2011-04-17

سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا


ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد

مەن ئانام بىلەن خوشلاشقان ۋاقتىمدا ئانام شۇنچىلىك تىتىك ۋە تىمەن قالغان ئىدى. پۇت-قوللىرىنىڭ مادارى تېخى قورىمىغان ئىدى.ئارىدىن ئىككى يىل ئۈتۈپ ئۇرۇن تۇتۇپ يىتىپ قالدى، پۇت-قولىنىڭ مادارى كىتىپ ئۆزىگە بويسۇنماس بولدى. ھەر قېتىم تېلېپوندا ئانامنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىسام يۈرۈكىم لەختە قان بولۇدۇ، يوقلاپ بارالمىغىمدىن چەكسىز ئازاپقا چۈكۈمەن.

رەنجىمىگىن ئانا مېنىڭدىن،
بۇلالمىدىم يېنىڭدا سېنىڭ.
پۇت-قولۇڭنىڭ مادارى كېتىپ،
ئاجىزلىغان ۋاقتىدا تېنىڭ.
ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ ،
دىمىقىمغا ھېدلىرىڭ كېلەر.
سەن يوق يەردە ۋەتەن يوق ئانا،
ئانا ۋەتەن بۈيۈك نەقەدەر!

ھەربىر مىنۇت، ھەربىر دەقىقە،
قۇم ئاقىدۇ تەننىڭ ئىچىدە.
چۈشلىرىمنى تۇقۇيسەن ئانا،
ئەسلىمىگە تولغان كېچىدە.

تۇنۇمايمەن قۇياش ئاينىمۇ،
مەن ياشىغان ناتۇنۇش ئەلدە.
ئانا ۋەتەن دېگەن بۇ سۆزنى،
چۈشەنمەيدۇ ھېچكىم بۇ يەردە.

قەرىزىم يوق بىركىمگە مېنىڭ،
قەرىزدارمەن پەقەت ۋەتەنگە.
نامىزىڭدا دۇئا قىل ھەردەم،
تەلىيى يوق بەخىتسىز ئەلگە.

بەختى قارا ئەلنىڭ پەرزەنتى،
يايرىيالماس ئىچىدىن كۈلۈپ.
ئەي بەخىتلىك يەرنىڭ ئەرلىرى،
كۈلكەلڭلاردىن بېرىڭلار سېتىپ.

ئىزىمىز بار ئىدى تارىخنىڭ،
نۇر چاقنىغان تۇنجى بېتىدە.
قاغىش تەككەن قارا زاماندا،
ئۈشۈك تەگدى ئەلنىڭ بەختىگە.

كۆك ئاسمانغا تىكىلىپ ئانا،
ئاي، يۇلتۇزنى كۆرۈپ ھاردىڭمۇ؟
ئاسمانلىرىم ئايسىز بولسىمۇ،
كۆز نۇرۇم بار ئۇندا مېنىڭمۇ!

رەنجىمىگىن مېنىڭدىن ئانا،
' بارالمىدىم يېنىڭغا يوقلاپ،
ئەل ئۈمىدى سېنىڭ ئۈمىدىڭ،
يۈرۈكىمگە قالدى ئۇ ئورناپ.

-2010يىلى-12ئاينىڭ -5كۈنى ستوكھولىم.