2010-05-05

غەنىي كېرىموۋ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

-1944يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇربان بولغان رەھبەرلىرى قاتارىدا غەنىي كېرىموۈمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى غۇلجا شەھرىدىكى ئىنقلاۋىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قەبرىسىنىڭ يېنىدا كۆزگە چېلىقىدۇ. مەن غەنىي كېرىموۋ ئائىلىسىدىن چىققان قۇربانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە ئىگەلىگەن ماتىرىياللارغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بەزى پاكىتلارنى رەتلەپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.غەنىي كېرىموۋنىڭ دادىسى ئېزىزقارى توختاخۇن،ئانىسى بۇسەيلىىخان قىرغىزىستاننىڭ قارا قول دېگەن يېرىدىن بولۇپ، شۇ يەردە تۇرمۇشلۇق بولۇشقان. ئۇلار‏ -1932 يىلى ئەينى چاغدا سېۋىت ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن بالا- چاقىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ غۇلجىغا كۈچۈپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈش جەريانىدا بالىلىرىنىىڭ بېخەتەرلىكى ۋە بالىلىرىنى چېگرىدىن ساق- سالامەت ئۆتكۈزىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىز تۇققانلىرىغا بالىلىرىنى چېتىپ، ھەر خىل فامىلىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن. بۇ كىيىنكى كۈنلەردە بىر ئائىلدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەرخىل فامىلىلەردە ئاتىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇلار غۇلجىغا كەلگەندىن كىيىن غولجا ئۈچدەرۋازىدا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ،نۇرغۇن چارۋىلىرى بولغان. ‏1950‏- بۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسادىرە قىلغان.
1962‏- يىلى سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن كىيىن ئۇلار قايتىدىن سېۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كىلىپ تاشكەنت سەھرىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇ يەردە ۋاپات بولغان. بۇلار ھاياتىدا جەمئى 8 بالىلىق بولغان.
غەنىي كېرىموۋ- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 2‏- بالىسى بولۇپ، 1922‏- يىلى ئائىلىسى غۇلجىغا كۆچكەندە تاغىسى كېرىموۋنىىڭ يېنىدا قېلىپ رۇسچە گېمنازىيەنى تۈگەتكىچە شۇ يەردە تۇرغان. فامىلىسىمۇ شۇ تاغىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. 1939‏-يىلى غۇلجىدىكى ئاتا‏‏-ئانىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئەينى چاغدىكى مەرىپەتپەرۋەر چوڭ باي باۋۇدۇنباينىڭ نەۋرە قىزى مەغپىرە بىلەن توي قىلغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كىيىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىپ ئاساسەن باش ئىشتاپتا ئىشلىگەن. كاپىتان، مايور بولغان. 1949‏-يىلى ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە قەستكە ئۇچراپ 27 يېشىدا قۇربان بولغان. ئۇ ھايات ۋاقتىدا 3 پەرزەنتلىك بولغان. ئۇلار ھازىر تاشكەنتتە ياشايدۇ. مەغپىرە ئاپپاي
-2007 يىلى تاشكەندە ۋاپات بولغان. مەغپىرە ئاپپاي غەنېي كېرىموۋ قۇربان بولغاندا 26ياشتا بولۇپ، شۇندىن بىرى قايتا تۇرمۇشلۇق بولمىمىغان. غەنىي كېرىموۋنىىڭ نەۋرىسى نەرگىزە ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
رەخىمجان- ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىلىسىنىڭ 3‏- بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئىنىسى. ئۇ 1926‏-يىلى قىرغىىستاننىڭ قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1944‏-يىلى ئاكىسى غەنىي كېرىموۋ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيىسىگە قاتناشقان. ئارمىيەدە كاپىتان بولغان. 1946‏- يىلى ئالدىنقى سەپتە قارا كىزىك كىسىلگە گىرىپتار بولۇپ 20 يېشىدا ۋاپات بولغان. توي قىلمىغان.
خەمىت ھۆسەيىن - ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 5‏- بالىسى بولۇپ، 1928‏- يىلى قىرغىزىستان قارا قول دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان. غۇلجىدا رۇس گېمنازىيەسىدە ئوقۇغان. 1950‏- يىلى ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە قاتناشقان بولۇپ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلىگەن. ئەينى چاغدىكى >> شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئىتى << ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولغان. 50‏- يىللاردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. >> ئالتۇن باشاقلار<< دىگەن ھىكايىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. 1956‏- يىلى سىياسىي بوران- چاپقۇننىىڭ تەسىرى بىلەن غولجىغا قايتىپ كىتىپ سېۋىت كونسۇلدا ئىشلىگەن. سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋېتى بۇزۇلغاندىن كىيىن 1962‏-يىلى 29‏-ماي غولجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە قولغا ئېلىنىپ، مىللەتچى،پانتۇر كىسىت دېگەن ناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلانغان.1976‏-يىلى 5‏-دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە ۋاپات بولغان. خەمىت ھۈسەيىننىڭ گۈزەل ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، ھازىر ئاپىسى بىلەن بىرگە نورۋېگىيەدە ياشايدۇ.
قۇربانجان- غەنىي كېرىموۋنىڭ بىر ئائىلىدە ياشىغان تاغىسى بولۇپ، 1886‏-يىلى قىرغىزىستاننىڭ قارا قولدا تۇغۇلغان. 1932‏-يىلى ئېزىزقارى ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا چىققان. 1937‏-يىلى ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان قاسىملار بىلەن بىرگە تۈرمىگە ئېلىنىپ 8 يىل شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن غۇلجىغا كىلىپ شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. فولكوۋنىك سوپاخۇن بىلەن بىرگە جەنۇپقا يۈرۈش ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ، مۇھىم خىزمەتلەردە بولغان. كىيىن فولكوۋنىك بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن جەنۇپ بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولغان مۇزداۋاننىڭ>> شوتا<< دىگەن يېرىگە يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كۆۋرۈك سالدۇرغان. ئۇ كۆۋۈرۈكە >> قۇربانجان كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام بېرىلگەن. 1953‏- يىلى قۇربانجان پانتۈركىس دىگەن نام بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغاندىن كىيىن ، بۇ كۆۋۈرۈكنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ >> ئازات كۆۋۈرۈكى<< دەپ نام قويۇلغان.
رامىلە- بۇ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەن رامىلە ئاپپاي ئېزىزقارى توختاخۇن ئائىلىسىنىڭ 6‏-بالىسى بولۇپ، غەنىي كېرىموۋنىڭ ئەڭ كىچىك سىڭلىسى. ئۇ 1938‏-يلى غۇلجىدا
تۇغۇلغان. 1963‏- يىلى 1‏- مارتتا سىۋىت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەلگەن. ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشايدۇ.
-2005 يىلى شىۋېتسىيە