2012-03-20

شاتگۈل ئۇيغۇر

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

Photobucket

1988-يىلى 8-مارت كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شاتگۈل ئۇيغۇر ئىشىكىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇلغان سۇ نازارىتىنىڭ ماشىنىسى پارتلاپ كېتىپ قازا قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان شاتگۈل ئۇيغۇر 1988-يىلى 8-مارت28 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئارىدىن 24 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسىنى كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقى ياكى قاتىلنىڭ تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغىنى يوق.
ئەينى چاغدىكى جامائەت پىكرىگە ئاساسلانغاندا ماشىنىغا بومبا قويغۇچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي گازارمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سۇ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان ئۇيغۇر مىنوفنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن، ئەمما ماشىنىغا شاتگۈل دادىسىدىن بۇرۇن چىققانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئورنىدا ۋەقەگە دۇچار بولۇپ قازا قىلغان.
مەرھۇم شاتگۈل ئۇيغۇر 80-يىللاردا كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق كىنو ئارتىسلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ،1980-يىلى چاڭچۈن كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن «قالدۇق قار» ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن «رەنانىڭ تويى»، «ئارتىس بولمايدىغان قىز»، «سىرلىق كارۋان» قاتارلىق فىلىملەردە ئارقا-ئارقىدىن رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئاكتيورلۇق ساھەسىدىكى تالانتىنى نامايان قىلغان ئىدى.
شاتگۈل ئۇيغۇر 1960-يىلى، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋەقەگە يولۇققان ۋاقتىدا ئەمدىلا 28 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بەرنا قىز ئىدى.
شاتگۈل ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تەسىرى زور بولغان، ئۇيغۇر جامائەت ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. شۇڭا شائىر ياسىن ئىمىن «شاتگۈل» نامىدا كىتاب يېزىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشر قىلدۇرغان ئىدى. كىتابتا شاتگۈل، دادىسى ئۇيغۇر مىنوف ۋە چوڭ دادىسى مىنوفئاخۇن قاتارلىق 3 ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، كىتابقا يەنە شادگۈلنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن. كىتاب نەشر قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، كىتابخانىلاردا سېتىش مەنىي قىلىندى ۋە ئاپتورى ياسىن ئىمىننىڭ يېزىقچىلىق ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىدى.
ھەممىدىن خەۋەردار بىر قىسىم ئەربابلارنىڭ ئەينى يىللىرى جامائەت سورۇنلىرىدا بىلدۈرۈشىچە شاتگۈلنىڭ دادىسى ئۇيغۇر مىنوف ئەلسۆيەر، جامائەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، پەزىلەتلىك كىشىلەرنىڭ بېرى بولۇپ، سۇ نازارىتىگە نازىر بولغان يىللىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئىكەن.
«شاتگۈل» ناملىق كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، شاتگۈل ئۇيغۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىنوفئاخۇن 1947-يىلى -2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن خىتاي گومىنداڭچىلىرىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرگە قارشى قوزغىغان 25-فېۋرال ۋەقەسىدە پۇقراچە كىيىنگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. مىنوفئاخۇن شۇ يىللىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولغان بۇرھان شەھىدىنىڭ شوپۇرى ھەم قوغدىغۇچىسى بولغان.
2012-يىلى 3-ئاينىڭ6-كۈنى