2011-12-06

كۈرەش سۇلتان كۈسەن ۋاپاتىنىڭ 5يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىدىن كىچىكىنە ئەستىلىك

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت


كۈرەش سۇلتان ۋاپات بولغىلىمۇ بەش يىل بولدى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياندۇرغان چىرىقىنىڭ بالدۇر ئۇچۇپ قالماسلىقىنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق ئۇ بۇ ئارزۇلىرىنى ئوزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى. ئۇ ئارزۇ-ئارمانلارغا باي بىر ئىنسان ئىدى.ئۇ بۇ دۇنياغا تالاي ئارمانلار بىلەن تۇغۇلۇپ يەنە شۇ ئارمانلار بىلەن كەتتى. ئۇنىڭ ھاياتىدىن ۋە ئارزۇلىرىدىن راھەت تاپمىغان كۆڭلى ، سىقىلغان يۈرىكى ۋاقىتسىز سوقۇشتىن توختىدى. ئۇنىڭ ئۆلىم ئالدىدا كۆكۈرگەن لەۋلىرى، سۇزۇلغان قوللىرى ۋە تەلپۈنگەن كۆزلىرىدە تالاي سىرلار مۇئەمما بولۇپ قالدى.ئۇ ئەركىن دۆلەتتە ياشاپ ئالەمدىن كەتتى، ئەمما ئۇ بىر ئۆمىر ئىزدىگەن ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇ مۇھەببەتنى ،ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى، ئەمما ئۇنىڭ يۈرىكى چاڭقاشتىن قۇرىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى پەقەت ئوز غايىسىگىلا كۆمۈلگەن ئىدى. بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن چاتلانغاندۇ،بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن مۇڭلانغاندۇ، بەلكىم تالاي ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇللەڭەندۇ. ئۇ ئەنە شۇنداق قۇدرەت بىلەن ئىزدېرەكسىز كەتمىدى.ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى غايىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ قالدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يارقىن ئەمما جاپالىق ھاياتىنى يازنىڭ سەھەر بىر كۇنى ئۈرۈمچىدە باشلىغان ئىدى. بۇ دەل 1959-يىلى -ئاينىڭ 21-كۇنى ئىدى. دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباي ۋە ئاپىسى تىللاخان سەيىد ئاپتونوم رايونلۇق خەلق رادىئو ئىستانسىدا ئىشلەيتتى. دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباينىڭ ئىنىسى مەھمۇت قوزىباي 1955-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار 1960- يىلدىن باشلاپ نازارەت ئاستىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان 1963-يىلى چەتئەلدە تۇققۇنى بارلار تەشۋىقات ئورنىدا ئىشلىسە بولمايدۇ دىگەننى بانا قىلىپ ئۇلارنى كۇچارغا پالانغان. كۈرەش سۇلتان بۇ چاغدا 4 ياشتا ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇ كۇچاردا ياشاشقا باشلايدۇ. 1966-يىلى دادىسى سۇلتان مەھمۇت قوزىباي شەرقى تۇركىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى سۇپىتىدە نەزەربەنتكە ئېلىنىپ ئېغىر جىسمانى ئەمگەكلەرگە سېلىنىدۇ. كۈرەش شۇ يىلى ئۆزىڭ ئوقۇش ھايتىنى باشلايدۇ، ئەمما كۈرەش مەكتەپكە كىرىپ 3 يىلغىچە پانتۈركىسنىڭ بالىسى دېگەن بەتنام بىلەن مەكتەپ ئىچىدە باشقىلار تەرپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ ۋە ھەر خىل خورلۇقلارغا دۇش كېلىدۇ.1969-يىلى دادىسى سۇلتان مەھمۇت رەسمى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. كۈرەش شۇ يىلى چەتكە باغلانغان ۋەتەننى پارچىلىماقچى بولغان پانتۇركىسنىڭ بالىسى دېگەن جىنايەت بىلەن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. 1970- يىلى پاناسىز قالغان كۈرەش ۋە ئائىلىسى غۇلجىنىڭ جېلىليۈزى ناھيىسى چولىنقاي يېزىسىغا پالىنىدۇ. ئۇ يەردە ئوقۇش ئىمكانى بولمىغان. ئەمما غۇلجىدا دادىسىدىن دۇتار چېلىشنى ۋە ناخشا ئېيتىشنى ئۆگەنگەن.1974- يىلى غۇلجىدىن كۇچارغا قايتۇرۇپ كىلىنگەن. كۇچارغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قۇرلۇشتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆيدە سىڭىللىرىدىن دەرس ئۆگەنگەن. ئۇ قۇرۇلۇشتا ئىشلەش جەريانىدا كۇچار 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىدە ناخشا ئېيتىپ بەرگەن ۋە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان. 1977- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئوپىرا ئۆمىكىدىن ئادەم ئېلىشقا كۇچاغا ئادەم كەلگەن. كۈرەش ناخشا ئېيتىشتا بىرىنچى بولۇپ تاللانغان ئەمما ماڭىدىغان كۇنى سىياسى ئارقا كۆرۇنىشى پاك ئەمەس دېگەن سەۋەب بىلەن قايتۇرۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى يەنە مەركىزى مىللەتلەر تىياتىر ئومىكىگە تاللانغان، ئەمما يەنە شۇ سىياسى ئارقا كۆرۇنىشى سەۋەبى بىلەن قايتۇرۇۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمەكتە قۇشۇمچە ھەۋەسكارلار قاتارىدا ئىشلىگەن، ئەمما بىر قانچە ئايدىن كېيىن يەنە شۇ سىياسىي سەۋەب بىلەن ئۇ يەردىنمۇ قالدۇرۇۋەتكەن. قايتا- قايتا كەلگەن بۇ ئەلەملەردىن كۆڭلى يېرىم بولغان كۈرەش ناخشا ئېيتىشنى توختۇتۇپ دەرس ئۆگنىشكە كىرىشىپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رەسساملىققا شاگىرتلىققا كىرىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگۈنىدۇ. 1978- يىلدىن باشلاپ كۇچار تاشقى سودا قارمىقىدىكى گىلەم زاۋۇتىغا كىرىپ ئىشلەيدۇ گىلەم زاۋۇتىدا گىلەمگە دائىر بىر خەرىتە بولۇپ، بۇنى بىر ياپونلۇق مۇتەخەسسىس سىزىپ بەرگەن ئىكەن، ئەمما بىر ئىشچى ئىھتىياتسىزلىقتىن بۇ خەرىتىنىڭ بىر بۇرجىگىنى يىرتىۋېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن باشلىق ناھايىتى خاپا بولۇپ، ئۇنى ئىشتىن ھەيدىۋەتمەكچى بولىدۇ. كۆرۇش بىر كەچە ئولتۇرۇپ خەرىتىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن يېرىنى قايتىدىن سىزىپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن باشلىق بەك خوش بولۇپ كۈرەشنى گىلەم تۇقۇش سېخىدىن خەرىتە سىزىش ئىشخانىسىغا يۆتكەپ ئۇنى خەرىتە سىزىش خادىمى قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولىدۇ.بۇ جەرياندا ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىلەرگە بىرقانچە قېتىم تېخنىكلار ئۇچرىششىغا بارىدۇ ۋە شۇ جەرياندا ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپكە ئوقۇغۇچى ئالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كۈرەش كۇچادىن ئىمتىھان بەرسە يەنە سىياسى قالپاق بىلەن ئۇقۇشقا بارالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاقسۇغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ. 1979- يىلى 9- ئايدا ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇقۇشقا كىرىدۇ. 1982-يىلى سەنئەت مەكتەپنى پۇتتۇرىدۇ ۋە شۇ مەكتەپتە قېپ قالىدۇ. 1985-يىلغىچە شۇ مەكتەپتە ئىشلەيدۇ. 1985-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. 1986- يىلدىن باشلاپ تېلېۋىزورلاردا كۈرۇلىشكە باشلايدۇ. 1987-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى ياش سەنئەتكارلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولۇپ، نام چىقىرىدۇ.1987-يىلى 9-ئايدا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پاكولتىتىغا تاللىنىدۇ، ئەمما كۈرەش سەنئەتنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا پاكولتىتىغا ئۇقۇشقا كىرىدۇ.
1991-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۇرۇپ خىزمەت تەخسىماتىنى كۈتۈتىدۇ. ئوزى 5- ئوتتۇرغا بېرىشنى لايىق كۆرمەي، شەخسى ئىش باشلايدۇ. بۇ جەريانىدا "كۆز مۇنچاق"، "ھەسرەت" "ئېچىنىش"،"ئەركەك سۇ" نامىدا ئۈن ئالغۇ لىنتىسى چىقىرىدۇ. 1995-10-25-كۇنى چەتئەلگە چقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1996- قىرغىزىستانغا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئويغان تۇركىستان نامىدا 4 قىسىملىق ئۇن ئالغۇ لىنتىسى ئىشلەيدۇ.1999-يىلى 12-25-كۇنى شىۋېتسىيەگە كېلىدۇ.

