2011-12-10

بىز خاتىرىلىگەن ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت


-1987يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكولتىتنىڭ -3يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى بىزنىڭ ئىككى يىل يەنى تۆت مەۋسۇم ئوقۇيدىغان ئاساسلىق دەرسىمىز ئىدى. دەرىسلىكىمىزگە ئەسقەر ھۈسەيىن بىلەن ۋاھىتجان غۇپۇر بىرلىكتە تۈزگەن "ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتى" نامىدىكى قاتتىق مۇقاۋىلىق قېلىن كىتاپنى ئىشلىتەتتۇق. ۋاھىتجان غۇپۇر شۇ چاغدا ئەدەبىيات پاكولتىتنىڭ باشلىقى ئىدى. ھازىر ئاڭلىسام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماۋۇن باشلىقى بوپتۇ. ئەسقەر ھۈسەيىن بىزنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدەبىياتىغا ناھايىتى پۇختا، تالانتلىق ،جىگىرى بار، باشلىقلارغا خۇشامەت قىلمايدىغان ئادەم ئىدى. رەھمەتلىك پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن ئىدى. بىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم -2002يىلى ياز پەسلىدە كۆرۈشكەن ئىدۇق، كېيىن ئاڭلىسام تۈگەپ كىتىپتۇ. رەھمەتلىك مۇئەلىمنىڭ ئەلشىر نەۋائىغا تولىمۇ زوقى بار ئىدى. ئەلشىر ناۋائىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى گىگانىت شەخس دەپ تونۇيتتى. بىز قىشلىق تەتىلدىن ئەمدىلا يىغىلىپ ، دەرس باشلاپ تۇراتتۇق. بىر كۈنى ئەسقەر مۇئەللىم بىز بىرقانچىمىزنى ئېلىپ قېلىپ، سىنىپ دائىرسىدە ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىز سىنىپتىكى ساۋاغداشلار بىلەن مەسلىھەت قىلىش قارارىغا كەلدۇق. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كېرىمجان ئابدۇرېھىم چاقىرتىپ قالدى. ئۇ چاغدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەكتەپتە قېلىپ قالغىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىغان ئىدى. ھازىر كېرىمجان ئابدۇرېھىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلمىي تەتقىقاتچى بولۇپ قالدى. ئەسلىدە ئەسقەر مۇئەللىم كېرىمجان بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئىكەن. مەسلىھەت بويىچە ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كېرىمجاننىڭ ياتىقىدا ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق. ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتىگە قاتنىشىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم چوقۇم ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىدىن ئاز دىگەندە بىر كۇبلىت ياتقا بىلىش شەرت قىلىنىدى. ئىسىمدە قېلىشچە ئەسقەر مۇئەللىم بىزگە" ئەلشىر ناۋائى -1440يىلى -2ئاينىڭ-9 كۈنى تۇغۇلغان، ئەمماتەييارلىقىمىزنى پۈتتۈرەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بىرقانچە كۈن كېچىكىپ تەبرىكلىدۇق " دېگەن ئىدى.
پۈتۈشكەن كۈن بويىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ ياتىقىغا يىغىلدۇق. بىز ياتاققا كىرىشتىن ئىلگىرى ئىشىك تۈيىدە تۇرۇپ ، ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىم بىلەن كېرىمجانغا ئۆزىمىز يادقا ئالغان ئەلشىر ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ بەردۇق. خاتا ئوقۇغان ياكى ئوقۇيالمىغانلار خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كىرگۈزۈلمىدى. 30غا يېقىن بالىدىن پەقەت 11 بالا لاياقەتلىك بولۇپ، مۇراسىمغا قاتناشتۇق. قالغانلىرى شەرت بويىچە كىرگۈزۈلمىدى. مەن شۇ چاغدا تۆۋەندىكى شېئىرىنى ئوقۇغان ئىدىم.

جاھان جامى تولادۇر زەھرى قاتىل،
ئاڭا مەي ئەيلىمەس كىم بولسا ئاقىل.
ئەجەب ئىشتۇركى بۇ خىل جام ئىچەرگە ،
جاھان ئەھلى ئېرۇر جان بىلەن مايىل.

ئارىدىن 24 يىل ئۈتۈپتۇ. شۇ چاغدا ئىسىمدە قالغان بۇ شېئىرنىڭ قانچىلىك يېرى توغرا، قانچىلىك يېرى خاتا بىلمەيمەن، چۈنكى بۇ شېئىرىنى شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ يەردە ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شېئىر چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم تەلەپپۇزدا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن يەرلىرىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.
كېرىمجاننىڭ ياتىقىغا ئەلشىر ناۋائىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى ئاستۇق. ئەسقەر ھۈسەيىن مۇئەللىم ئەلشىر ناۋائىنىڭ ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، كېرىمجان ئەلشىر ناۋائى شېئىرلىرىنىڭ بەدىئىيلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزىمىز بىلىدىغان نوقتىدا سۆز قىلدۇق. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىم ئەلشىر ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلىشىم ئىدى. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ناۋائىنىڭ تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەشكە ئىمكانىم بولمىدى ھەم ئۇنداق بىر سۇرۇنغىمۇ قاتنىشىپ باقمىدىم.
بۇ يىل ئەلشىر ناۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى خاتىرلەندى. ئۈرۈمچىدە شۇنچە ئۇزۇن يىل ياشاپ ھۆكۈمەتنىڭ ياكى شەخىسنىڭ بىرەر قېتىم ئەلشىر ناۋائىنى خاتىرىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرۇدۇ.
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا نەشىر قىلىنغان دەرىسلىك كىتاپلاردا بولسۇن، مەيلى ئىلىمىي، نەزىرىۋىي باشقا كىتاپلاردا بولسۇن ناۋائىنى ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇراتتى. -1990 يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئۆزبېكستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ناۋائىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە خېلى كۆپ تالاش- تارتىشلار بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ يول قۇيۇشى ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىشى بىلەن ئەلشىر ناۋائى ئۇيغۇرلۇقتىن ئۆزبېكلىككە تارتىپ كېتىلدى. ھەتتا "شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ئەدىپلەر" دېگەن كىتاب نەشىر قىلىنىپ، ئەلشىر ناۋاىيى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. گەرچە ھەممە ئالىملار ئەلشىر ناۋاىيىنىڭ ھېراتتا تۇغۇلۇپ، ھېراتتا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلسىمۇ زورمۇ-زور شىنجاڭدىكى ئۆزبېك ئەدىپلەر قاتارىغا سۆرەپ كىرىلىپ ھېچبىر ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشنى قىلدى. گەرچە ئەلشىر ناۋائىنىڭ زاماندىشى بولغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئۆزىنىڭ "تارىخى رەشىدە" دېگەن كىتابىدا ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئېنىق ئىسپات قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما كۆكەمە ئۆزبېك زىيالىيلىرى تارىخنى ئۆزى بىلگەنچە چۈشەندۈرۈپ كەلدى. لى بەينىڭ خىتايلىقىنى تالاشقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلشىر ناۋائىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە بولغان ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ئىدى. بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن ناۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ.
-2011يىلى -12ئاينىڭ -8كۈنى.

1 باھا:

Serwi Eserliri يازغان ئىنكاس

ھۆرمەتلىك ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئاكا يازمىڭىز كۆزلىرىمنى ياشلاتتى ، چۈنكى مەن ئەسقەر ھۈسەيىننىڭ قىزى. . دادامنى ئەسلەپ يازغان يازمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت !