قۇد هايۋانلىرى»دېگةن كىتاپتا ئۇيغۇرلارنىث قۇد هايۋىنى «بذلبذل»دةپ يصزىلغان. بذ ئۇيغذرلارنىث ياخشى كأرىشى، خارةكتىرى، مةدةنىيةت ئاساسى، ياشام شةكلىدىن قارىغاندا بۇلبۇل ئۇيغذرلارنىث قۇد قۇشى بولالىشى ئادةمدة گۇمان تۇغدۇرۇدۇ. چۈنكى بۇلبۇل بىلةن ئۇيغۇرلارنىث تذرمذشىدىكى مةنىۋى باغلىنىشىنى ئىزدىسةك مةلذم بىر باغلىنىشنىث بارلىقىنى بايقىمايمىز. «بۇلبۇل»نىث ئۇيغذرلارغا فارىس ئەدةبىياتىدىن كىرگةن غايىؤىي بىر ئوبىراز ئىكةنلىكىدة شةك يوق. دېمةك بۇ نوقتىلاردىن تةهلىل قىلغاندا سةئىدىية دألىتىنىث بايرىقىنىث قارچذغىنىث سأرىتى چۈشۈرىلگةن يصشىل بايراق ئىكةنلىكى بىرقةدةر ئەمىلىيةتكة ئۇيغذن.ئەمما بۇ بىر قىياس، تارىخچىلارنىث ئىزدىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدىغان بىر تىما. مةن قۇلۇمدا ماتىرىياللارنىڭ كام بولىشى سةۋةبىدىن پةقةت ئۆزةمنىث يۈزةكى قىياسىنى ئوتتذرغا قويدۇم. ئزدةنگإچىلةر ئۈچۈن بىر يىپ ئۇچى بولۇپ قالسا ئەجةپ ئەمةس.

تولۇق ئوقۇش

شىۋېتسىيە

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

شىۋېتسىيە –شىمالى ياؤرۇپادىكى ظىسكاندىناؤىية يصرىم ظارىلىغا جايلاشقان بىر پادىشاهلىق دألةت. شةرقى شىمال تةرپى فىلاندىية بىلةن، غةرپ ۋة غةربى شىمال تةرپى نورؤىگىية بىلةن، جةنۇپ تةرپى دانىية بىلةن چېگرىلىنىدۇ.ظومۇمى يةر مةيدانى 44.99 كۇدىرات كىلومصتىر. شىۋېتسىيە شةرقى شىمالدىن غةربى جةنۇپقا قىيسىىپ سۇزۇلغان ظۇزۇن زىمىنغا ظىگة دألةت بولۇپ، ظومۇمى ظۇزۇنلۇقى تةخمىنة 2مىث كىلو مصتىر،ظومۇمى كةثلىكى 400 كىلومصتىر كىلىدۇ. ظومۇمى نۇپۇسى 9مىلىيون ظةتىراپىدا بولۇپ ،تةخمىنةن بىر مىلىيونغا يصقىن چةتظةللىكلةر ياشايدۇ. دألةتنىث ظاساسى ظاهالىسى شىؤېتلةر بولۇپ، شىمالىدا ساۋمىي دةپ ظاتالغان،نوپۇسى 10 مىث ظةتىراپىدا بولغان يةنة بىر ظازسانلىق مىللةت بار. دألةت تىلى شىۋېت تىلى بىلةن ساۋمىي تىلىدۇر، ظصنگىلىس تىلى ظوممى يۈزلۈك قوللۇنىلىدۇ.مةمۇرى باشقۇرۇش جةهةتتة شىۋېتسىيە 5رايون ،24ظألكة،289 ناهيةگة بألۈنگةن.