كۈرەش سۇلتاننىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تېخى تۈگۈگىنى يوق. ئۇنىڭ 1987-يىلدىن تاكى 2006 -يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ئارلىقتىكى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى يازسا چوڭ توملۇق كىتاب پۈتىدۇ. مەن 1988-يىلدىن باشلاپ تاكى كۈرەش سۇلتان ۋاپات بولغىچە بولغان ئارلىقتىكى ھاياتىدا يۇز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەرگە ، ئىدىيىسىگە ، ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىگە شاھىد بولدۇم. ئۇنىڭ ھاياتىغا، مۇھەببەت، ئائىلە، نىكاھ ئىشلىرىغا ۋە ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سىرلار قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا پىنھان قالدى. ئادالەت، ھەققانىيەت ئېڭى ئاجىز بولغان مىللەتتە توغرا بىلەن خاتانى، ئاق بىلەن قارىنى ئايرىيدىغانلار ناھايىتى ئاز بولۇدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنى ئۆلچىگىدەك بىر ئەخلاقىي ئۆلمەممۇ يوق. ھەركىم ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى مەركەز قىلىپ ئادالەت ئۆلچىمىنى بىكىتىدۇ. ئىگىسى يوق بۇ مىللەتنى تالاپ يەيدىغان سۇخەنچى ئەبلەخلەرگە قارشى تۇرغۇدەك ھالى بولمىغان بۇ خەلق قۇربانلىرىنىڭ ئادالىتىگە قانداقمۇ ئىگە چىقالىسۇن!؟