2011-12-06

چىنىباغ راستىنلا "خىتاينىڭ بېغى"مۇ؟

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممت

چىنىباغ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممە شەھەر-يېزا، قىشلاقلىرىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچىرايدىغان يەر-جاي ناملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان باغ-ۋاران، گۈل-گىياھلارغا ھېرىسمەن خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان ماكانلارنى باغۇ-بوستانلارغا ئايلاندۇرۇپ، تەبىئىي گۈزەللىككە تۇيۇنغان باغلارنى بەرپا قىلىپ ياشاپ كەلگەن .شۇڭا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە "باغ" سۆزى بىلەن قوشۇپ ئاتالغان يېزا-قىشلاق ،مەھەللە ناملىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ. مەسىلەن:گۈلباغ،نۇرباغ،چىنىباغ،سايباغ،دۆلەتباغ،بېھىشباغ، شامالباغ،كېرەمباغ دېگەنلەرگە ئوخشاش.ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىنى بىلدۈرىدىغان بۇ ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىنىڭ گراماتىكىلىق قانۇنىيتىگە ماس ھالدا قوش ئىسىملاردىن تۈزۈلگەن ناملار بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ئالدىدىكى ئىسىم كەينىدىكى ئىسىم ئېنىقلاپ كەلگەن مەنىنىڭ قانداق سۈپەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتلىك رولىنى ئويناپ كەلگەن."چىنىباغ" دېگەن بۇ ئىسىممۇ بۇ قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. "چىنىباغ" دېگەن بۇ ئىسىم ئەسلىدە" چىنە" ۋە "باغ" دېگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىككى ئىسىمنىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش قانۇنىيتى ۋە تىل تەلەپۇزىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىش ئادىتى بويىچە "چىنەباغ" دېگەن بۇ ئىسىم "چىنىباغ" بولۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ۋە يېزىق تىلىدىمۇ شۇ بويىچە يېزىلىدىغان قائىدە شەكىللەنگەن.
چىنىباغ -ئۇيغۇر تىلىدا چىنىدەك پاكىز، جانان چىنىدەك چىرايلىق ۋە رەتلىك باغ دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ياخشى كۆرۈدىغان باغلارغا كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ئاشۇنداق چىرايلىق ناملارنى قۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەدەبىي تەسۋىرلەردىمۇ چىنىدەك پاكىز، جانان چىنىدەك چىرايلىق، جانان چىنىدەك جىرىڭشىپ تۇرۇدىغان... دېگەندەك سۈپەتلەر كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
گەرچە "چىنىباغ" دېگەن بۇ يەر نامى ئۇيغۇر تىلىدا" چىنىدەك پاكىز باغ "دېگەن مەنىنى بەرسىمۇ ئەمما ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تور بەتلىرىدە بۇ نام ئۇيغۇر تىل قانۇنىيتىگىمۇ، ئىلىم ئەخلاقىغىمۇ ماس كەلمىگەن ھالدا "چىنىباغ" "خىتاينىڭ بېغى" دېگەن ئىزاھات بىلەن چۈشەندۈرۈلمەكتە. "چىنىباغ " دېگەن بۇ ئاتالغۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىغا -20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە تۇرغان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ تارىخى ھۆجەتلىرى، شىۋېتسىيە مىسسيونىرلىرىنىڭ يازمىلىرى ۋە ئەينى يىللىرى قەشقەرگە بارغان تەۋەككۈلچى ئېكىسپىدىتچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىرىگەن بولۇپ ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قەشقەردىكى چىنىباغ دەپ ئاتالغان مەھەللىگە جايلاشقانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.مەسىلەن:شىۋېتسىيەدە نەشىر قىلىنغان سۋېن ھېدىننىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان زور ئەجىملىك ئەسەر "ھەقىقىي تەۋەككۈلچى" ناملىق كىتاپتا "چىنىباغ -تۈركچە سۆز بولۇپ ،خىتاينىڭ بېغى دېگەن مەنىدە " دەپ ئىزاھات يازغان.
ئەمەلىيەتتە، "چىنىباغ" نامىدا ئاتالغان جايلار ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن يېزا، كەنت، مەھەلىلەر بولۇپ، خىتايلار بۇ يەرلەرگە باغ پەرپا قىلىش ئەمەس بەلكى، ئاياقمۇ بېسىپ باقمىغاندۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلارغا "خىتاينىڭ بېغى" دەپ ئىسىم قۇيۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان مەنتىقىسىزلىقتۇر. ئەگە خىتايلار تەرپىدىن قۇيۇلدى دەپ پەرەز قىلىنسا خىتايلار ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە سۆزنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسىم ياسىمايدۇ، ئەكسىچە ساپ خىتايچە ئىسىم ياسايدۇ.
مەيلى قايسى تەرەپتىن تەھلىل قىلمايلى بۇ ئىلىم ساھاسىدىكى چوڭ بىر خاتالىق. بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي دىقەتتەبولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
-2011يىلى-8ئاينىڭ-25كۈنى