2010-08-14

لوۋىسانىڭ خەتلىرى-لوۋىسا بىلەن توختاخۇن ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھېكايىلەر

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

مارىيا گوستاۋ تەرپىدىن يېزىلغان "لوۋىسانىڭ خەتلىرى" ناملىق بۇ كىتاپ لوۋىسانىڭ -1900يىلدىن -1935 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا قەشقەر ۋە كۇچاردىن شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسىغا يازغان 200 پارچە خېتى ئاساسىدا يېزىلغان كىتاپ بولۇپ، كىتاپتا لوۋىسانىڭ قەشقەر ۋە كۇچاردا ياشىغان35 يىللىق ھايات سەرگۈزەشتىلىرى، قەشقەر ۋە كۇچارلاردا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى، ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن بولغان مۇھەببەت ۋە توي ھېكايىلىرى تەسۋىرلەنگەن. كىتاپقا ماتىرىيال بولغان بۇ خەتلەر ھازىر لوۋىسانىڭ سىڭلىسى كىرستىينانىڭ نەۋرىلىرىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خەتلەرنىڭ كۆچۈرلمە نۇسقىسى شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىنىڭ "شەرقى تۈركىستان" بۆلىمىدە ساقلانماقتا.
لوۋىسا ئىڭۋال شىۋېتسىيەنىڭ كارىلسكوگ ناھيىسىدىن بولۇپ، -1900 يىلى شىۋېتسىيە مىسسىيونلىرى تەركىبىدە قەشقەرگە كەلگەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەن ۋاقتىدا 35 ياشتا بولۇپ، تېخى توي قىلمىغان قىز ئىدى. ئۇ -1906 يىلى شىۋېتسىيەگە بىر قايتىپ كىتىپ، -1908 يىلى قەشقەرگە قايتا كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىم قەشقەرگە قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگۈرىش پەيدا قىلغان بولۇپ ، ئۇ مىسسيونۇرلار ئاچقان دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇننى ياخشى كۇرۇپ قالغان. لوۋىسانىڭ بۇ ھەركىتى شىۋېت مىسسيونۇرلىرى تەرپىدىن قاتتىق تەنقىتكە ئۇچۇراپ ئۇنى مەجبۇرى شىۋېتسىيەگە كەتكۈزىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما لوۋىسا -1912يىلى توختاخۇن بىلەن چېگرىدىن ئوغۇرلىقچە ئۈتۈپ، ھازىرقى قىرغىزستاننىڭ ئوش شەھرىگە قېچىپ بارغان ۋە شۇ يەردە توختاخۇن بىلەن توي قىلغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار ئوشتىن قەشقەرگە بىرلىكتە قايتىپ كەلگەن، ئەمما ئۇلار قەشقەردە ئۇزاق تۇرماي، ئۇدۇل كۇچارغا كەتكەن. ئۇلار كۇچاردا تاكى - 1935 يىلى سىنتەبىر ئايلىرىچىغە تۇرغان.
لوۋىسا ئۇيغۇر يىگىتى توختاخۇن بىلەن كۇچاردا تۇرغان بۇ 23 يىل جەريانىدا كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ناھيىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىشىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيتىنى چۈشەنگەن، ئۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. بولۇپمۇ ماجۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇ يەرلەردە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭلىرىغا، خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاپلىرىغا شاھىد بولغان. لوۋىسا شىۋېتسىيەدىكى سىڭلىسى كىرستىيناغا يازغان خەتلىرىدە بۇلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بەرگەن.
لوۋىسانىڭ سىڭلىسىغا يازغان خەتلىرى -1900يىلى تېرەكداۋاندا يازغان تۇنجى خېتى بىلەن باشلىنىپ،-1935يىلى قەشقەردە يازغان ئاخىرقى خېتى بىلەن ئاخىرلاشقان. لوۋىسا ھەر قېتىم سىڭلىسىغا خەت سالغاندا خەت بىلەن بىرگە بىرقانچە پارچە رەسىم سالغان بولۇپ، رەسىملەردە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك كۈرۈنىشلەرنىڭ ئەكىس ئەتكەنلىكى مەلۇم، بىراق بۇ رەسىملەرنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
لوۋىسا قەشقەردىن سىرت رايونلاردا تۇرغان بىردىن-بىر شىۋېت مىسسيونىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا مىسسيونېرلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولغان ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇ كۇچاردا تۇرغان مەزگىللىرىدە دوختۇرخانا ئېچىپ كېسەل داۋالىغاندىن سىرت تۇغۇت ئانىسى بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دېمەي يېزا-قىشلاقلارغىچە بېرىپ ئانىلارنىڭ تۇغۇتىغا ياردەمدە بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى چۈشۈنىشى بىلىشى بىر قەدەر چۇڭقۇر بولغان. بىراق كىتاپ لوۋىسانىڭ يازغان خەتلىرى ئارقىلىق باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كىتاپتىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە كۇچارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار لوۋىسانىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنىرىدىن كۆپ ئاز بولغان. لوۋىسا شاھىت بولغان تارخى ۋەقەلەرگە قارىغاندا ئۇششاق تۇرمۇش تەسۋىرىلىرى كۆپ بولغان.
لوۋىسا ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئۆزىنىڭ قېرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن -1935يىلى كۈز ئايلىرىدا ئانا ۋەتىنى شىۋېتسىيەگە قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. توختاخۇن لوۋىسا بىلەن چېگراغىچە بىرگە كەلگەن. ئەسلىدە توختاخۇن لوۋىسا بىلەن بىرگە شىۋېتسىيەگە بىرگە كىتىش نىيىتىدە بولسىمۇ ئەمما قولىدا قانۇنلۇق پاسپورت بولمىغانلىقى ئۈچۈن لوۋىسا بىلەن چېگرىدا خوشلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار بىر-بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆرلىرىگە ياش ئېلىپ چېگرا سىزىقىنىڭ ئىككى تەرپىدە ئاخىرقى قېتىم بىر-بىرى بىلەن ۋىدالاشقان. لوۋىسا مۇشۇ قېتىملىق سەپىرىدە موسكىۋاغا يېقىن قالغان بىر يېزىدا 70 ياشقا تولىدىغانغا ئىككى كۈن قالغاندا ۋاپات بولغان.ئەمما توختاخۇنىڭ كىيىنكى ھاياتى ھەققىدە باشقا مىسسيونۇرلارنىڭ ماتىرىياللىرىدىمۇ ھېچبىر ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
گەرچە بۇ لوۋىسانىڭ خەتلىرى ئاساسىدا باشقىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ يەنىلا -20 ئەسىرىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقى ئەكىس ئەتتۈرلىگەن قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلىنىدۇ.