2012-03-20

مەن كۆرگەن تۇنجى ئالىم- ڧىزىكا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مۇھەممەد ئابدۇسالام

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

Photobucket

1988-يىلى 7-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئىدى. بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانلىرىمىزنى تاماملاپ خىزمەت تەقسىماتىنى كۈتۈپ تۇراتتۇق. قەشقەردە 7-ئاي مەزگىلى ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا چۈش مەزگىللىرى مەكتەپ ئىچىدە ئادەم قالمايتتى. مەن بىرقانچە ساۋاقدىشىم بىلەن مەكتەپنىڭ ئالمىلىق بېغىدا سايىدىغاچ پاراڭ سېلىپ ئولتۇراتتۇق. باشقا سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى كېلىپ ، سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ مېنى مەمۇرىيەت بىناسىغا چاقىرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەن بارسام سىنىپ مەسئۇلىمىز مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى كۆرۈپ:
-تىز بۇلۇڭ، مەن سىزگە خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن، بۈگۈن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم مۇھەممەد ئابدۇسالام بىلەن ئۇچرىشىش بولماقچى ئىدى، ئەسلىدە بىر پاكولتىتتىن بىردىن ئوقۇغۇچى كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان،- دېدى.
بىز بىناغا كىرسەك ئۇلار ئۇچۇرشۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، كارىدوردا كىلىۋاتقان ئىكەن. يېنىدا مەكتەپ باشلىقى چوڭھاجى، ئوقۇتۇشقا مەسئۇل ماۋۇن باشلىقى مەمەت يۈسۈپ ۋە باشقا بىرقانچە ئوقۇتقۇچىلار ھەمرا بولۇپ بىرگە كېلىۋىتىپتۇ. بىز ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇق. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمىزدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاش ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما بۇ ئارزۇلىرىمىزغا يېتىشنى خۇددى چۈشتەك ھېس قىلاتتۇق.شۇڭىمۇ ئۆزۈم سەل جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتىم.بىراق كۆڭلۈمدە ئۇ ئادەمنىڭ بىر ئالىملىقىغا ،بولۇپمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چەتئەللىك بىر ئالىملىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيتى. ئالدىمدا كىلىۋاتقان بۇ ئادەم كۆزۈمگە خۇددى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر يازغۇچىدەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. چۈنكى بېشىغا چىمەن دوپپا كىيگەن،كۆزىگە كۆزەينەك تاقىغان،ئىڭئەكلىرىنى قويۇق ساقال باسقان ،ئۇچىسىغا چىپەرقۇتسىمان سۇس خورمارەڭ رەختىن كاستۇم كىيگەن، يېشى 60 ئەتىراپىدا كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمنىڭ تەقى- تۇرقى قاتقان ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن ھېچبىر پەرقسىز ئىدى. شۇ چاغدا مەن بۇ ئادەمنى شائىر ئەخمەت زىيائىغا بەكمۇ ئوخشاتقان ئىدىم.
ئارىمىزغا بەش مېتىرچە ئارلىق قالغاندا ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدىم ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم. يېنىمىزدا تۇرغان ڧىزىكا پاكولتىتىنىڭ ياش بىر ئوقۇتقۇچىسى مېنى تۇنۇشتۇرۇپ:
-ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، سىزگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالىمىنى ئېلىپ كېلىپتۇ- دېدى.
-يۈرۈڭ بىز بىلەن بىرگە ماڭغاچ ئەدەبىيات ڧاكولتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئوقۇيدىغان دەرىسىڭلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ، - دېدى. مەن ئوقۇغان دەرىسىلىرىمىزدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم.
- سىلەر پاكىستان ئەدەبىياتىغا دائىر لېكسىيە ئاڭلىدىڭلارمۇ، بىرەر پاكىستانلىق يازغۇچىنى بىلەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ مەندىن .
- ياق، -دەپ جاۋاپ بەردىم مەن سەل خىجىل بولۇپ،- بىزنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتى دەرىسلىكىمىزگە پاكىستان ئەدەبىياتى كىرگۈزىلمىگەن.
