2011-12-10

-12 دىكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىگە مۇناسۋەتلىك قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىدا يۈز بەرگەن كىچىكىنە بىر ۋەقە.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت

1985-يىلى9-ئايدا بىز تەتىلدىن يىغىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلسەك قەشقەردە غەيرى تىپلىق جىگەر كېسىلى تارقالغان مەزگىل ئىكەن. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بىز تاماق قاچىلىرىمىزنى ياتاق، سىنىپلاردا ئوپچە قويماي ئايرىم خالتىلارغا سېلىپ كۆتۈرۈپ يۈردۇق. ئۇ چاغلاردا خەت يېزىشىشتىن باشقا ئالاقە ۋاستىسى بولمىغاچقا ۋەتەننىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن خەت يېزىشىپ ئەھۋال سورىشاتتۇق، پىكىر ئالماشتۇراتتۇق.ئادەتتە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارلىقىدا خەت 7 كۈندە تېگەتتى.نويابىر ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار نىڭ ئارىسىدا قەشقەردە تارقالغان جىگەر كېسىلى، شىنجاڭدىكى ئاتوم سىنىقىڭ تەسىرى ۋە باشقا مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇش ئويدا بولىۋاتقانلىقنى ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر بارلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى. ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ راس- يالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتى. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بۇنداق مىش-مىش گەپلەرنىڭ ھەرخىل ۋارىيانتلىرى ئېقىپ يۈرەتتى.
ئىسىمدە قېلىشچە نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. ئۇ چاغدا بىز مەكتەپتە 6 كۈن ئوقۇپ ،پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا دەم ئالاتتۇق. يەكشەنبە كۈنى تاماق ئىككى ۋاقلا بېرىلگىنى ئۈچۈن ئەتتىگەنلىك تاماق ۋاقتى سائەت 10دا بولاتتى. تاماق يېگىلى ياتاق بىناسىدىن سىرتقا چىقسام ھاۋا شۇنچىلىك بۇلۇتلۇق، ھازىرلا قار ياغىدىغاندەك بىر خىل شىۋىرغانلىق ئىكەن. ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتىقى تەبىئىي پەن بىناسىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئىگىزلىككە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن پەلەمپەي ئارقىلىق پەسكە چۈشۈپ ، تەبىئىي پەن بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلسەم مەكتەپ ئىچىدىكى تۆت دوقمۇشتا تاماققا ماڭغان 5،6 بالا ستولبىغا چاپلانغان قەغەزدىكى بىرنىمىلەرنى ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ چاغدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئىچىدە مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسىدىن كۈتۈبخانا بىناسىغا تاقاشقان يول بىلەن ئىجىتىمائى پەن بىناسى ۋە تەبىئىي پەن بىناسىنى بويلاپ بىر ئۇچى ئاشخانىغا يەنە بىر ئۇچۇ ئوقۇغۇللار ياتاق بىناسىغا تۇتاشقان يولنىڭ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان مۇشۇ بىرلا چوڭ تۆت دوقمۇش بار ئىدى. شۇڭا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تاماققا بېرىش ئۈچۈن ھەممىسى مۇشۇ يولدىن ئۆتەتتى. مەنمۇ بېرىپ ئاشۇ توپلۇشۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار قاتارى ستولبىغا چاپلانغان خەتنى ئوقۇدۇم. خەتتە ئاتوم سىنىقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرۋاتقان زىيىنى، ئىچكىردىن چىقىۋاتقان خەنزۇ كۆچمەنلەرنى توختۇتۇش، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرسىدىكى باراۋەرسىزلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇتنى چەكلەش، ئالىي مەكتەپلەردە يولغا قۇيۇلغان خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە باشقا مىللىي مەسىلىلەرنى سۆزلىگەندىن سىرت ئەڭ مۇھىمى شۇ چاغدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەمەتنى شىنجاڭدىن بېيجىڭغا يۆتكەپ ئەكېتىدىغانلىقىنى ، ئەگەر ئىسمائىل ئەمەت بېيجىڭغا كەتسە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ بىر يوقۇتۇش بولىدىغانلىقى ، شۇڭا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى يېزىلغان ئىكەن.مەن خەتنى تولۇق ئوقۇپ بولغۇچە تاماققا ماڭغان خېلى كۆپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىمىزغا توپلاشتى. ئادەم كۆپەيگەنچە ئالدىدا كېلىپ ئوقۇغانلىرىمىز كىيىنكىلەرگە ئورۇن بوشۇتۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتۇق. تاماق يەپ بولۇپ چىقسام ستولبىغا چاپلانغان خەتنى ئالىقاچان ئېلىۋېتىپتۇ. باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم بۇ ئىش دەرھال مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قۇلۇقىغا يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئابدۇراخمان شۇجى كىلىپ ئېلىپ كىتىپتۇ. ئابدۇراخمان شۇجى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل ماۋۇن سېكىرتارى ئىدى. بۇ ئادەم سېپى ئۈزىدىن تۇغما قىپ-قىزل ئادەم بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مەيلى قىز ، مەيلى ئوغۇل بولسۇن بۇ ئادەمنى ياخشى كۆرۈدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوق ئىدى .