شىۋېتسىيە مىلادى 800-يىلدىن 1050- يىلغىچة شىمالى ياؤرۇپادىكى دېثىز قاراقچىلىرى دةپ ظاتالغان ۋصكىث دةۋىرىنى باشتىن كةچۈرگةن بولۇپ ،1050 –يىللاردىن كىيىن دألةت بولۇپ شةكىللىنىشكة باشلىغان.1157- يىلى فىلاندىيىنى ظأزىگة قۇشۇۋالغان.1397-يىلى دانىية نورؤىگىيىلةر بىلةن كالما ظىتتىپاقىنى قۇرۇپ دانىيةنىث باشقۇرۇشىدا بولغان.1523-يىلى گوستاؤ ۋاسا شىۋېتسىيىنى دانىيةنىث باشقۇرۇشىدىن ظايرىپ چىقىپ مۇستةقىل قىلغان. شۇ يىلى ظأزى پادىشاھ بولغان. 1654-يىلدىن 1719-يىلغىچة بولغان ظارلىق شىۋېتسىيە پادىشاهلىقىنىث ظةث كۈچةيگةن دةۋىرىدۇر. بۇ مةزگىلدة شىۋېتسىيىنىث زىمىنى فىلاندىية، ظىستونىية،لاتىؤىية، لىتىؤا، روسىية،پولشا،گصرمانىيةنىث بىر قىسمىغىچة كصثةيگةن.1718-يىلى پولشا،دانىية،روسىيةلةر بىلةن بولغان ظۇرۇشتا يصثىلگةندىن كىيىن ظاجىزلىشىشقا باشلىغان.1805-يىلى ناپولىيون ظۇرۇشىغا قاتناشقان. 1809-يىلى رۇسىيةگة يصثىلگةندىن كىيىن فىلاندىيىنى رۇسىيةگة بألۈپ بةرگةن.1814-يىلدىن باشلاپ نورۋىگىيىنى دانيةدىن بألۈۋېلىپ، شىؤىصتسىية – نورؤىگىية ظىتتىپاقىنى قۇرغان. 1905-يىلى نورۋىگىية ظىتتىپاقتىن بألۈنۈپ چىقىپ مۇستةقىللىقىنى جاكارلىغان. شىؤېصتسىية ظىككى قصتىملىق دۇنيا ظۇرۇشىدا بىتةرةپ مةيداندا تۇرۇپ ظۇرۇشقا ظارلاشمىغان. شىۋېتسىيەنىث هازىرقى پادىشاهلىقى گوستاؤ ۋاسادىن باشلانغان پادىشاهلىقنىث ظىزچىل داۋامىدۇر.
شىۋېتسىيە پادىشاهلىق تۈزۈمدىكى دصموكىراتىك بىر دألةت. شىۋېتسىيە پادىشاهى شىۋېتسىيە ظاساسى قانۇنىغا ظاساسةن دألةتنىث ظةث ظالى باشلىقى هصساپلىنىدۇ،ظةمما هاكىمىيةت ظىشلىرىغا ؤة سىياسىغا ظارلاشمايدۇ. ۋارىسلىق قىلىش ظاساسى قانۇنىغا ظاساسةن پادىشاهنىث مةيلى ظوغۇل، مةيلى قىز بولسۇن چوث بالىسى تةخ ۋارىسى هصساپلىنىدۇ.
شىۋېتسىيدة 4چوث قانۇن بار .شىۋېتسىيەنىث پادىشاهلىق ظورنى، دألةت تۈزۈلمىسى، شىۋېتسىيەلىكلةرنىث ظاساسى هوقۇقى مۇشۇ 4چوڭ قانۇن ظاساسىدا بىكىتىلگةن. 1-دألةت تۈزۈلمىسى قانۇنى. بۇ 1809-يىلى تۈزۈلۈپ،1974-قايتا تۈزۈتىلىش كىرگۈزىلگةن. 2-پادىشاهلىق ظورىنىغا ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى.بۇ 1810-يىلى تۈزۈلگةن .بۇچاغدىكى قانۇندا پادىشاهلىق ظورنىغا پةقةت پادىشاهنىث ظوغلى ۋارسلىق قىلىدۇ دةپ بىكىتىلگةن. 1979-يىلى بۇ قانۇنغا ظوزگةرتىش كىرگۈزۈپ پادىشاهنىث چوث بالىسى مةيلى ظوغۇل، مةيلى قىز بولسۇن تةخقة ۋارىسلىق قىلىش هوقۇقى بار دةپ بةلگىلىگةن.بۇ قانۇنغا ظاساسةن شىۋېتسىيەنىث هازىرقى پادىشاهسى كارىل گوستاؤ16 نىث چوث قىزى ۋېكتورىية ؤةلىظةهدى قىلىپ تةيىنلةنگةن. 3-پۇخرالارنىث ظاخبارات ظةركىنلىكى قانۇنى، بۇ 1949-يىلى تۈزۈلگةن. 4-سأز ظةركىنلىكى قانۇنى، بۇ 1991-يىلى تۈزۈلگةن. شىۋېتسىيەنىث ظاساسى قانۇنىدا :شىۋېتسىيە تصرتورىيىسىدة ياشىغۇچى بارلىق كىشىلةر مةيلى ظۇ ظةر ياكى ظايال بولسۇن،مةيلى ظۇ قانداق ظاظىلىدة تۇغۇلمىسۇن، مةيلى ظۇ قانداق دألةتتىن كةلمىسۇن، مةيلى ظۇ قانداق دىنغا ظىتىقات قىلمىسۇن هةممسى ظوخشاش، هوقۇقتا باب-باراؤةر، ظۇلارنىث هةممىسىنىث يىغىن ظۇيۇشتۇرۇش، نامايىش قىلىش، جةمىيةتكة ظۇيۇشۇش ياكى سىياسى پارتىية قۇرۇش، قايسى دىنغا ظىتىقات قىلىش هوقۇقى بار،-دةپ بةلگىلةنگةن.