- شۇنداقمۇ؟ - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ، - يۈرۈڭ بىز بىلەن بىرگە بېرىڭ ، بىز ھازىر مەكتەپ ئىچىنى كۆرمەكچى-دېدى ئۇ يەنە قولۇنى مۈرەمگە قۇيۇپ تۇرۇپ.
بۇ سۆزلەرنى ڧىزىكا پاكولتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەرجىمە قىلىپ بەردى. مەن ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدىم. مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار يوق دېيەرلىك ئىدى. ھاۋا ئىسسىق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتىھان مەزگىلى بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سالقىن ۋە سايە يەرلەرگە ئۆگىنىش قىلغىلى كەتكەن ئىدى. ئالمىلىق باغدا پەقەت بىرقانچە قىز ئوقۇغۇچىلار كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئالىم مۇھەممەد ئابدۇسالام ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلار بىلەن ئالمىلىق باغدا بىرقانچە پارچە سۈرەتكە چۈشتى. بەلكىم قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان ۋە مەكتەپنىڭ رەسىملىك ژۇرنىلى كۆرگەنلەر بولسا بۇ رەسىملەرنى كۆرگەنلەر بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ چاغلاردا نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان بۇ ئالىم ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچەم ياكى بىلىمىم يوق ئىدى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇ ئالىم پۈتۈنلەي ناتۇنۇش ئىدى. كۆپ ئىزدەنگەن بولساممۇ گېزىت –ژۇرناللاردىنمۇ بۇ ئالىم ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرلار تاپالمىغان ئىدىم. ڧىزىكا پاكولتىتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىدىن:"دوكتور ئابدۇسالام پارچىلانمايدىغان ئاتوم زەررىچىسىنى پارچىلاپ يېڭى زەرىچە پەيدا قىلىپتۇ، ئۇنىڭغا ئابدۇسالام زەررىچىسى دەپ، نام بېرىپتۇ" ، دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
1989-يىلى دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالامنىڭ "ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئسلام ئەللىرى" نامىدا بىر كىتابچىسى ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى. كىتابچە ئەسلى ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا سۆزلىگەن نۇتىقى بولۇپ، كىتابچىدا غەرب ئالىملىرى ئوتتۇرغا قويغان بىر قىسىم نەزەرىيە ۋە بايقاشلارنىڭ بىرقانچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئىسلام ئالىملىرى تەرپىدىن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نەزەرىيە ياكى بايقاشلار ئىكەنلىكىنى ئەمىلى مىساللار بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت كىتابچىدا يەنە تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۆجىزىلەر ۋە قولغا كەلگەن ئىلىم-پەن تەرەققىياتلىرىنى قۇرئاندىكى ئايەتلەر بىلەن شەرىھلەپ چۈشەندىرىدۇ. مەن ئۆز ۋاقتىدا بۇ كىتابچىنى قايتا-قايتىلاپ ئوقۇغان ئىدىم ھەم دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ئىدىم.
كېيىن بۇ ئالىم ھەققىدىكى ماقالىلار گېزىت-ژۇرنال ۋە ئېنتېرنىت سەھىپىلىرىدە كۆپلەپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەن بۇ ماقالىلەردىن شۇنى بىلدىمكى، ئالىم، دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئەسلىدە ئاجىز ئېلېكتېر كۈچىنىڭ ئاجىز يادرو كۈچى بىلەن ئېلېكتېر ماگنىت كۈچنى مەنبە قىلىدىغانلىقىدەك بىر بايقاشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى ئۈچۈن 1979-يىلى نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن. ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ زور مەنپەئەت يەتكۈزگەن . ئۇنىڭ ئېرىشكەن مۇكاپات پۇلىنى ئوقۇش مۇكاپاتى قىلىشى ئارقىسىدا ھازىرغىچە 20 يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ڧىزىكا ساھاسىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان.
مېنىڭ بىلىشىمچە دوكتور مۇھەممەد ئابدۇسالام ئۇيغۇر يۇرتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىردىن-بىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن مەندەك بىر ئىخلاسمەنى ئۈچۈن بۇرۇچ، دەپ قارايمەن.
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى
ستوكھولۇم