گەرچە بۇ خەت ئېلىۋىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق خەتنىڭ مەزمۇنى باشقىلارغا يىتىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۇشۇرۇن غۇلغۇلىغا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپ ۋەزىيىتى ئانچە تىنچ بولمىدى، ئۈرۈمچىدىنمۇ خەت ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە تەلەپ سۇنۇلۇپتۇ، پات يېقىندا نامايىش بولغۇدەك دېگەن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. گەرچە ئوقۇش نورمال داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسى-يادى ئوقۇشتا ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدە بولىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە ئۇ ھەققىدە كۇسۇر-كۇسۇر پاراڭلىشىىشتا ئىدى. گەرچە بىزنىڭ قاچان نامايىش بولدىغانلىقىدىن ئېنىق خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ ، ئەمما بىزدىن يۇقىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىنىپ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلغانتۇق.
-12دېكابىر قەشقەردە ھاۋا ناھايىتى ئۇچۇق ئىدى. ئەتتىگەنلىك ئىككى سائەتلىك دەرستىن كىيىنكى ئارلىق گىمناستىكىغا چىقتۇق. مەكتەپتىكى بارلىق سىنىپلارنىڭ بىكىتىلگەن گىمناستىكا ئويناش ئورنى بار ئىدى. بىزنىڭ ئورنىمىز كۈتۈبخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ۋاسكىتبول مەيدانى ئىدى. بىز مەيدانغا چىقساق باشقا سىنىپلار تېخى دەرستىن چۈشمىگەن ئىكەن. بىزنىڭ ئارقىمزدىنلا خىمىيە فاكۇلتېتى 83-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى چىقتى. بىز بىر ئوقۇتۇش بىناسىدا بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى ئاساسەن تۇنۇيتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ گىمناستىكا ئويناش ئورنى كۈتۈبخانا بىناسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولدا بولۇپ بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بويى پاكارراق، دىقماق، گەۋدىسى كەڭرى، بۇرنى قاڭشارلىق بىر بالا بولىدىغان، ئۇ تۇيۇقسىزلا قوينىدىن ئۇزۇن بىر لاتىنى چىقاردى، ئۇنىڭغىچە قالغان بىر -ئىككى ئوغۇل بالا يول ياقىسىدىكى دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ چوڭراق شاخلىرىدىن ئىككىنى سۇندۇردىدە لاتىنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئۆتكۈزۈپ،يۇقۇرى كۆتەردى. بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار لاتىغا نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىغا قارىماستىن "نامايىش" دەپلا ئۇلار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۇق ۋە ئۇلارغا بېرىپ قوشۇلدۇق. مەقسىدىمىز مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، قەشقەر شەھىرىنى ئايلىنىپ نامايىش قىلىش ئىدى. بىز ئىككى سىنىپنىڭ بالىلىرى تىزىلىپ دەرۋازىغا قاراپ ماڭدۇق. ئۇنىڭغىچە باشقا سىنىپنىڭ بالىلىرىمۇ دەم ئېلىشقا چىقتى، ئەمما بىزگە قۇشۇلغانلىرى ئانچە كۆپ بولمىدى، كۆپىنچىلىرى يولنىڭ ئىككى چېتىگە يىغىلىپ بىزگە قاراپ تۇرۇشتى. بىز دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسى ئالىقاچان ئىتىۋېتىلگەن ، ئابدۇراخمان شۇجى، بىرقانچە ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن قولىغا كاناي ئېلىپ دەرۋازا ئالدىدا
بىزنى تۇسۇپ تۇرغان ئىكەن.خىمىيە پاكولتېتىدىن چىققان نامايىش باشلامچىسى ھېلىقى بالا مەكتەپ مەسئۇللىرىغا "بىز چېكىنمەيمىز " دەپ قاتتىق جاۋاب بەردى. بىزمۇ تەڭ ئەگەشتۇق. نامايىش توپىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، تەخمىنەن 70-80 بالا بار ئىدى. ئۇنىڭغىچە ھەرقايسى سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرى ئالدىمىزغا كېلىپ بىزگە يالۋۇرغىلى تۇردى. ھېچكىم توپتىن ئايرىلىپ باشلامچى بولۇپ چىقىپ كېتىشنى خالىمايتتى. ئارىدىن بىر سائەتلەر ئۆتكۈچە تالاش تارتىشلار، تەربىيە ئىشلەشلەر ۋە قورقۇتۇشلار بولدى، ئاخىرى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بىردىن-ئىككىدىن تارتىپ مېڭىشلىرى بىلەن تارقاپ كەتتۇق. ئەمما سىنىپقا كىرىپلا بۇ ھەركەتنى خاتا ، دەپ ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاندۇق. بىزنىڭ سىنىپىمىزغا سىنىپ مەسئۇلىمىز ئۆمەر ئوسمان)ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى( ئابدۇراخمان شۇجى، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمان) بۇ ئادەم ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى سېلشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىردىن-بىر تەتقىقاتچى، پىرافىسۇر ئىدى.-90يىلارنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ پىرافىسۇر بولغان ئىدى. 90-يىللارنىڭ ئاخىرى راك كېسلى بىلەن تۈگەپ كەتتى.( ، ئەدەبىيات پاكولتىتىنىڭ باشلىقى ۋاھىتجان غۇپۇر ) ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماۋۇن باشلىقى(قاتارلقلار كىردى. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە ئىدىيە ئۆزگەرتىش، ئىپادە بىلدۈرۈش يىغىنى ئېلىپ باردۇق. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا پەقەت يېرىم سائەتلا قۇيۇپ بېرىلدى. تاماققا چىقىش ئارلىقىدا دوسكىغا داغستانلىق شائىر رەسۇل ھەمزانىڭ بىر شېئىرىنى يېزىپ قويدۇق. بۇ شېئىرنى مەن دەپ بەردىم يەن بىر ساۋاقدىشىم داسىكىغا يازدى)ھازىر بۇ ساۋاغدىشىم ئاقسۇدا ئىشلەيدۇ(شېئىر مۇنداق ئىدى.
قايتىپ كەلدىم تاغلار-ئېدىرلار،
ئۆزگۈرۈپتۇ راسلا ئېلىمىز.
باشقا تىلدا سۆزلەيدۇ بالىلار،
ئۆلىۋاتامدۇ ئانا تىلىمىز.

ئۆز تىلىمىزدا سۆزلەش ۋە يېزىش،
بارغانچە نېسىپ بولمامدۇ بىزگە.
ئەي، بىلمەي تۇرۇپ يۆتىلىشنى،
ئالدىرايدىكەنمىز دەريا- دېڭىزگە.
ئەسلى بۇ شېئىرنى "كۆرۈك" ژورنىلىنىڭ) ھازىرقى ئەدەبىي تەرجىمىلەر ژۇرنىلى-80(يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سانلىرىنىڭ بىرىدىن ياخشى كۆرۈپ يادلىۋالغان ئىدىم.
تاماق يەپ بولۇپ سىنىپ ئالدىغا كەلسەم بالىلار ئىشىك ئالدىدا سىنىپقا كىرەلمەي تۇرۇپتۇ، قارىسام ئىشىك تاقاق ، قۇلۇپنىڭ ئاچقۇ سالىدىغان يېرىگە بىرى ياغاچ تىقىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭغىچە سىنىپ مەسئۇلىمىز، ئابدۇراخمان شۇجى، ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمانلار كەلدى. ئىشىكنى ئېچىش مۇمكىن بولمىدى. ئابدۇراخمان شۇجىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، ئەمما ئىشىكنى ئېچىشقا ئامال تاپالمىدى. بىز ساۋاغداشلار ئىچىمىزدە"خوپ بوپتۇ" دەپ تۇرۇشتۇق. شۇ ئەسنادا ساۋاقدىشىدىن بىرى يېنىمغا كېلىپ ، ھېچكىم سىنىپقا كىرەلمىسە تۈگىمەس يىغىندىن قۇتۇلىمىز، دەپ ئۆزىنىڭ قۇلۇپقا ياغاچ تىقىۋەتكەنلىكىنى پىچىرلاپ قويدى. دىگەندەك يىغىن ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى، ئەمما سىنىپ ئالدىن يىراققا كەتمەي ساقلىشىمىز بۇيرۇلدى. بىز بۈگۈن سىنىپ ئېچىلمايدىغان بولدى، دەپ ئىشەنگەنىدۇق. ئەمما