شىۋېتسىيە ظاساسى قانۇنىغا ظاساسةن شىۋېتسىيە هأكإمىتىدىكى ظةث ظالى هوقۇقلۇق ظورگان شىۋېتىسية پارلامىتى هصساپلىنىدۇ. بۇ يةردة قانۇن چىقىرىش، دألةتنىث تاشقى سىياسةتلىرىنى بةلگىلةش، دألةت ظىچىدىكى چوث ظىشلارنى بىر تةرةپ قىلىش قاتارلىق مۇهىم ظىشلار هةققىدة قارار چىقىرىدۇ.دألةت ظىستاتىسكىسىغا ظاساسلانغاندا هةر يىلى 40 مىث پارچىدىن ظارتۇق قارار چىقىرىلىدۇ. شىۋېتسىيە پارلامىتىغا 349 ظورۇن تةسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ظورۇنغا سايلامغا قاتناشقۇچى هةرقايسى پارتىية ۋةكىلىىرىدىن سايلامدا ظۇتۇپ چىققۇچىلار ظىگة بولىدۇ. بۇلارنى 18ياشقا تولغان، ظاۋاز بېرىش سالاهىتىگة ظىگة بولغان شىۋېتسىيە پۇخرالىرى سايلايدۇ. هازىرقى شىۋېتسىيە پارلامىتىدىكى 349 ظورۇننى سوتسىيال دصموكىراتلار پارتىيىسى،سولچىللار پارتىيىسى، خةلق پارتىيىسى، مودىرات پارتىيىسى، كىرىست دېموكىراتلار پارتىيىسى، يصشىللار پارتىيىسى، سېنتصر پارتىيىسى قاتارلىق پارتىية ؤةكىلى تةشكىل قىلغان. ظاساسى قانۇنغا ظاساسةن پاتىيىلةر پارلامىتقا كىرىش ظۈچۈن سايلامدا چۇقۇم %4 يۇقۇرى ظاۋازغا ظىرىششى كىرةك. هازىر شىۋېتسىيەدة ظىزچىل پارلامىتقا كىرةلمةيؤاتقان پارتىيةلةردىن شىۋېتسىيىە دېموكىراتچىلىرى ،شىۋېتسىيە كومىنستلىرى قاتارلىق پارتىيةلةرمۇ مةؤجۇت. شىۋېتسىيە پارلامىتىدا كأپىنچة ۋاقىتلاردا سوتسىيال دېموكىراتچىلار پارتىيىسى بىلةن، سولچىللار پارتىيىسى هةمكارلىشىپ خىزمةت ظىشلىسة، يصشىللار پارتىيىسدىن سىرت قالغان 4 پارتىية ظأز ظارا هةمكارلىشىپ خىزمةت ظىشلةيدۇ. يصشىللار پارتىيىسى مأتىدىل سىياسةت يۈرگۈزىدىغان پارتىية بولغاچقا داظىم بۇ ظىككى گوروھ پارتىيىلةرنىث كۈچ سىنىشىشىدىكى تالىشىش ظۇبىكتى بولۇپ قالىدۇ.