ئابدۇراخمان شۇجى يوغان بازغاندىن بىرنى ئېلىپ كېلىپتۇ. ئۆزى ئۇياق-بۇياق ئۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىكنىڭ ئىلمىكىنى بۇزۇۋەتتى. يىغىن باشلىنىپلا كىمنىڭ قۇلۇپقا ياغاچ تىققانلىقىنى ئىقرار قىلىشقا قىستالدۇق. ئابدۇراخمان شۇجى سىنىپقا كىرىپلا داسكىدىكى شېرىنى كۆرمىگەن ئىكەن. ئەمىلىيەتتىمۇ مەن بۇ شېئىرنى ئۇنچىلىك چوڭ بىر ئىش ئەمەس ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئابدۇراخمان شۇجى داسكىدىكى شېئىرنى كۆرۈپلا جۇدىنى تۇتتى. بۇنى نامايىش، قۇلۇپقا ياغاش تىقىش ۋەقەلىرىگە باغلاپ چوڭ بىر سىياسىي ۋەقەگە ئايلاندۇرغىلى تۇردى.مەن ۋە ساۋاقدىشىم ئىككىمىز ئورنىمىزدىن تەڭ تۇرۇپ شېئىرنى يازغانلىقىمىزنى ئىقرار قىلدۇق. ئابدۇراخمان شۇجى ئىككىمىزنى ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بىز كەچ سائەت 8لەرگىچە ئابدۇراخمان شۇجىنىڭ ئىشخانىسىدا سوراققا تارىلدۇق. كەچلىك تاماققىمۇ چىقالمىدۇق. سورالغان سوئاللار ، نامايىشنى كىم تەشكىللىدى، قۇلۇپقا كىم ياغاچ تىقتى، شېئىرنى نەدىن تاپتىڭلار، نىمىشقا داسكىغا يېزىپ قويدۇڭلار، دېگەندەك بولدى. بىز شېئىرنى كۆرۈك ژۇرنىلىدىن ئوقۇغانلىقىمىزنى، داسكىغا مەقسەتسىزلا يېزىپ قويغانلىقىمىزنى سائەتلەپ چۈشەندۈردۇق، ئەمما سۆزىمىزگە قايىل بولمىدى.
ئەتىسى يەنە ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدۇق. ئىشخانىدا ئابدۇراخمان شۇجى بىلەن مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ماۋۇن باشلىقى مەمەت يۈسۈپ)ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلىۋىزىيە ئونۋېرسىىتىتىنىڭ باشلىقى( ئولتۇرۇپتۇ. بىزدىن " شېئىرنى نەدىن تاپتىڭلار، راستىنلا سىلەر يازمىدىڭلارمۇ" ، دەپ سورىدى. بىز شېئىرنى "كۆرۈك" ژورنىلىدىن تاپقانلىقىمنى دەپ بەردۇق. ئۇلار شۇ ژورنالنى تېپىپ ئەكىلىشىمىزنى بۇيرۇدى. بىز مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ ،تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەن ئىشكاپتىن ئالدۇقتە ، ئارىيەتكە ئېلىپ ، ئاپىرىپ كۆرسەتتۇق. ئۇلار ژورنالنى ئېلىپ قېلىپ بىزنى چىقىرۋەتتى. ئەمما بىر ئايغىچە سىياسىي ئۆكۈنۈشتىن باش كۆرەلمىدۇق. بۇ ۋەقەلەر بولۇپ 3 كۈندىن كېيىن -12دىكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلغانلىقىنى بىلدۈق. ئەسلىدە بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن خىمىيە پاكولتىتىدىكى ھېلىقى بالىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن بالىلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. بولمىسا ئوخشاش بىر كۈندە نامايىش بولمىغان بولار ئىدى. گەرچە بۇ قېتىمقى نامايىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ ئەمما پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنى قوللىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.
-1987يىلىى -83يىللىقنىڭ باللىرى ئوقۇش پۈتتۈردى. ئاڭلىسام نامايىشنى تەشكىللىگەن ھېلقى خىمىيە پاكولتىتىدىكى بالىغا نامايىش سەۋەپلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى بەرمەپتىمىش. ئۇ يىللاردا قولىدا دېپلومى بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىلەن ھېچ يەرگە خىزمەت تەقسىم قىلمايتتى. كېيىن بۇ بالا ھەققىدە كۆپ سۈرۈشتۈردۈم ئەمما خەۋىرىنى ئېلىشقا نېسىپ بولمىدى. ھەر يىلى -12دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى خاتىرە كۈنىدە ئۇ بالىنى دائىم ئەسلەيمەن.