شىۋېتسىيەدە هةر تأت يىلدا بىر قصتىم سايلام ظصلىپ بصرىلىدۇ. سايلامدا پارلامىتتىكى ظورۇننىث كأپ سانلىققىغا ظىرىشكةن پارتىية لېدىرى هأكۈمةت باشلىقى بولۇپ، يصثى بىر نأۋةتلىك هأكۈمةتنى تةشكىللةيدۇ. شىۋېتسىيە هأكۈمىتىدة 21 مىنىستىرلىك تةسىس قىلىنغان بولۇپ، هأكۈمةت باشلىقى هةرقايسى مىنىستىرلىكنىث مىنىستىرلىرىنى بىۋاستة تةيىنلةش هوقۇقىغا ظىگة. 70-يىللاردىن باشلاپ شىۋېتسىيەدة سوتسىيال دصموكىراتلار پارتىيىسى پارلامىنتتا كأپ سانلىق ظورۇنغا ظىگة بولۇپ،ظىزچىل تۈردة هاكىمىيةت ظۈستىدة تۇرۇپ كةلگەن.
شىۋېتسىيە بىرلةشكةن دألةتلةر تةشكىلاتىغا ظةزا دألةت بولغاندىن سىرىت، ياؤرۇپا ظىتتىپاقىغىمۇ ظةزا. ظۇ 1995-يىلدىن باشلاپ ياؤرۇپا ظىتتىپاقىغا ظةزا بولغان. شىۋېتسىيە ياؤرۇپا ظىتتىپاقى پارلامىتىدا هةرخىل قانۇنلارنى تۈزۈشكة ۋة هةر خىل قارالارنى چىقىرىشقا بىؤاستة قاتناشقاندىن سىرىت يةنة بۇ قانۇن ؤة قارالارنى ظأز دألىتىگىمۇ تةدبىقلايدۇ.
شىۋېتسىيە ظىقتىسادى جةهةتتة تةرةققى قىلغان خۇسۇسى ظىگىلىك بىلةن مۇكممةل دألةت ظىگىلىدىكى ظاممىؤى مۇلازىمةت ظىگىلىكىنى زىچ بىرلةشتإرگةن ظىقتىسادى تۈزۈلمىگة ظىگة. شىۋېتسىيە خةلقارادا يۇقۇرى مۇظاش، يۇقۇرى باج، يۇقۇرى،پارؤانلىق سصستىمىسى بىلةن مةشهۇر . ظورمان، تۈمۈر ۋة سۇ كۈچى شىۋېتسىيىنىث ظۈچ چوث تةبظى بايلىقىدۇر. بۇ تةبظى ظالاهىدىلىك كان ظصچىش، ظالتۇن تاؤلاش، قةغةزچىلىك، توك كۈچى ۋة ماشىناسازلىق قاتارلىق 4 چوث ساناظةت تورىنى شةكىللةندۈرگةن. ساناظةت شىۋېتسىيە دألةت ظىگىلىكىنىث ظاساسى سالمىقىنى ظىگةلىگةن بولۇپ ،ساناظةت مةهسۇلاتلىرىنىث% 82 باشقا دألةتلةرگة ظېكىسپورت قىلىنىدۇ. شىۋېتسىيە ظىقتىسادىدىكى بۇ خىل يۈكسىلىش شىۋېتسىيە پاراؤانلىق سصستىمىسىنىث مۇكةمةللىشىشگة تۈرتكة بولغان.
هةربىي جةهةتتة، شىۋېتسىيە 65 مىث كىشلىك زامانىؤى قۇراللار بىلةن قۇراللانغان ظارمىيىگة ظىگة. ظۇرۇش ۋاقلىرىدا دةرهال 85 مىث كىشلىك ظارمىية تةشكىللىيةلةيدۇ. گةرچة شىۋېتسىيە ظىككى قصتىملىق دۇنيا ظۇرۇشىغا قاتناشمىغان بولسۇمۇ، سوغاق مۇناسىؤةتلةر ظۇرۇشى مةزگىلىدة سېۋېت ظىتتىپاقىنىث تۇيۇقسىز هۇجۇمىدىن ساقلىنىش ظۈچۈن هةربىي ساناظةتنىث تةرةقىياتىغىمۇ زور دةرىجىدة كأثۈل بألگةن. ظۇرۇش ظايرۇپىلانلىرى ۋة سۇ ظاستى كېمىلىرى دۇنيادا ظالدىنقى سةۋىيةدة تۇرۇدۇ.سوغاق مۇناسىؤةتلةر ظۇرۇشى ظاخىرلاشقاندىن كىيىن شىۋېتسىيە هأكۈمىتى هةربى خىراجةتنى قىسقارتىشقا باشلىدى. 2007-يلىغىچة بولغان ظارلىقتا هازىر بار بولغان ظارمىيةنىث% 25نى قىسقارتىشنى ۋة بىر هةربى بازىنى تاقاشنى پىلانلىغان.بىراق بۇ پارلامىتنىث تةستىقىدىن ظأتۈشى كىرةك.
شىۋېتسىيە هأكۈمىتى خةلقظارالىق مۇناسىؤةتلةردة ظاكتىپ سىياسةت يۈرگۈزۈپ كةتمةيدۇ هةم باشلامچىلىق رولىنى ظويناشنىمۇ خالىمايدۇ. هأكۈمةتنىث تاشقى سىياسىتى ظىزچىل تۈردة مأتىدىل يول تۇتۇش. شىۋېت خةلقىنىث مىجةزىدىن ظالغاندىمۇ ظۇلار سىياسةتلةرگة ظاكىتىپ قىزىقمايدۇ. ظۇلار تاشقى سىياسةتتىن كأپىرةك ظأز دألىتىنىث ظوبىرازىغا بةكىرةك كأثۈل بألىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

2010-01-03

شىۋېتسىيىلىكلەر تەرپىدىن -1720يىللاردا سىزىلغان جۇڭغارىيە خەرىتىسى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت


يوھان گوستاۋ رېنات -1682 يىلدىن -1744 يىلغىچە ياشىغان شىۋېتسىيە پادىشاھلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى ۋە خەرىتە سىزغۇچىسى بولۇپ، -1709 يىلى بولغان پولتاۋا ئۇرۇشىدا رۇس ئارمىيىسىگە ئەسىرگە چۈشكەن. .چار پادىشاھ ئەسەرگە چۈشكەن شىۋېت ئەسكەرلىرىدىن بىر گۇرۇپ كىشىلەرنى -1716 يىلى جۇڭغارىيىگە ئالتۇن تېپىشقا ئەۋەتكەندە يوھان گوستاۋ رېناتمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، بۇلار ئەينى چاغادا جۇڭغارىينى كونتروللىغىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قالماقلارغا تۇتقۇن بولۇپ قالغان. يوھان گوستاۋ رېنات جۇڭغارىيىدە 17يىل قالماقلارنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ ياشىغان بولۇپ ، بۇ جەرياندا ئۇ قالماقلارغا شىۋېتسىيىنىڭ ئىلغار زەمبىرەك ياساش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتكەندىن سىرت جۇڭغارىيىنىڭ يەر شەكلىنى تەپسىلى خەرىتىگە ئالغان. ئۇ بۇ خەرىتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە -1734 يىلى شىۋېتسىيىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ،بۇ خەرىتە ئەينى چاغادا شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان. بۇ خەرىتە كىيىن كىشىلەر نەزىرىدىن ساقىت بولۇپ تاكى -1878يىلغىچە كۈتۈپخانا ئامبىرىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تاشلىنىپ قالغان. ھازىر بۇ خەرىتە شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋە ئۇپسالا ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنڭ ئەتىۋارلىق ماتىرىيالى سۈپىتىدە ساقلانماقتا. خەرىتىگە جۇڭغار ئويمانلىقى،تارىم ئويمانلىقى ۋە لوپنور كۆلى تەپسىلى چۈشۈرلگەن بولۇپ، بىرقىسىم شىۋېتسىيىلىك تارىخ تەتقىقاتچىلىرى لوپنۇر كۆلىنىڭ دەسلەپ بايقۇغۇچى سۋېن ھېدېن بولماستىن بەلكى يوھان گوستاۋ رېنات بولۇپ، سۋېن ھېدىنىڭ لوپنۇر كۆلىنى بايقىغانلىق نەزىرىيىسى بىر تارىخى خاتالىقتۇر دەپ قارايدۇ.

تولۇق ئوقۇش